جىدەلخورنىڭ مۈشۈك ئۆلتۈرۈشى
يوللانغان ۋاقتى : 2009-11-17 13:32:44 كۆرۈلۈش سانى : 1345
كىچىك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
جىدەلخورنىڭ مۈشۈك ئۆلتۈرۈشى
جىدەلخور باس باس مۇنبىرىدە بىر يىرتقۇچ يولۋاسنى ئۆلتۈرۈپ خىزمەت كۆرسەتكەچكە،باس باس مۇنبىرىنىڭ مۆھتۈرەم ئاق ساقىلى،جانابى ئامبال تىلماچ بىننى تەرجىمان ئابدۇرەھىم ئەپەندى، قائىدىنى بۇزۇپلا ئۇنىڭغا «تۆمۈر تاۋاق»تىن بىرنى بېرىپ سەركەردە قىلدى. جىدەلخور گەرچە ئۆزىنىڭ ھېچقانداق مەدەنىيەت سەۋىيىسى بولمىسىمۇ، توردشلار ھەۋەس قىلىدىغان بۇ تاماق قاچىسىغا ئېرىشكەنلىكىنىڭ كاتتا ئىش ئىكەنلىكىنى بىلەتتى. بىر كۈنى جىدەلخور دىجۇرنىلىك قىلىۋاتقاندا، قول ئاستىدىكى بىرى ئېلىپ كەلگەن «ئۇيغۇر تورچىلىقى بويىچە مۇنبەر،چايخانىلاردىكى تورداشلارىنىڭ يولۋاس ئۆلتۈرۈش بويىچە تەربىيىلەش كۇرسىغا قاتنىشىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى كۆردى. ئۇقتۇرۇشتا: بارلىق تورداشلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق كۇچادىن ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان يۇقىرى ماھارەتلىك چامباشچى نەسلىمنىتەكلىپ قىلىنغانلىقى، پۈتكۈل تورداشلار بويىچە تەربىيىلەش ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى يېزىلغان. شۇنىڭدەك «بىر ئادەم تەربىيىلەش ھەققىگە ھەر قاراردا 20 سەر سوم تاپشۇرىدۇ، ئەگەر قاتناشمىغۇچىلار بولسا مۇنبەرگە تىزىملىتىش، مۇنبەرلەرگە تىما يوللاش لاياقىتى ئېلىپ تاشلىنىدۇ، ھەتتا مۇنبەرلەردىكى ئىسمى چەكلىنىدۇ» دېيىلگەنىدى. جىدەلخورنىڭ بۇ جەھەتتىكى ماھارىتى يۇقىرى، قورقماس، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان بولغاچقا، تەربىيىلىنىشىنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى. بىراق ئۇقتۇرۇشتا ھەممەيلەننىڭ جەزمەن قاتنىشىدىغانلىقى ئېيتلغانىدى. بۇ قانداق بولغىنى؟ جىدەلخور باس باس مۇنبىرىكى تەربىيىلەش ئورنىنىڭ ئالدىغا ئەمدى كېلىپ تۇرۇشىغا، ئىچكىرىدىن دەتالاش قىلىشىۋاتقان ئاۋاز ئاڭلاندى. بىرى «ياق، سىلەر تەشكىللەپ قويۇپلا 20 سوم ئالساڭلار كۆپ بولۇپ كېتەرمىكىن» دېسە، يەنە بىرى: «ئەگەر بىز ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەشكىللىمىسەك، سەن بۇنچىۋالا ئادەمنى قانداق يىغالايتتىڭ»دەۋاتاتتى.جىدەلخور ئىچكىرىگە كىرىپ قارىسا، ئەسلىدە تەكلىپ قىلىنغان چامباشچى ئۇستام نەسلىم بىلەن تىلماچ ئەپەندى ھېلىقىدەك تالاش-تارتىش قىلىشىۋاتقانىكەن. جىدەلخور ئۆزىنىڭ يولۋاس ئۆلتۈرۈش تەجرىبىسى بارلىقىنى، كۇرسقا قاتناشمىسىمۇ بولىدىغانلىقىنى ئېيتىۋېدى، جانابى بۇزرۇكۋار تىلماچ ئەپەندى جىددىي تەرىزدە سۆزلەپ كەتتى: «ياق، ياق، گەرچە سەندە تەجرىبە بولسىمۇ، نەزەرىيىۋى ئاساس يوق. ھازىرقى جەمئىيەت ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتسا، يېتەرلىك نەزەرىيىۋى بىلىمىڭ بولمىسا زامانغا قانداق يېتىشىپ ماڭالايسەن ۋە بىلىملىك قىزلارنى كەلتۈرەلەيسەن؟ يەنە كېلىپ بۇ مۇنبەرلەرگە ئىسىم تىزىملاش،تىما يوللاش بىلەن چېتىلىدىغان ئىش.قىز كەلتۈرۈش ئۈچۈن بولسىمۇ يەنىلا قاتناش. ھازىرقى جەمئىيەتتە توي قىلماي ئولتۇرۇپ قالغان قىزلارنىڭ ساماندەك ئىكەنلىكىنى بىلىشىڭ كېرەك».جىدەلخور تىلماچ ئەپەندىنىڭ ئۆزى ئۈچۈن غەم يەۋاتقانلىقىنى ئويلاپ، چىشىنى چىشلەپ بىرەر قىز كەلتۈرۈش ئۈچۈن بولسىمۇ تىزىمغا ئالدۇرۇپ كۇرسىغا قاتناشتى. كۇرستا ئوقۇش باشلاندى،جىدەلخور بىر يەردە ئولتۇرۇپ نەسلىمنىڭ يولۋاسنىڭ تەدرىجىي تەرەققىياتىدىن ھازىرقى ھالىتىگىچە، ئادىتىدىن يېتىلىشىگىچە، تېرە تۈكىدىن ساغرىسىغىچە سۆزلىگەن بىر تالاي نەزەرىيىلىرىنى ئاڭلاپ بېشى قاتتى. ئاخىرىدا چامباشچى ئۇستام نەسلىم ئاددىي بىرقانچە ماھارەتلەرنى كۆرسىتىپ قويۇپ «يولۋاسقا يولۇققاندا جەزمەن ئەسقاتىدۇ» دېدى. ئەڭ ئاخىرىدا ئۇ ساۋاقداشلارنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسىنى كۆرۈپ بېقىش ئۈچۈن ھەربىر ئوقۇغۇچىدىن بىردىن يولۋاس ئۆلتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى. جىدەلخور بۇنى ئاڭلاپ چۆچۈپ كەتتى، ئۇ ئىچىدە: «بۇنچىۋالا جىق يولۋاسنى نەدىن تۇتۇپ كەلگىلى بولىدۇ؟» دەپ ئويلىدى. بىراق چامباشچى ئۇستام نەسلىم بىرمۇنچە مۈشۈكنى كۆتۈرۈپ كېلىپ ھېجايغان ھالدا كۆپچىلىككە: «ساۋاقداشلار، بۇ مۈشۈك. يولۋاس بىلەن ئوخشاش، ھەممىسى مۈشۈك ئائىلىسىگە تەۋە، مۈشۈكنى ئۆلتۈرگەنلىك يولۋاسنىڭ ئەجدادىنى ئۆلتۈرگەنلىك، كېلىڭلار ھەربىرىڭلار بىردىن ئۆلتۈرۈڭلار» دېدى.جىدەلخور ئىچىدە: «شۇنداقلا تۈگىدىما؟ بۇ پۇلىمىزنى ئالداپ ئېلىۋالغانلىق ئەمەسمۇ؟جانابى تىلماچ بوۋام توي قىلالماي ئولتۇرۇپ قالغان قىزلارنى كەلتۈرۈش ئۈچۈن بولسىمۇ كۇرۇسقا قاتناش دىگەن ئىدى، شۇ قىزلارنى دەپ 20 سومنىڭ كۆزىگە ياغاچ تىقىپ،بۇ يەرگە كەلسەم ھىلىغۇ ئولتۇرۇپ قالغان جومباقلار ئىكەن،چىشى چۈشۈپ كەتكەن ماك-ماك مومايدىن بىرسىمۇ كۆرۈنمەيدىغۇ؟» دېدى. نۆۋەت ئۇنىڭغا كەلگەندە بىكارلا «قۇدۇققا چۈشۈپ كەتكەن» 20 سومنىڭ ئاچچىقىدا مۈشۈكنى بىر تېپىۋېدى، بىچارە مۈشۈك مىياڭلىغانچە قان قۇسۇپ تام تۈۋىگە پوككىدە چۈشتى. جىدەلخور ئۆزىنىڭ جاھان كەزدى پالۋان ئىكەنلىكىنى، مەيلى خاراكتېر ياكى مىجەز جەھەتتىن بولسۇن رەڭلىك سورۇنىغا مۇناسىپ كەلمەيدىغانلىقىنى ئويلاپ يېتىپ، بىرقانچە كۈندىن كېيىن مۇنبەر سەركەردىلىكىدىن ۋاز كېچىپ، يۈرۈگىدىن سۆيگەن قىز دوستى ئانارىنى ئىلىپ تەلكە تاغلىرىدا قاراقچى بولۇپ كەتتى. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ھازىر جىدەلخور بىلەن ئانارنىڭ بىر ئوغلى بارمىش،ئىسمىنى ئۇرۇشقاق قويۇپتىمىش... |
|