|
تىل - يېزىق | ئۇيغۇر تىلى | خەنزۇ تىلى | ئىنگلىز تىلى | روس تىلى |
|
سىز كىرگۈزگەن ئاچقۇچلۇق سۆزجەمئىي 6923 پارچە ئۇچۇر تېپىلدى |
ئالدانغان يۈرەك(شئېر) 2009-11-17 |
ئالدانغان يۈرەك سۆيىمەن دېگەنتىڭ يۈرىكۈم بىلەن، كۆيىمەن دېگەنتىڭ پاك قەلبىم بىلەن، مەنمۇ ھەم سۆيگەن ... |
جىدەلخورنىڭ مۈشۈك ئۆلتۈرۈشى 2009-11-17 |
جىدەلخورنىڭ مۈشۈك ئۆلتۈرۈشى جىدەلخور باس باس مۇنبىرىدە بىر يىرتقۇچ يولۋاسنى ئۆلتۈرۈپ خىزمەت كۆرسەتكەچكە،باس باس مۇنبىرىنىڭ مۆھتۈرەم ئاق ساقىلى ...... |
ئاي يۈزۈڭ 2009-11-17 |
ئاي يۈزۈڭ مىنىڭ سۆيگۈنۈم سەن مىنىڭ سۆيگۈنۈم، كۆزۇڭ شەھلامىدۇ؟سىنىڭ خۇمارمىدۇ؟ چىھرىڭ گۈلمىدۇ؟سىنىڭ زەيتۇن ... |
بىر يىگىتنىڭ كوچىسى 2009-11-17 |
بىر يىگىتنىڭ كوچىسى نەسىر ئابابەكرى ئابدۇقادىر تەنھا 1جاھاندىكى جىمىي مەۋجۇدىيەتنىڭ باھارى بولغىنىدەك بۇ كوچىنىڭمۇ باھارى گۈللەپ - ياشنايتتى. بۇ كوچىنى بىلىدىغانلارنىڭ بۇ كوچىدا بىر قېتىم بولسىمۇ مېڭىپ باققۇسى كىلەتتى.چۈنكى، پاكلىق پۇراپ تۇرغان بۇ كوچا خېلى كۆپ ئادەمنىڭ مەيلىنى تارتاتتى. ئەمما بۇ كوچا ئۇنداق - مۇنداق ئادەملەرنى ئۆز باغرىغا سىغدۇرمايتتى. ئۇ قالايمىقان ئادەملەرنىڭ ئۆزىدە مېڭىپ باغرىنى زىدە قىلىشىنى خالىمايتتى. ...... |
ئۆلۈمگە مەھكۇم دادىلار 2009-11-17 |
جەمئىيەتنىڭ ئۇچقاندەك تىز تەرەققىي قىلىشىغا، تەشۋىقات ۋاستىلىرىنىڭ كۆپىيىشىگە، قانۇن - تۈزۈم كۆز قارىشىنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ پۇقرالار نىمىنىڭ جىنايەت ئىكەنلىكىنى بىلىشكە، قانۇن ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداشنى بىلىشكە، قانۇن بىلەن ئوينىشىپ جىنايەت ئۆتكۈزۈپ قاباھەتلىك قىسمەتلەرنىڭ كىلىپ چىقىشىغا بىۋاستە سەۋەبچى بولۇپ ئاتا - ئانىسىنى، ئۇرۇق - تۇققانلىرىنى ھەسرەت دېڭىزىغا ئىتتىرىپ قاراڭغۇ تۈرمىگە يول ئالغانلارنىڭ ئېچىنىشلىق تەقدىرىدىن ئىبرەت ئېلىشقا، قانۇنغا بولغان ھۆرمىتى كۈچىيىشكە ۋە قانۇن ئېڭى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشكە باشلىدى.لېكىن ئاز ساندىكى بىر قىسىم ئىنسان قېلىپىدىن چىققان، ۋىجدانىنى قۇرت يەپ كەتكەن ھايۋان تەبىئەتلىك، پەسكەش ئادەملەر ئۆزىنىڭ سىڭلىسىدەك، قىزىدەك نارەسىدىلەرگە قارا قولىنى سۇنۇپ، ئۇلارنى خالىغانچە ئاياغ - ئاستى قىلىپ ئۇلارنىڭ سۈتتەك پاك، بىغۇبار قەلبىدە قورقۇنچلۇق قارا داغلارنى پەيدا قىلماقتا. ئۇلارنى ئادەمدەك ياشاش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىپ مۇدھىش قارا ھاڭلارغا ئىتتىرمەكتە.