يالقۇن روزى بىلەن پەرھات تۇرسۇن ئوتتۇرىسىدىكى بۇ جىدەلدە، پەرھات تۇرسۇن ۋە ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرى پاكىتنى ئاساس قىلماي قارشى تەرەپنى تىللاشنى ئاساس قىلىپ كەلدى.ھەتتا بىر قىسىم كىشىلەر قارىماققا پەرھات تۇرسۇننى ياقىلىغاندەك كۆرۈنسىمۇ، بىراق ئاخىرقى ھېسابتا ئۇلارنىڭ ئەخمىقانىلىقى پەرھات تۇرسۇننىڭ ئىناۋىتىنى تۆكۈش ۋە پەرھات تۇرسۇننىڭ پاسسىپ ئورۇنغا چۈشۈپ قېلىشى بىلەن نەتىجىلەندى.بىز ھازىرنىڭ ئۆزىدە مۇنازىرە قىلىۋاتقان تېمىنىڭ ئاپتورى بولمىش مەمتىمىن ئەلا قارىماققا پەرھات تۇرسۇننى ياقىلاپ ئۇنى ئاقلىغاندەك قىلغان بىلەن ئەمىلىيەتتە ئۇنىڭ نىيىتىمۇ باشقىچىدەك تۇرىدۇ.
بىرىنچىدىن:مەمتىمىن ئەلا ئۆزىنىڭ باياناتنامىسىدە «1420»دېگەن سان ئۈستىدە توختىلىپ،«ئەسلى ئەسەردە بۇ سان يىگىرمە نەچچە خانىلىق سان ئىدى»دەپ يېزىش ئارقىلىق، پەرھات تۇرسۇن نەچچە يىلدىن بېرى«بۇسان _ مېنىڭ چاقىرغۇ نومۇرۇم ئىدى»،«بۇسان _ ئاتۇش يولىدىكى مۇساپە كۆرسەتكۈچىدىكى سان ئىدى»دېگەندەك چۈشەندۈرۈشلىرىنى ئىنكار قىلىپ، ئۆزىنىڭ «ھەقىيقى ئەھۋال»نى ئۇقۇدىغانلىقىدىن دېرەك بەردى.ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشى خۇددى، پەرھات تۇرسۇنغا :«سىنىڭ چۈشەندۈرۈشلىرىڭ يالغان ، سەن نېمىشقا يالغان سۆزلەيسەن؟»دېيىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.
ئىككىنچىدىن:مەمتىمىن ئەلا ئەپەندى، باياناتنامىسىدە: «ئەقەللى شاھىدلىق ئەخلاقى»نى ئەسكەرتكەن بولسىمۇ ،بىراق، بىر قانچە يەردە يالقۇن روزىنىڭ شەخسىيىتىگە تېگىدىغان ھاقارەت سۆزلىرىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق،قەستەن پەرھات تۇرسۇننىڭ ئىناۋىتىنى تۆكمەكچى بولغاندەك تۇرىدۇ. چۈنكى ، پەرھات تۇرسۇن تەرەپدارلىرى، باشقىلارغا ھاقارەت قىلىش، تۆھمەت قىلىش ئارقىلىق پەرھات تۇرسۇننى پاسسىپ ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويغان ئىشلار ئىلگىرىمۇ بولغانىدى.
http://bbs.xabnam.com/read.php?tid-46718-keyword-.html بۇ تېمىغا قاراڭ
ئۈچۈنچىدىن:مەمتىمىن ئەلە ئەپەندى يازمىسىدا:« «پەرھات، رومانىڭدا پېرسوناژلارنىڭ روھىي ھالىتى ۋە قارىشى ھەققىدە ئۇزۇندىن ئۇزۇن بەرگەن لوگىكىلىق نۇقتىئىينەزەرلىڭنى ياقتۇرمىدىم. سەن سەنئەتنى ئۆزۈڭنىڭ پەلسەپىۋى قاراشلىرىڭنى ئوتتۇرىغا قويۇشنىڭ ۋاسىتىسىغا ئايلاندۇرۇپ قويۇپسەن. ئەسىرىڭدىن قويۇق سەنئەت ھىدىنى ھېس قىلغۇم بار ئىدى.» دەپ يېزىش ئارقىلىق پەرھات تۇرسۇننىڭ جانتىكىپ قوغداۋاتقان نادىر ئەسىرى«ئۆلىۋېلىش سەنئىتى»نىڭ سەنئەت قىممىتىنىڭ ئىنتايىن تۆۋەنلىكىنى ئىتىراپ قىلىش بىلەن بىللە ئەسەرنىڭ پەرھات تۇرسۇننىڭ «پەلسەپىۋىي قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنىڭ ۋاسىتىسىغا ئايلىنىپ قالغانلىقى»نى ئىتىراپ قىلغان.«پەلسەپە» نىڭ مەزمۇن دائىرىسى ئىنتايىن كەڭرى بولغاچقا، مەمتىمىن ئەلا ئەپەندى مۇشۇ جۈملە ئارقىلىقلا پەرھات تۇرسۇنغا «تۆھمەت» قىلغۇچىلارنىئىنتايىن كەڭرى بولغان ئويلىنىش مۇھىتىغا باشلاپ قويغان.
مەمتىمىن ئەلا يازمىسىدا يەنە: «ئۇشبۇ ھۆكۈم ئۇيغۇر زىيالىيلار قاتلىمىنى مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە تەۋرىتىپلا قالماستىن، يەنە، تېخىمۇ ئەپسۇسلىنارلىقى، پەرھاتنىڭ مەنىۋى ھاياتىنىمۇ ئىزىدىن چىقىرىۋەتتى __ پەرھات تا قىيامەتكىچە سوزۇلىدىغان دەۋادا دەۋاگەرگە ئايلاندى.» دەپ يېزىش ئارقىلىق :«پەرھات تۇرسۇننى «مەنىۋى ھاياتى ئىزىدىن چىققان» مەنىۋىيىتى ساغلام بولمىغان بىر ئادەم ، ئۇنىڭ بىلەن ئارتۇقچە مۇنازىرىلىشىشنىڭ ھاجىتى يوق» دېمەكچىمۇ قانداق؟
مەيلى بىز مەمتىمىن ئەلانىڭ بۇ بايانىتىنى قايسى نوقتىدىن تۇرۇپ كۈزەتمەيلى، ئۇنىڭ پەرھات تۇرسۇننى ئاقلاش ئارقىلىق يالقۇن روزىنىڭ كەتمىنىنى چېپىۋاتقانلىقىنى ،ھېچ بولمىغاندا «ئۆلىۋېلىش سەنئىتى »ناملىق «پەرھات تۇرسۇننىڭ پەلسەپەۋىي قاراشلىرىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنىڭ ۋاستىسى » بولغان نادىر ئەسەرنىڭ مۇھەررىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك مەسئۇلىيەتتىن قېچىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلالايمىز.