بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : تىل - يېزىق >> ئۇيغۇر تىلى >> ئىپپەت زار - زار يىغلايدۇ

ئىپپەت زار - زار يىغلايدۇ

يوللانغان ۋاقتى : 2009-11-17 13:24:24    كۆرۈلۈش سانى : 5137  
كىچىك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جەمئىيەتنىڭ ئۇچقاندەك تىز تەرەققىي قىلىشى، بازار رىقابىتىنىڭ كەسكىنلىشىشى، ئىقتىسادنىڭ يەر شارىلىشىشى، پۇل ئېڭىنىڭ كۈچىيىشى، تۈرلۈك مەدەنىيەتلەرنىڭ ئۆز - ئارا سىڭىشىشى، ئەخلاق ئىكولوگىيىسىنىڭ زور دەرىجىدە بۇلغىنىشى بىلەن تەڭ ئۇيغۇر ئەر - ئاياللىرىنىڭ ئەنئەنىۋىي قىممەت قارىشى جىددىي خىرىسقا دۇچ كەلدى ۋە ئاستا - ئاستا يىمىرىلىشكە باشلىدى.
نەتىجىدە ئارىمىزدا كىچىكىدىن تارتىپ بېقىپ چوڭ قىلغان مىھرىبان ئاتا - ئانىسىدىن، ئۇرۇق - تۇققان، قان - قېرىنداشلىرىدىن، سۆيۈملۈك يۇرتىدىن، ۋاقتى كەلگەندە نەچچە يىل ئۆي تۇتقان ھالال جۈپتىدىن، تېخى ئاغزىدىن ئانا سۈتى تېمىپ تۇرغان سەبىي بالىلىرىدىن ۋاز كىچەلەيدىغان، شەيتاننىڭ مۇخلىسىلىرى بولمىش بىر تۈركۈم مەسئۇلىيەتسىز، ۋاپاسىز، ھاياسىز، ھايۋان تەبىئەتلىك بىر قىسىم ئەر - ئاياللار پەيدا بولۇشقا باشلىدى.
نەچچە ئەسىرلەردىن بۇيان ئۆزىنىڭ باتۇر - قورقۇمسىزلىقى، ئىشچان - چىداملىقلىقى، مەسئۇلىيەتچان - ۋاپادارلىقلىقى ۋە گۈزەل - پاكىزلىقلىقى، نومۇسچان - ھايالىقلىقى ۋە لىۋەن - لاتاپەتلىكى بىلەن جاھان ئەھلىنى ھەيرەتتە قويغان بىر قىسىم ئۇيغۇر ئەر - ئاياللىرى مانا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئۆزلىرىنىڭ ئەنئەنىۋىي گۈزەل ئەخلاقىنى، شەرمىي - ھاياسىنى ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ كىچىككىنە ھۇزۇر، غەربچە تۇرمۇش ۋە ئەركىن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۈچۈن ئەرلىك سالاپىتىنى، ئاياللىق نازاكىتىنى، جەمئىيەت، ئائىلە، پەرزەنت ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتىنى ئۇنتۇپ، ئەرلەر ئۆزىنىڭ قىزىدەك ھەتتا نەۋرىسىدەك قىزلارنى بىر ئاماللار بىلەن ئالداپ، ئاتالمىش ياشلىق پەيزىنى سۈرىدىغان، شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىپ ھەۋەس، شەھۋەت كوچىسىدا يۈرۈپ، ئاخىرى ئۆمۈرلۈك داغدا قالىدىغان، ئايالى ۋە بالىلىرىنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالىنى توزغاقتەك توزۇتۇپ بىر ئۆمۈر لەنەت ئاستىدا ياشايدىغان؛ ئاياللار بىر نەچچە ۋاراق پۇل ئۈچۈن ھەممە ئىشنى قىلىشتىن باش تارتمايدىغان، تاشقىي گۈزەللىكىدىن ئىقتىسادىي قىممەت يارىتالايدىغان، ئالتۇندىن قىممەتلىك بولغان، جان تىكىپ قوغدىلىدىغان ئىپپەت - نۇمۇسىنى ياش، مىللەت ئايرىمايلا پۇلى بارلىكى ھەر قانداق ئىشرەتخۇمار ئەرلەرگە ھېچ ئىككىلەنمەيلا بىر خالتا سامان ئورنىدا سېتىۋىتەلەيدىغان ئاجايىپ تالانتلىق، ( ئىقتىدار ) ئىگىلىرىگە ئايلاندى.
تېلېۋىزور دەسلەپ پەيدا بولغان يىللاردا ئاتا - بالا، ئاكا - سىڭىل بىر يەردە ئولتۇرۇپ كۆرۈشتىن خىجىل بولۇشاتتى. تېخى ئۇ چاغدا بىرىلىدىغان فىلىملەر ھازىرقىدەك چاكىنا ئەمەس ئىدى.
تەرەققىيات ئىنسانلارغا شۇنداق بىر توغرا چۈشىنىش پۇرسىتى ئاتا قىلدىكى، ھازىر ئاتا - بالا، ئاكا - سىڭىل يانمۇ - يان ئولتۇرۇشۇپ چەتئەلنىڭ چۈشكۈن ئىشقىي - مۇھەببەت تۇرمۇشى تەسۋىرلەنگەن پەس، بەدەۋىي فىلىملىرىنى بىللە كۆرىدىغان ۋە شۇ فىلىملەردىكى ئوبرازلار ئۈستىدە قىزغىن بەس - مۇنازىرە يۈرگۈزىدىغان، ئەر - ئاياللار كىنولاردىكى ھېلىقى ئىشلارنى دوراپ چەكلەنگەن مىۋىلەرنى قانغۇچە يىيەلەيدىغان، بىر ئەر يالغۇز جېنىغا بىر نەچچە ئايالنى يۇشۇرۇن نىكاھىغا ئېلىپ ئايرىم - ئايرىم ئۆي تۇتۇپ بىرىدىغان، بىر ئايالنىڭ ئەۋرىتىگە بىر نەچچە ئادەم كوللىكتىپ ھالدا ئىگىدارچىلىق قىلىدىغان ( مەدەنىي ) ئىشلار مانا ھازىر ئەتراپىمىزدا ھەر ۋاقىت يۈز بىرىپ تۇرىدىغان ئادەتتىكى ئىشلارغا ئايلىنىپ قالدى.
نەتىجە شۇنداق خۇلاسىلەندىكى، بۇنداق چېكىدىن ئاشقان نومۇسسىز قىلمىشلار ئاخىرى ئىنسانلارغا سىفلىس، سۆزنەك، ئەيدىزدىن ئىبارەت خەتەرلىك كىسەللەرنى سوۋغا قىلدى.
تالاي ئىناق ئەر - خوتۇنلار ئاجراشتى. تالاي گۈلدەك ئائىلىلەر ۋەيران بولدى. نۇرغۇنلىغان سەبىي بالىلار ئاتا - ئانىسىنىڭ كۆڭۈل خوشىنىڭ بىھۇدە قۇربانىغا ئايلىنىپ يىتىملىك كوچىسىغا شەپقەتسىزلەرچە ھەيدەپ چىقىرىلدى.
شۇ سەۋەبلىك تالاي كۆزلەردە قان - ياش، يۈرەكلەردە ئەلەم - خۇن، زەرداب، قەلبلەردە پىغان - ھەسرەت، دىللاردا ئاچچىق غەزەب - نەپرەت، تىللاردا لەنەت - قارغىش خۇددى يامغۇردىن كىيىنكى سەل كەبىي يامرىماقتا. تالاي ئادەملەر مەزگىلسىز ھالدا قارا يەر ئاستىغا مەھكۇم بولماقتا. تالاي بىگۇناھ يۈرەكلەر مەڭگۈلۈك دەردنىڭ چاڭگىلىدا ئېچىنىشلىق ھالدا پۇچۇلانماقتا.
گەرچە بۇ خىلدىكى ئىشلارنى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى ئومۇمىيۈزلۈك ئەھۋال دەپ كەتكىلى بولمىسىمۇ لېكىن ئۇنىڭ غەرب مەدەنىيىتىگە چوقۇنغۇچى ئازغۇنلارنىڭ تۇرمۇشىغا سىڭىپ كىرىشى ۋە تەرەققىي قىلىشى ئىنتايىن تىز بولماقتا.
ئەي ئىنسانلار، غەپلەت ئۇيقۇسىدىن ئويغىنايلى، ھەممىمىز ئاشۇ گۇناھسىز بىچارىلەرنىڭ يامغۇردەك تۆكۈلۈۋاتقان كۆز ياشلىرىغا، ئىزىلگەن باغرىدىن فونتاندەك ئېتىلىپ چىقىۋاتقان نالە - زارلىرىغا، ئاھۇ - پىغانلىرىغا ۋە ئاشۇ قاباھەتلىك قىسمەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى ئازغۇنلارنىڭ دەھشەتلىك تىراگىدىيە بىلەن ئاخىرلاشقان رەزىل ھايات سەپىرىگە نەزەرىمىزنى ئاغدۇرايلى. بەلكىم بۇنى كۆرۈپ ئىرادىمىز بوشىشىپ، ئېتىقادىمىزنى يوقىتىپ، شەيتاننىڭ ئادەمنى مەستخۇش قىلغۇچى دېپىغا ئۇسسۇل ئويناۋاتقان ۋە ئويناشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىرىمىز ئاز - تولا بولسىمۇ چۆچۈپ ئۆزىمىزنىڭ توغرا يولىنى تېپىۋالساق ئەجەپ ئەمەس.
ئىپپەت يىغلىمىسۇن. توغرىسى، باشقىلارنى ۋە ئۆزىمىزنى خارلىمايلى ھەم ئالتە كۈنلۈك بۇ ئالەمدە خارلانمايلى!


