بىر يىگىتنىڭ كوچىسى
يوللانغان ۋاقتى : 2009-11-17 13:26:46 كۆرۈلۈش سانى : 2133
كىچىك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
بىر يىگىتنىڭ كوچىسى
نەسىر
ئابابەكرى ئابدۇقادىر تەنھا
1 جاھاندىكى جىمىي مەۋجۇدىيەتنىڭ باھارى بولغىنىدەك بۇ كوچىنىڭمۇ باھارى گۈللەپ - ياشنايتتى. بۇ كوچىنى بىلىدىغانلارنىڭ بۇ كوچىدا بىر قېتىم بولسىمۇ مېڭىپ باققۇسى كىلەتتى. چۈنكى، پاكلىق پۇراپ تۇرغان بۇ كوچا خېلى كۆپ ئادەمنىڭ مەيلىنى تارتاتتى. ئەمما بۇ كوچا ئۇنداق - مۇنداق ئادەملەرنى ئۆز باغرىغا سىغدۇرمايتتى. ئۇ قالايمىقان ئادەملەرنىڭ ئۆزىدە مېڭىپ باغرىنى زىدە قىلىشىنى خالىمايتتى.
2 كونىلارنىڭ ( بىر ھايۋاننى چۈشىنىشكە بىر كۈن كەتمەيدۇ، بىر ئادەمنى چۈشىنىشكە بىر ئۆمۈر يەتمەيدۇ. ) دىگىنى بىكار ئەمەسكەن. تاشقى قىياپىتى بىلەن روھىي دۇنياسى تەتۈر تاناسىپ بىر قىسىم ئادەملەر ياپيېشىللىققا تولغان بۇ كوچىدا تاساددىپىي بىر نەچچە قېتىم مېڭىش شەرىپىگە ئىرىشتى. ئەمما ئۇلار بۇ يولنىڭ قەدرىنى بىلىشمىدى. ئۇلار ئاقىۋەتتە ئۆزى بىلگىنىنى قىلىپ بۇ كوچىنىڭ باغرىغا خالىغىنىچە دەسسىدى. ئاخىرى بۇ كوچىنىڭ خاتىرىسىگە بىر مۇنچە ئەسلىمىلەرنى قالدۇرۇپ كىتىشتى. بۇ ئەسلىمىلەر بىر - بىرىدىن ئېچىنىشلىق بولۇپ، كىشىنىڭ يۈرىكىنى ئىزەتتى.
3 ھەممىسىنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق قىممىتى بولغىنىدەك، پاكلىققا تەشنا قەلبلەرگە ئۆزگىچە گۈزەللىك بېغىشلايدىغان كۈز پەسلى كىلىپ بۇ كوچىنى ئۆزگىچە رومانتىك تۇيغۇلار قوينىغا چۆمۈلدۈردى. بىر ئۆمۈر ئەستىن چىقمىغۇدەك دەرىجىدىكى شىرىن دەقىقىلەر بۇ كوچىنى بىر مەھەل ئۆز باغرىدا يايراتتى. بو كوچا ئاخىرىدا بېشىدىن ئۆتكۈزگەن بارلىق ئازاب داغلىرىنى يۇيۇۋەتتى.
4 قىش پەسلىنىڭمۇ ئۆزىگە يارىشا ئارتۇقچىلىقى بار. لەپىلدەپ يېغىۋاتقان قار كىشى قەلبىگە ياخشى يېزىلغان لېرىك بىر پارچە شېئىردەك ئاجايىپ ھۇزۇر بېغىشلايدۇ. ئاپئاق لىباسقا ئورالغان چەكسىز دالا، باغلاقتىن يېشىۋەتكەندەك ئۆز - ئۆزىنى قىيغىتىپ يايرايدىغان كۆڭۈل، قار يۈرەكلەرگە بېغىشلايدىغان رومانتىك تۇيغۇلار... ئەپسۇس... قار بۇ كوچىغا ئۇنداق دەملەرنى بىرەلمىدى. قار توختاپ ئۇنىڭ ياپياش قەلبلەرگە ئاتا قىلغان لەززىتى تېخى ئۆچمەي تۇرۇپلا بۇ كوچىنىڭ باغرىغا قان تامدى. بۇ قاننى يۇيۇپ چىقىرىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. بۇ قان دېغىنى تالايلىغان شامال - بوران ئۆچۈرۈۋىتەلمىدى، قار - يامغۇر يۇيۇۋىتەلمىدى. كوچا تەقدىر پىشانىسىگە پۈتكەن بۇ زۇلمەتتىن تولغىنىپ - تولغىنىپ يىغلايتتى. كوچىنى بەزلەش كىمنىڭ قولىدىن كەلسۇن؟ كوچا يىغلايتتى. پۈتۈن جاھانغا يىغا تاراپ كەتتى.
5 بۇ كوچىدا بۇرۇن مېڭىپ باققانلار ئارىدىن نەچچە مىڭ يىل ئۆتكەندە ئاندىن پاكلىق ھىدى كەتمەيدىغان بۇ كوچىنىڭ قىممىتىنى ھىس قىلىپ يەتتى ۋە بۇ كوچىنى ئىزدەشتى. ئۇلار بۇ كوچىدا بىرلا، پەقەت بىرلا قېتىم مېڭىۋېلىشنى شۇنداق ئارزۇ قىلىشتى. ھەتتا بۇنى ھاياتىدىكى ئەڭ چوڭ ئارمىنى قاتارىدا ھىسابلاشتى. ئەمما بۇ چاغدا بۇ كوچىنىڭ كىرىش ئىشىكى مەڭگۈلۈك تاقالغان ئىدى! |
|