ئاي يۈزۈڭ
مىنىڭ سۆيگۈنۈم سەن مىنىڭ سۆيگۈنۈم،
كۆزۇڭ شەھلامىدۇ؟سىنىڭ خۇمارمىدۇ؟
چىھرىڭ گۈلمىدۇ؟سىنىڭ زەيتۇنزارمىدۇ؟
ئاي يۈزۈڭنى كۆرمىدىم مىنىڭ سۆيگۈنۈم.
سەن قۇش بولۇپ ئۇچتۇڭ تۇتالمىدىم،
ئاھۇ بولۇپ قاچتىڭ قوغلاپ يىتەلمىدىم،
كۈندە بىر كۆرۈپ شىرىن سۆز ئىيتالمىدىم،
ئاي يۈزۈڭنى كۆرمىدىم مىنىڭ سۆيگۈنۈم.
سىنى پەقەت يۈرۈگۈمدە ئاسىرىدىم،ئەركىلىسەڭ خىيالىمدا ئەركىلىدىڭ.
چاچلىرىڭنى چۈشۈمدە سىلىدىم،ئاي يۈزۈڭنى كۆرمىدىم مىنىڭ سۆيگۈنۈم.
گاھ فەرھاتىم دىدىڭ گاھ نىجاتىم،
گاھ ھاياتىم دىدىڭ گاھ جىدىلىم.
گاھ تەلۋەم دىدىڭ گاھ جىنىم،
ئاي يۈزۈڭنى كۆرمىدىم مىنىڭ سۆيگۈنۈم.
جەننەت گۈلۈم لەۋلىرىڭدىن لەززەت سۈردۈم،
جىلۋە قىلغان يۈزلەرىڭدە چۆمۈلۈپ كۆردۈم.
سەن ئۈچۈن شائىېر بولدۇم ئىززەت كۆردۈم،
ئاي يۈزۈڭنى كۆرمىدىم مىنىڭ سۆيگۈنۈم.
سىنى پەقەت يۈرۈگۈمدە ئاسىرىدىم،ئەركىلىسەڭ خىيالىمدا ئەركىلىدىڭ.
چاچلىرىڭنى چۈشۈمدە سىلىدىم،ئاي يۈزۈڭنى كۆرمىدىم مىنىڭ سۆيگۈنۈم.