ئۆلۈمگە مەھكۇم دادىلار
يوللانغان ۋاقتى : 2009-11-17 13:24:59 كۆرۈلۈش سانى : 2778
كىچىك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
جەمئىيەتنىڭ ئۇچقاندەك تىز تەرەققىي قىلىشىغا، تەشۋىقات ۋاستىلىرىنىڭ كۆپىيىشىگە، قانۇن - تۈزۈم كۆز قارىشىنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ پۇقرالار نىمىنىڭ جىنايەت ئىكەنلىكىنى بىلىشكە، قانۇن ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداشنى بىلىشكە، قانۇن بىلەن ئوينىشىپ جىنايەت ئۆتكۈزۈپ قاباھەتلىك قىسمەتلەرنىڭ كىلىپ چىقىشىغا بىۋاستە سەۋەبچى بولۇپ ئاتا - ئانىسىنى، ئۇرۇق - تۇققانلىرىنى ھەسرەت دېڭىزىغا ئىتتىرىپ قاراڭغۇ تۈرمىگە يول ئالغانلارنىڭ ئېچىنىشلىق تەقدىرىدىن ئىبرەت ئېلىشقا، قانۇنغا بولغان ھۆرمىتى كۈچىيىشكە ۋە قانۇن ئېڭى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشكە باشلىدى. لېكىن ئاز ساندىكى بىر قىسىم ئىنسان قېلىپىدىن چىققان، ۋىجدانىنى قۇرت يەپ كەتكەن ھايۋان تەبىئەتلىك، پەسكەش ئادەملەر ئۆزىنىڭ سىڭلىسىدەك، قىزىدەك نارەسىدىلەرگە قارا قولىنى سۇنۇپ، ئۇلارنى خالىغانچە ئاياغ - ئاستى قىلىپ ئۇلارنىڭ سۈتتەك پاك، بىغۇبار قەلبىدە قورقۇنچلۇق قارا داغلارنى پەيدا قىلماقتا. ئۇلارنى ئادەمدەك ياشاش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىپ مۇدھىش قارا ھاڭلارغا ئىتتىرمەكتە. كىچىك چېغىمدىن تارتىپ ( شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى ) نى ئوقۇشنى قەتئىي تاشلاپ قويمايتتىم. ئۇنىڭ ھەر بىر سانىدىكى قىزىقارلىق خەۋەرلەر، تىپىك دىلو مىساللىرى ۋە ئېچىنىشلىق قاتىللىق ۋەقەلىرىنى قىزىقىپ ئوقۇيتتىم. ھاراق ئىچىپ مەست بولغاندىن كىيىن ئۆزىنى باشقۇرالماي كىچىككىنە ئاچچىقنىڭ كەينىگە كىرىپ گۇناھسىز ئادەملەرنىڭ ھايات دەرىخىگە پالتا ئۇرۇۋاتقان، كوچىدا خىيالى كىتىپ بارغان گۇناھسىز ئاجىزەلەرنىڭ ئىپپەت - نۇمۇسىغا چېقىلىۋاتقان، قانۇن چەكلىگەن ھەر قانداق ئىشلارنى قىلىشتىن تەپتارتماي ئاخىرىدا جىنايەت يولىغا كىرىپ قېلىۋاتقان، ئۆزىنىڭ بىر نەچچە يىل جاپا تارتىپ قۇرۇپ چىققان ئائىلىسىنى ۋەيران قىلىپ، كۆيۈمچان ئاتا - ئانىسىنىڭ، مىھرىبان قېرىنداشلىرىنىڭ، ۋاپادار ئايالى ۋە سەبىي پەرزەنتلىرىنىڭ كۆزىدىن قان - ياش ئاققۇزۇپ ئىككى ئوتتۇرىغا جۇدالىق ئۇرۇقىنى چېچىۋاتقان بىر قىسىم نائەھلىلەرنىڭ قولغا ئېلىنىپ تۈرمە ھاياتىنى بېشىدىن كەچۈرۈش جەريانى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن خەۋەرلەر يۈرەك باغرىمنى ئىزەتتى. ئۇلارنىڭ جىنايەتلىك ھاياتىغا لەنەت ئوقۇش بىلەن بىرگە ئېچىنىشلىق تەقدىرىگە ۋە يامغۇر كەبىي تۆكۈلگەن كۆز ياشلىرىنى خىيالەن تەسەۋۋۇر قىلىپ بىر قىسما بولۇپ قالاتتىم - دە، بىر نەچچە كۈنگىچە ئېغىر خىياللارغا ئەسىر بولاتتىم. مانا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە دەۋر تەرەققىياتى ئۇچقاندەك يۈكسىلىپ ، كىشىلەرنىڭ قانۇن - تۈزۈم كۆز - قارىشى يىڭىلىنىپ، جىنايەت ئۆتكۈزۈش نىسبىتى بۇرۇنقىدىن بىر قەدەر ئازايغان بولسىمۇ، ئەمما يىقىنقى يىللاردىن بۇيان سادىر بولۇۋاتقان جىنايەتلەرنىڭ خاراكتىرى كىشىنى تەگسىز خىياللار قاينىمىغا غەرق قىلماي قالمايدۇ. بۇرۇنلاردا ( پالانى باسقۇنچىلىق جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىنىپتۇ. ) دىسە چوقۇمكى، خىيالىمىزغا ئۇ كىشى يات بىر ئايالغا باسقۇنچىلىق قىلغان دىگەن قاراش كىلەتتى. بۇ خەۋەر بىر نەچچە كۈن كىشىلەرنىڭ قىزىق پاراڭ تىمىسىغا ئايلىناتتى - دە، بىر نەچچە كۈندىن كىيىن ئۇ پاراڭلار ئۆزلىكىدىن بېسىقىپ قالاتتى. ئەمما يىقىنقى يىللاردىن بۇيان كىشىلەرنىڭ باسقۇنچىلىق جىنايىتىنىڭ خاراكتىرى ئۆزگىرىپ كەتتى. كىشىلەر ھازىر ھېچ تەپتارتماستىنلا ئۆگەي قىزىغا ھەتتا ئۆزىنىڭ يۈرەك پارىسىغا - تېخى ئاغزىدىن ئانا سۈتى تېمىپ تۇرغان پەرىشتىدەك پاك، ئۇماق، سەبىي قىزلىرىغا ۋەھشىيلەرچە باسقۇنچىلىق قىلىدىغان بولۇپ كەتتى. ئۆزىنىڭ تاغدەك ئىشىنىدىغان كۆيۈمچان دادىسىنىڭ باسقۇنچىلىقىغا ئۇچرىغان بىچارە قىزلار ئۆزى ئۇچرىغان بۇ پەسكەشلىكلەرنى باشقىلارغا دەي دىسە ئۆزىنىڭ مىھرىبان ئانىسىنى، سەبىي ئىنى - سىڭىللىرىنى ۋە ئائىلىسىنىڭ كىيىنكى تەقدىرىنى ئويلاپ ھېچكىمگە دىيەلمىگەن، دىمەي دىسە، دادىسىنىڭ ھېلىقى ھايۋانلارچە قىلىقى تېخى توختىمىغان. ئىنسان ئۆزىنىڭ تەپەككۇر قىلىش ئارتۇقچىلىقى بىلەن ھايۋاندىن ئۈستۈن ئۇرۇندا تۇرىدۇ، ئەگەر ئۇ ئۆزىنىڭ يۈرەك پارىسىنىڭ كىيىنكى تەقدىرى بىلەن كارى بولمايدىغان بولسا ئىنىقكى، ئۇ تەبىئىي ھالدا ھايۋاندىن پەرقسىزدۇر. ھايۋانمۇ چېغىدا ئۆزىنىڭ بالىسىنى جان تىكىپ قوغدايدۇ. ئەمما ئەتراپىمىزدىكى بىر قىسىم ھايۋاندىنمۇ ناچار قىلىقلىرى بىلەن تالايلىغان يۈرەكلەرگە يىرگىنىش، نەپرەت ۋە ئۆچمەنلىك تۇيغۇسى ئاتا قىلىپ، جەمئىيەتنى قالايمىقان، كىشىلىك ئەخلاق قورغىنىنى ۋەيران قىلىپ ياشاۋاتقان بىر قىسىم ئادىمىي ھايۋانلارنىڭ قىلىقلىرىغا نىمە دىگۈلۈك؟ ئاخىرىدا ئەقلى ئويغان ئادەملەرگە دەيدىغىنىم: بىردەملىك نەپسىڭلارنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كەتكەن ئاشۇ بىچارىلەر مىنىڭ، ئۇنىڭ، سىلەرنىڭ شۇنداقلا ھەممىمىزنىڭ كەلگۈسىمىزدۇر. ھېچ بولمىغاندا ئۆيىمىزدە سىڭلىمىز، ھەدىمىز، ئايالىمىز ۋە سەبىي قىزلىرىمىز بارلىقىنى ئىسىمىزدىن چىقارمايلى. چۈنكى بۇ ئۆتنە ئالەم، كالىنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈن مۇزاينىڭ بېشىغا كەلمەيدۇ دەپ كىم ئېيتالايدۇ؟! |
|