مەن ئەسلى بۇ تىمىنى مىھمان سۈپتىدە كۆرۈپ كىلىۋاتقان ئىدىم . بىراق تېمىنى باشتىن ئاخىرى تولۇق ئوقۇپ چىقىپ بەزى مەسىللەر توغىرىسدا گەپ قىلىپ قويۇش زۆرۈر ئىكەن دەپ ئويلۇدۇم . بۇ ئىككى '' مەشھۇر '' زاتنىڭ زىدىيتى مۇنداق باشلانغاندەك تۇرۇدۇ . پەرھات تۇرسۇن '' مەمەتئەلى ئەپەندى '' دىگەن كىتاپتا يالقۇن روزىنىڭ ئابىلكىم زوردۇن مىرھەمەت سىيىت ۋە يۇسۇپجان ياسىن قاتارلىقلارنىڭ يازمىسدىن پايدىلىنىپ ئۇنى ئۆزىنىڭ نامىدا چىقىرۋالغانلقتىن ئىبارەت بۇ رەزىل قىلمىشىغا ئاچچىغى كېلىپ باشقىلار بىلەن ئالاقىدار ئورۇنلارغا ئەرىز قىلىش ئىشىغا چېتلىپ قالغان . شۇنىڭ بىلەن يالقۇن روزىغا ئالاقىدار ئورۇنلار تەرىپىدىن مۇناسۋەتلىك جازا بىرىلگەن .
بىراق ئۇ پەرھات تۇرسۇننىڭ بۇ ئىشىنى قەتئى ئۇنتۇپ قالمىغان . ئۆلىۋلىش سەنئىتى دىگەن رومان نەشىر قىلىنغاندىن كىيىن ئۇ كونا قىساسىنى ئېلىش پەرھاتنى بىر ئۇچۇغداپ قويۇش ئۈچۈن روماندىكى 1420 دىگەن سانغا ئېسلىۋلىپ خەلقنىڭ دىنىي ھىسىياتىدىن پايدلىنىپ ئىشنى باشلىغان . نادان ئوقەرمەن شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ قىلتىقىغا چۈشۈپ بەزىلىرى ھەتتا بۇ كىتاپنى ئوقۇپمۇ باقمايلا پەرھاتنى تىللاشقا قاغاشقا باشلىغان . شۇنىڭ بىلەن بىز 3 يىلدىن بىرى توردا مۇنازىرە قىلىپ ئايىغنى چىقارالمايۋاتقان بۇ مۇنازىرە باشلىنىپ كەتتى . كىسىپ ئېيتىشقا بولدىكى يالقۇن روزىنىڭ باشقىلارنىڭ يازمىسدىن پايدىلانغانلقى راسىت .بىراق ئۇ بىر كىتاپنى تەل تۆكۈس كۆچۈرمىگەن ! ئەگەر يۇقارقى 3 كىشىنىڭ كىتاۋىنى تولۇق كۆچۈرۋالغان بولسا ئالاقىدار ئورۇنلار تەرىپىدىن تەل -تۆكۈس بىر تەرەپ قىلىنىپ قانۇنىي جەھەتتە ۋە ئىقدىساھى جەھەتتە تولۇق جازالانغان بولاتتى . كىتاپقا ئىسمىنى يىزىش ھوقۇقدىنمۇ ئېلىپ تاشلىناتتى .
پەرھات يالقۇن روزىنىڭ بۇنداق رەزىل ۋاستىنى قوللۇنۇپ ئۆچ ئۋلىشنى خىيالىغا كەلتۇرۇپ باقمىغاچقا باشتا گاڭگىرىغان . ئاندىن غەزىۋى 40 گەز ئۆرلەپ يالقۇن روزىغا ، باتۇر روزىغا قارشى بىر قانچە ماقالنى توردا ئىلان قىلىشقا باشلىغان .
نىمىشقا ئۇ ماقالىسنى يالقۇندەك ئاشكارا مەتبۇئاتا ئىلان قىلالمايدۇ ؟ بەك ئاددى پەرھات دىگەندەك يالقۇننىڭ ساۋاقداشلىرى ھازىر ئاساسلىق ژورناللارنىڭ مەسئۇلى بولۇپ بولدى . ئۇلار ساۋاقدشىنىڭ يۈزىنى قىلمىسا بولمايدۇ . پەرھات يىڭى شېرىيەت ھادىسسى ۋە ئۇنىڭ ۋەككلىرنى بەزى ئاشكارا بەزى بەزى يېپىق ھالدا تۈپتىن ئىنكار قىلدى . مەسخىرە قىلدى . شۇنىڭ بىلەن يىڭى شېرىيەتكلەرنى قوللىغان ۋە سورۇن ھازىرلاپ بەرگەن بۇ كىشىلەر پەرھاتتىن ئىبارەت بۇ يازغۇچۇنىڭ ئەسەرلىرنى ئىشلتىشتىن باش تارتتى . جۇملىدىن يالقۇن روزىغا قارشى يازغان ماقالىسى ئۇلار تەرىپىدىن رەت قىلىندى . پەرھات ئاخىرى بولالماي ئۇنى توردا ئىلان قىلدى .
يالقۇن روزىنىڭ خاتالقى ئۇنىڭ سۇيقەسىتچلىكىدە .
پەرھاتنىڭ دۆتلكى ئۆزىگىمۇ بىركىشلىك چېكىنىش يولى قالدۇرماي ، ھەممىنى ئىنكار قىلىپ ،ئوبدان ئوبدان دوسىتلىېرنى رەنجىتىپ ، ئوچۇقىنى دىگەندە مۇناسۋەتكە دىققەت قىلماي ،گېپىم بار دەپ دەۋىرىپ ، باشقىلارنىڭ كۆڭلىنى چىگىپ ئۇيغۇر مەتبۇئاتلىرنى ئاساسى جەھەتتىن قولدىن بىرىپ قويغانلىقىدا . كىيىنكى كۈنلەردە تارىم ژورنىلى ۋە قىزىلسۇ ژورنىلدىن ئايىرلىپ قالسا ئۇيغۇر مەتبۇئاتلىرىدىن ئاساسى جەھەتتىن ئايرلىپ قالغان بولىدۇ .
بىز بولساق بۇ ئىككسىنىڭ شەخسى زىدىيتى ئۈچۈن چاپان سېلىپ يۈرگەنلەر بىز . شۇڭا تەكلىپ مەسلنى ئۇلار ئۆزلىرى ھەل قىلسۇن . ھەل قىلالمىسا كۈنلەردىن بىر كۈنى ئۇنى ھەل قىلدىغان ئىگىسى بار . بىز ئۆزىمىزنى ئاۋارە قىلمايلى .ھىچقانداق پايدسى يوق . ئاخىرى چىقمايدىغان ئىش بۇ .
[ بۇ يازما kuzetkuchi تەرپىدىن 2008-03-20 03:32 دە ق ]