كىچىك چېغىمدىن تارتىپ ( شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى ) نى ئوقۇشنى قەتئىي تاشلاپ قويمايتتىم. ئۇنىڭ ھەر بىر سانىدىكى قىزىقارلىق خەۋەرلەر، تىپىك دىلو مىساللىرى ۋە ئېچىنىشلىق قاتىللىق ۋەقەلىرىنى قىزىقىپ ئوقۇيتتىم.ھاراق ئىچىپ مەست بولغاندىن كىيىن ئۆزىنى باشقۇرالماي كىچىككىنە ئاچچىقنىڭ كەينىگە كىرىپ گۇناھسىز ئادەملەرنىڭ ھايات دەرىخىگە پالتا ئۇرۇۋاتقان، كوچىدا خىيالى كىتىپ بارغان گۇناھسىز ئاجىزەلەرنىڭ ئىپپەت ...... |
ئىپپەت زار - زار يىغلايدۇ 2009-11-17 |
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جەمئىيەتنىڭ ئۇچقاندەك تىز تەرەققىي قىلىشى، بازار رىقابىتىنىڭ كەسكىنلىشىشى، ئىقتىسادنىڭ يەر شارىلىشىشى، پۇل ئېڭىنىڭ كۈچىيىشى، تۈرلۈك مەدەنىيەتلەرنىڭ ئۆز - ئارا سىڭىشىشى، ئەخلاق ئىكولوگىيىسىنىڭ زور دەرىجىدە بۇلغىنىشى بىلەن تەڭ ئۇيغۇر ئەر - ئاياللىرىنىڭ ئەنئەنىۋىي قىممەت قارىشى جىددىي خىرىسقا دۇچ كەلدى ۋە ئاستا - ئاستا يىمىرىلىشكە باشلىدى.نەتىجىدە ئارىمىزدا كىچىكىدىن تارتىپ بېقىپ چوڭ قىلغان مىھرىبان ئاتا - ئانىسىدىن، ئۇرۇق - تۇققان، قان - قېرىنداشلىرىدىن، سۆيۈملۈك يۇرتىدىن، ۋاقتى كەلگەندە نەچچە يىل ئۆي تۇتقان ھالال جۈپتىدىن، تېخى ئاغزىدىن ئانا سۈتى تېمىپ تۇرغان سەبىي بالىلىرىدىن ۋاز كىچەلەيدىغان، شەيتاننىڭ مۇخلىسىلىرى بولمىش بىر تۈركۈم مەسئۇلىيەتسىز، ۋاپاسىز، ھاياسىز، ھايۋان تەبىئەتلىك بىر قىسىم ئەر - ئاياللار پەيدا بولۇشقا باشلىدى.نەچچە ئەسىرلەردىن بۇيان ئۆزىنىڭ باتۇر - قورقۇمسىزلىقى، ئىشچان - چىداملىقلىقى، مەسئۇلىيەتچان - ۋاپادارلىقلىقى ۋە گۈزەل - پاكىزلىقلىقى، نومۇسچان - ھايالىقلىقى ۋە لىۋەن - لاتاپەتلىكى بىلەن جاھان ئەھلىنى ھەيرەتتە قويغان بىر قىسىم ئۇيغۇر ئەر - ئاياللىرى مانا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئۆزلىرىنىڭ ئەنئەنىۋىي گۈزەل ئەخلاقىنى، شەرمىي - ھاياسىنى ۋە ...... |
ۋاقىتقا رىئايە قىلىڭ 2009-11-17 |