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  ئالدانغان يۈرەك(شئ...
●  جىدەلخورنىڭ مۈشۈك ...
●  ئاي يۈزۈڭ
●  بىر يىگىتنىڭ كوچىسى...
●  ئۆلۈمگە مەھكۇم دادىلار...
●  ئىپپەت زار - زار يىغلايدۇ...
●  ۋاقىتقا رىئايە قىلىڭ...
●  چولتا يەكۈنلەر...
●  ھايات ھەقىقەتلىرى...
●  نەسىھەتلەر
●  ھەسرەتلىك تىنىقلار...
●  تاتلىق خىياللار...
●  ئاچچىق سوئاللار...
●  ئۇيغۇر تىلى ۋە باشق...
●  2008-يىللىق، ئەڭ يېڭى...
●  بىلقۇتتىن سوۋغا ئۇ...
●  مۇھىم تېببىي ئاتال...
●  ياۋا غاز پىدائىيلى...
●  بىلقۇتتىن سوۋغا ئۇ...
●  مۇھىم تېببىي ئاتال...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  ئالدانغان يۈرەك(شئېر)
●  جىدەلخورنىڭ مۈشۈك ئۆلتۈ...
●  ئاي يۈزۈڭ
●  بىر يىگىتنىڭ كوچىسى...
●  ئۆلۈمگە مەھكۇم دادىلار...
●  ئىپپەت زار - زار يىغلايدۇ...
●  ۋاقىتقا رىئايە قىلىڭ...
●  چولتا يەكۈنلەر
●  ھايات ھەقىقەتلىرى...
●  نەسىھەتلەر

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى