ئاشقازان مىزاجىنىڭ خىلىتلىق ئىسسىقتىن بۇزۇلۇشى
يوللانغان ۋاقتى : 2009-06-22 12:28:42 كۆرۈلۈش سانى : 0
سەۋەبى:
سەپرا ماددىسى سەۋەبى بىلەن ئاشقازان مىزاجىنىڭ بۇزۇلۇشىدىن پەيدا بولىدۇ.
ئالامىتى: ئېغىز ئاچچىق بولىدۇ. كۆڭۈل ئاينىيدۇ، بەزىدە قۇسىدۇ، قۇسۇق، ئارقا تەرەت ۋە سۈيدۈكتە سەپرا ماددىسى )سېرىق ئاچچىق سۇيۇقلۇق( كۆپلەپ چىقىدۇ. تاماقتىن كېيىن ئاچچىق ياكى سېسىق كېكىرىك چىقىدۇ. كېكىرىش بىلەن ئېغىزدىن سېسىپ قالغان بېلىق پۇرىقى كېلىدۇ. مۇنداق كىشىلەر ياڭاق مېغىزى يەپ سالسا، دەرھال سېسىق كېكىرىدۇ. ئەگەر ئىسسىقلىق يۇقىرى بولۇپ كەتسە، ئېغىز مىس تەملىك بولۇپ قالىدۇ. ئىشتىھا تۇتۇلىدۇ، تاماق سىڭىش دەسلەپتە ياخشى بولۇپ، بارغانسېرى ناچارلىشىدۇ، ئاشقازان بوش بولغاندا ئېغىزدىكى شۆلگەي كۆپىيىدۇ، تاماق يېيىش بىلەن بۇ ھال توختاپ قالىدۇ.
ئەگەر مەئدە يەڭگىل بولۇپ، كۆڭۈل ئاينىش، ئاشقازان كۆيگەندەك ئېچىشىش، تەشنالىق بولسا بۇ ماددىنىڭ بەك سۇيۇقلۇقىنى كۆرسىتىدۇ. ماددا زىيادە بولسا، كۆڭۈل ئاينىش ئېغىر بولىدۇ. ماددا ئاز بولسا، تاماق يېگەندىن كېيىن كۆڭۈل ئاينىيدۇ. ماددا ئاشقازان تېگىدە بولۇپ، ئاشقازان تىۋىتلىرى ئۇنى ئۆزىگە سىڭدۈرۈپ ئالمىغان بولسا، تاماق يەپ بىرەر سائەت ئۆتمىگۈچە كۆڭۈل ئاينىش بولمايدۇ، ئەگەر ماددىنى سىڭدۈرۈپ ئالغان بولسا قۇسۇش ياكى كۆڭۈل ئاينىش داۋاملىق بولۇپ تۇرىدۇ. ئەمما قۇسۇق ياكى باشقا چىقىرىندىلىرى سەپرا بولمايدۇ. قالغان ئالامەتلىرى بولۇپ تۇرىدۇ. قۇسۇق قاتارلىق چىقىندىلىرىدا سەپرانىڭ ئەسىرى بولسا، قۇسۇپ تۇرۇپ كۆڭۈل ئاينىش پەسەيمىسە، بۇ ئاشقازان تىۋىتلىرى ماددىنىڭ بىر قىسمىنى سۈمۈرۈپ، بىر قىسمىنى سۈمۈرمىگەنلىكىدۇر. قۇرۇق كۆڭۈل ئاينىش بىلەن قۇسۇش ئالمىشىپ تۇرسا، بۇ ماددىنىڭ ئاشقازان ئىچىگە باشقا ئەزالاردىن كېلىپ قويۇلۇشىنىڭ ئالامىتىدۇر.[HJ64x]
كۆڭۈل ئاينىش بىلەن قۇسۇش بىللە كەلسە، ماددا ئاشقازاننىڭ ئۆزىدە پەيدا بولغانلىق ئالامىتىدۇر. تەشنالىقنىڭ كۆپلۈكى ماددىنىڭ ئىسسىقلىقىدىن ياكى ئۇ شورغا ئايلانغانلىقتىن دېرەك بېرىدۇ. تەشنالىق سوغۇق سۇ ئىچىش بىلەن پەسەيسە، بۇ ماددىنىڭ ئىسسىقلىقىنىڭ، قايناق سۇ ئىچىش بىلەن پەس بولسا، ماددىنىڭ شورلۇقىنىڭ بەلگىسىدۇر. ئاشقازان مىزاجىنىڭ ئىسسىقلىقىنى بىلىش ئۈچۈن مۇنۇ سىناقنىڭ ئەھمىيىتى بار: كېسەلگە ئارپا نېنى بېرىلگەندە سېسىق كېكىرىش بولسا، بۇ ئاشقازان مىزاجىنىڭ ئىسسىقلىقىنىڭ ئالامىتى ھېسابلىنىدۇ.