دەۋر قەدىمىنىڭ ئۇچقاندەك تىز تەرەققىي قىلىشى ئىجتىمائىيىتىمىزنى نۇرغۇنلىغان قولايلىق شارائىت ۋە بۇيۇملارغا تولدۇرۇۋەتتى. تېخى ئون نەچچە يىل بۇرۇن بىر كۈندە مېڭىپ بولىدىغان يولنى ھازىر يېرىم سائەتكە قالماي بېسىپ بولىدىغان، بېرىش خۇشياقمىسا بىجىرىشكە تىگىشلىك ئىشنى بىرلا تېلېفون ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىدىغان بولدۇق. نۇرغۇن ئىشلىرىمىز ئاسانلاشتى - يۇ، ئەمما ۋاقتىمىز يەنىلا يىتىشمەي قالدى. بەزىلىرىمىز نىمىگىدۇر ئالدىرىساق يەنە بەزىلىرىمىز بىكارچىلىقتىن ئالدىرايدىغان بولدۇق. ئەمما ۋاقىت كۆز - قارىشىمىز بىر سەۋەبلەر بىلەن ياخشىلىنىشقا باشلىدى.ئەتراپىمىزدا بىر قىسىم ئادەملەر باركى، ئۇلار ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي چەمبىرىكى ئىچىدىكى يىقىنلىرىنى ساقلىتىش، ئۇلارنىڭ قىممەتلىك ۋاقتى بىلەن ھىسابلاشماسلىق بەدىلىگە ئۆزىنىڭ ئاللىقانداقتۇر ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش يۈرۈشمەكتە.يىقىندا بىرسى ( مىنى بىردەم ساقلاپ تۇر. يېرىم سائەتكە قالمايلا كىلىمەن. ) دەپ قويۇپ نەگىدۇر كىتىپ قالدى. يېرىم سائەت ئۆتتى، يوق. بىر سائەت ئۆتتى، يوق. ئىككى سائەت ئۆتتى، يەنە يوق. تېلېفون قىلدىم. ئۇلاندى - يۇ، ئۈزۈۋېتىلدى. مىنىڭمۇ ئالدىراش ئىشىم بار ئىدى. ئەمما ئۇنى ساقلىمىسام تېخى بولمايتتى. ئاخىرى كەچمۇ بولدى. يوق. شۇنداق قىممەتلىك ۋاقتىمنىڭ بىھۇدە ئىسراپ بولغىنىغا ئەمەس، ئۆزۈم ئىشەنگەن ئاشۇ ئادەمنىڭ مىنى ئەخمەق قىلغىنىغا ئاجايىپ غەزىپىم كەلدى. ...... |
چولتا يەكۈنلەر 2009-11-17 |
1 . كىتاب ئوقۇماسلىق قانۇن تەرىپىدىن جازالانمايدىغان جىنايەتتۇر.2 . شېئىر - روھنىڭ پىچىرلىشىدۇر.3 .كىتابنى كۆپ ساقلاشلا بىلىمدانلىقتىن دېرەك بەرمەيدۇ.4 . خۇشامەت - ئىقتىدارسىز تەماگەرلەرنىڭ جان بېقىش ۋاستىسى!5 . ساداقەت بولمىسا مۇھەببەت ئادەتتىكى بىر جۈملە سۆزدۇر، خالاس!6 . ھىجران بولمىسا مۇھەببەتنىڭ قىممىتى بولمايدۇ.7 . ئالتۇن ساپلىقى بىلەن قىممەتلىك، قىزلار پاكلىقى بىلەن.8 . يوقاتقان نەرسەڭنىڭ قانچىلىك قىممەتلىك ئىكەنلىكىنى يوقاتقاندىن كىيىن بىلىسەن.9 . بۇ دۇنيادا ھەقىقىي مۇھەببەت قالمىدى دىگۈچىلەر - ھەقىقىي مۇھەببەتكە ئىرىشەلمىگۈچىلەر! ...... |
ھايات ھەقىقەتلىرى 2009-11-17 |
1 . چوڭلار ھەمىشە كىچىكلەرنى ( ئۇنى قىلما يامان بولىدۇ، بۇنى قىلما گۇناھ بولىدۇ. ) دەپ ھەممە ئىشتىن توسۇپ تۇرغاچقا، ھازىرقى بەزى بالىلار مۇستەقىل بىر ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرالمايدىغان بولۇپ قالدى!2 . بىز كۆپىنچە ھاللاردا كىچىككىنە ئىشلارغا سەل قارىغاچقا، ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز پاجىئەلەرگە دۇچ كىلىمىز!3 . بەزى ئاتا - ئانىلار بالىلىرىنى ئوتتىن قۇتقۇزىمىز دەپ ئوتقا تاشلايدۇ!4 . ( تۆشۈك مۇنچاق يەردە قالمايدۇ. ) - مانا بۇ ئالتۇندىن قىممەتلىك بولغان ئىپپەت - نۇمۇسىنى ئاددىي بىر تال خەسچىلىك كۆرمەيدىغان بەزىبىر قىزلارنىڭ ھايات پەلسەپىسى!5 . ئىككى ئەر بىر يەرگە كەلسە پۇل، خىزمەت، كەسىپ توغرىسىدا پاراڭلىشىدۇ. ئۇ گەپتىن زىرىككەندە ئاياللار توغرىسىدا پاراڭلىشىدۇ؛ئىككى ئايال بىر يەرگە كەلسە مودا بولۇۋاتقان كىيىم - كىچەك، زىبۇ - زىننەت، گىرىم بۇيۇملىرى توغرىسىدا پاراڭلىشىدۇ. ئۇ گەپتىن زىرىككەندە باشقىلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلىشقا باشلايدۇ!6 . بىر قىسىم ئەرلەر ئايالىنىڭ ۋاپادار بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. لېكىن ئۆزىنىڭ ۋاپادار ياكى ۋاپادار ئەمەسلىكىنى ئويلاپمۇ قۇيۇشمايدۇ!7 . ئەر - ئاياللارنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشىدىكى چەكتىن ئېشىپ كەتكەن ( ئىلمىيلىك ...... |
نەسىھەتلەر 2009-11-17 |
1 . يامان ئىشتىن ئاۋۋال ئۆزۈڭ قول ئۈزۈپ ئاندىن كىيىن باشقىلارنى توسقىن!2 . بالاڭنى كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپ ياخشى تەربىيىلىسەڭ، كىيىن ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلىش ھاجەتسىز!3 . ھەر قانداق ئادەم ئۆزىگە ياخشىلىق قىلغانلارغا ياخشىلىق قىلىدۇ. ئەگەر سەن ھەقىقىي ئادەم بولاي دىسەڭ، ساڭا يامانلىق قىلغۇچىلارغىمۇ قولۇڭدىن كىلىشىچە ياخشىلىق قىل. ئۇلار ھامان بىر كۈنى سىنىڭ قانداق ئادەملىكىڭنى چۈشىنىپ يىتىدۇ!4 . بەختلىك بولاي دىسەڭ، ئۆزۈڭ سۆيگەن بىلەن ئەمەس، ئۆزۈڭنى سۆيگەن بىلەن توي قىل! ...... |
جەمئى: 23 باش بەت ئالدىنقى بەت كىينكى بەت ئاخىرقى بەت بە ت: 1/3 |
|
|||||||
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى | |||||||
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222 | |||||||
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى | |||||||
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904 |