ۋاقىتقا رىئايە قىلىڭ
يوللانغان ۋاقتى : 2009-11-17 13:23:01 كۆرۈلۈش سانى : 915
كىچىك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
دەۋر قەدىمىنىڭ ئۇچقاندەك تىز تەرەققىي قىلىشى ئىجتىمائىيىتىمىزنى نۇرغۇنلىغان قولايلىق شارائىت ۋە بۇيۇملارغا تولدۇرۇۋەتتى. تېخى ئون نەچچە يىل بۇرۇن بىر كۈندە مېڭىپ بولىدىغان يولنى ھازىر يېرىم سائەتكە قالماي بېسىپ بولىدىغان، بېرىش خۇشياقمىسا بىجىرىشكە تىگىشلىك ئىشنى بىرلا تېلېفون ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىدىغان بولدۇق. نۇرغۇن ئىشلىرىمىز ئاسانلاشتى - يۇ، ئەمما ۋاقتىمىز يەنىلا يىتىشمەي قالدى. بەزىلىرىمىز نىمىگىدۇر ئالدىرىساق يەنە بەزىلىرىمىز بىكارچىلىقتىن ئالدىرايدىغان بولدۇق. ئەمما ۋاقىت كۆز - قارىشىمىز بىر سەۋەبلەر بىلەن ياخشىلىنىشقا باشلىدى. ئەتراپىمىزدا بىر قىسىم ئادەملەر باركى، ئۇلار ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي چەمبىرىكى ئىچىدىكى يىقىنلىرىنى ساقلىتىش، ئۇلارنىڭ قىممەتلىك ۋاقتى بىلەن ھىسابلاشماسلىق بەدىلىگە ئۆزىنىڭ ئاللىقانداقتۇر ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش يۈرۈشمەكتە. يىقىندا بىرسى ( مىنى بىردەم ساقلاپ تۇر. يېرىم سائەتكە قالمايلا كىلىمەن. ) دەپ قويۇپ نەگىدۇر كىتىپ قالدى. يېرىم سائەت ئۆتتى، يوق. بىر سائەت ئۆتتى، يوق. ئىككى سائەت ئۆتتى، يەنە يوق. تېلېفون قىلدىم. ئۇلاندى - يۇ، ئۈزۈۋېتىلدى. مىنىڭمۇ ئالدىراش ئىشىم بار ئىدى. ئەمما ئۇنى ساقلىمىسام تېخى بولمايتتى. ئاخىرى كەچمۇ بولدى. يوق. شۇنداق قىممەتلىك ۋاقتىمنىڭ بىھۇدە ئىسراپ بولغىنىغا ئەمەس، ئۆزۈم ئىشەنگەن ئاشۇ ئادەمنىڭ مىنى ئەخمەق قىلغىنىغا ئاجايىپ غەزىپىم كەلدى. بۇ دىگەن ئۇچۇر دەۋرى تۇرسا، كىلەلمىسە تېلېفون قىلىپ قويۇشى كىرەكتە. مىنىڭ ئۆزىنى ساقلاپ تۇرغىنىمنى بىلىپ تۇرۇپ مىنى زاڭلىق قىلغاندەك قىلغان قىلىقى ئاخىرى ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمىتىمنى يەر بىلەن يەكسان قىلدى. چىشلىرىمنى غۇچۇرلىتىپ تۇرۇپ ئۇنى دوستلۇق دەپتىرىمدىن ئۆچۈرۈپ تاشلىدىم - يۇ، ئۇنىڭغا يەنىلا شۇنداق خىتاب قىلىپ قويۇشنى لايىق تاپتىم: ( سىز ھېچبولمىغاندا ئۆمرىڭىزدە بىر قېتىم كونىلارنىڭ: ( ۋاقىت - ئالتۇندىن قىممەت ) دىگەن ھېكمەتلىك سۆزىنى ئاڭلىغان بولغىيتتىڭىز؟ شۇڭا بۇنىڭدىن كىيىنكى تۇرمۇشىڭىزدا بۇنداق قىلىقنى سادىر قىلىشتىن ساقلىنىڭ. چۈنكى باشقىلارنىڭمۇ سىزنىڭكىگە ئوخشاشلا ئالدىراش ئىشى بار! |
|