داۋاسى: ئاشقازاننىڭ بۇ خىلدىكى ئاغرىقلىرىنى داۋالاشتا ئالدى بىلەن يۇقىرىدا سۆزلەنگەن ئالامەتلەر ئاساسىدا ماددىنىڭ ئاشقازاننىڭ ئۆزىدە ھاسىل بولۇۋاتقانلىقى ياكى باشقا ئەزالاردىن كېلىۋاتقانلىقىنى ئايرىش كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا داۋالاش نەتىجىلىك بولىدۇ. ئەگەر ماددىنىڭ ئاشقازاندا پەيدا بولغانلىقى مەلۇم بولسا قەي قىلدۇرۇش ياكى سۈرگە بېرىش بىلەن تازىلاش؛ قايسى چارە كېسەلگە ئېغىر كەلمىسە شۇنى قىلىش لازىم. تازىلاشتىن كېيىن ئاشقازاننىڭ مىزاجىغا قاراپ قۇۋۋەتلەندۈرگۈچى دورىلارنى بېرىش كېرەك. قەي قىلدۇرۇش ئۈچۈن سىركەنجىۋىل بىلەن ئىلمان سۇنى كۆپرەك ئىچكۈزۈش كۇپايە قىلىدۇ. قالغان تەدبىرلەر قۇرۇق ھۆ بايانىدا تەپسىلىي سۆزلەندى.
بەزى ئاغرىقلاردا ئاشقازان بوش قالغان ۋاقىتلاردا ماددا سىڭىدۇ. مۇنداق كىشىلەر تاماق يېيىش ۋاقتىدىن ئۆتۈپ كەتسە چىداپ تۇرالمايدۇ. ھەتتا بەزىلەر ئۇزاقراق ئاچ قالسا ھوشىدىن كېتىپ قالىدۇ. بۇ خىلدىكى ئاغرىقلارغا ئەتىگەندە ئانار شەربىتى، لىمون شەربىتى، زىرىق شەربىتىدىن بىرىنى بېرىش لازىم ھەم قورسىقى ئېچىش ئالدىدىلا بىر نەرسە يەۋېلىشنى تەكىتلەش لازىم. يەنە بەزىبىر ئاغرىقلار تاماقنى يەپ بولغاندىن كېيىن قەي قىلمىسا تاقەت قىلالمايدۇ. بۇنداقلارغا قەي قىلىپ بولغاندىن كېيىن يۇقىرىقى شەربەتلەردىن بىرى بېرىلسە بولىدۇ. ئەگەر ماددىنى ئاشقازان تىۋىتلىرى سىڭدۈرۈپ ئالغان بولسا، ئايارەج پەيقىرا )تەركىبى: ئۇدبىلسان، مەستىكى رۇمى، ئاسارۇن ۋە زەپەردىن ئون گرامدىن، سەبرە 19 گرام، ھەسەلدىن ئۈچ ھەسسە ئېلىپ، زەپەردىن باشقا دورىلارنى سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، زەپەرنى ئايرىم سوقۇپ، بىر ئاز قىزىتىلغان ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇپ، ئۈستىگە قالغان دورىنى قۇيۇپ خېمىردەك يۇغۇرۇپ، 04 كۈندىن كېيىن، ئون گرامدىن ھەر كۈنى ئاخشامدا بىر قېتىم ئىستېمال قىلىنىدۇ( نى تازىلاش ئۈچۈن بېرىش لازىم. خاس سەبرىنى بېرىش ئايارەجدىن ئەۋزەلرەك. سىركەنجىۋىل بىلەن بەرگەندە تېخىمۇ ياخشى. ئاغرىقنىڭ ئىشتىھاسى ناچار بولۇپ، ھۆ كۈچلۈك بولسا، ئايارەجنىڭ تەركىبىدىكى زەپەر ئورنىغا قىزىلگۈل سېلىش لازىم. ماددىنىڭ سەۋەبىدىن ئىكەنلىكى ئېنىق بولغان ھالدا جالىنۇس تەكلىپ قىلغان شەربىتى ئەپسەنتىن )تەركىبى: ئەپسەنتىن رۇمى 17 گرام، قىزىلگۈل 23 گرام، شاھتەررە، ئۇرۇقسىز ئۈزۈم يەتتە گرامدىن، قارىئۆرۈك 20 دانە، تەمرى ھىندىدىن 66 گرامدىن ئېلىپ، دورىلارنى بىر كىلوگرام قايناق سۇغا چىلاپ، تازا تەمى چىققاندا ماتادىن سىقىپ، سۈزۈپ، قاينىتىپ پاكىز قاچىلارغا ئېلىپ تەييارلىنىدۇ( دىن ھەر كۈنى ئەتىگەندە 33 گرام شېكەر، ئۈچ گرام سەبرە بىلەن بىللە ئىستېمال قىلىنىدۇ. ئەگەر ئىككى دانە ئارپا مىقدارىدىكى سوقمۇنىيانى سوقۇپ، قېتىق ياكى دوغ بىلەن تازا تەمىنى چىقىرىپ بېرىلسە، بۇ خىلدىكى ئاشقازان ئاغرىقلىرىغا مەنپەئەتى ياخشى. ئاشقازاننى ماددىدىن تازىلاش ئۈچۈن، ئەڭ ياخشى ئۇسۇل — قېتىققا بىرئاز شېكەر ئارىلاشتۇرۇپ بېرىپ، ئارقىدىن 83 گرام سىركەنجىۋىلنى سۇ قوشماستىن ئىچكۈزۈپ، ئىككى سائەتكىچە سۇ ئىچمەسلىكنى بۇيرۇش كېرەك.
سەپرانىڭ جىگەردىن كەلگەنلىكى مەلۇم بولسا )بەدەندە سەپرانىڭ غالىبلىقى كۆرۈلسە(، ئاغرىقنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىغا قاراپ ئىمكانىيەت يار بەرسە، باسلىق تومۇرىدىن قان ئېلىش لازىم. قان ئالغاندىن كېيىن سۈزمە ئاستىغا ئېقىپ چۈشكەن قېتىقنىڭ سۈزۈك سۈيى )مائۇلجەبىن( نى بېرىش لازىم ياكى شەربىتى ئەپسەنتىن )تەركىبى: ئەپسەنتىن رۇمى 17 گرام، قىزىلگۈل 23 گرام، شاھتەررە، ئۇرۇقسىز ئۈزۈم يەتتە گرام، قارىئۆرۈك 20 دانە، تەمرى ھىندىدىن 66 گرامدىن ئېلىپ، دورىلارنى بىر كىلوگرام قايناق سۇغا چىلاپ، تازا تەمى چىققاندا ماتادىن سىقىپ، سۈزۈپ، قاينىتىپ، پاكىز قاچىلارغا ئېلىپ تەييارلىنىدۇ( دىن ھەر كۈنى ئەتىگەندە 33 گرام شېكەر، ئۈچ گرام سەبرە بىلەن بىللە ئىستېمال قىلىنىدۇ.
|
|