خولېرا

يوللانغان ۋاقتى : 2007-12-30 19:33:22    كۆرۈلۈش سانى : 0  
كىچىك | نورمال | چوڭ             
  سەۋەبى:   بۇ كېسەللىك، خولېرا باكتىرىيىسىنىڭ كۆپىيىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.   ئالامىتى:   شىددەتلىك گۈرۈچ سۈيىدەك قۇسۇش ۋە ئىچى سۈرۈش،  ئېغىر درىجىدە سۇ يوقىتىش،  سپازمىلىنىش،  شوك بولۇش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.   1 -  رېتسېپ   تەركىبى:   قەلەمپۇر 30 گرام،  ئىپار ئۈچ گرام،  گۈلدارچىن ئالتە گرام،  راسەن 5.4 گرام،  مەستىكى رۇمى،  ئەپيۈن بەش گرامدىن.   تەييارلاش ئۇسۇلى:   دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ،  ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ،  بېھى شەربىتى بىلەن يۇغۇرۇپ گۈلىدەك چوڭلۇقتا كۇمىلاچ تەييارلىنىدۇ.   ئىشلىتىش مىقدارى:   كۈنىگە بىر قېتىم،  ھەر قېتىمدا مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىنىدۇ.   2 -  رېتسېپ   تەركىبى:   قىزىلگۈلدىن 20 گرام،  ئانار گۈلى،  موزا،  ئامۇت يوپۇرمىقى،  سىماق،  بەللۇت،  گۈرۈچ كراخمىلى 10 گرامدىن.   تەييارلاش ئۇسۇلى:   دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ،  ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ،  گۇلاب بىلەن يۇغۇرۇپ،  تۈگمىدەك چوڭلۇقتا توقىچاق تەييارلىنىدۇ.   ئىشلىتىش مىقدارى:   كۈنىگە بىر قېتىم،  ھەر قېتىمدا سەككىز تالدىن بىر تال ئانار بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلىنىدۇ.   3 - رېتسېپ   تەركىبى:   قۇرۇتۇلغان بۇغا مۈڭگۈزى،  سېمىز ئوت غولى،  قومۇش يىلتىزى تەڭ مىقداردا،  ئاچچىق ئانار 500 گرام.   تەييارلاش ئۇسۇلى:   دورىلارنى كۆيدۈرۈپ،  ئاچچىق ئانارنى سىقىپ سۈيىنى ئېلىپ تەييارلىنىدۇ.   ئىشلىتىش مىقدارى:   كۈنىگە ئىككى قېتىم،  ھەر قېتىمدا ئۈچ گرامدىن دورىنى مۇۋاپىق مىقداردا ئانار سۈيى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

◇ ئاشقازان مىزاجىنىڭ...
◇ ئاشقازان يىرىڭلىق ...
◇ ئاشقازان مىزاجىنىڭ...
◇ ئاشقازان تۆۋەنلەش
◇ ئاشقازان ئاغرىقى
◇ ئاشقازان سەۋەبلىك ...
◇ ئاشقازان راكى
◇ خولېرا
◇ سازاڭسىمان ئۆسۈكچە...
◇ سوزۇلما ئۈچەي يالل...
◇ بوغماق ئۈچەي ياللۇ...
◇ تولغاق
◇ قەۋزىيەت
◇ بوۋاسىر
◇ مەقئەت قىچىشىش
◇ مەقئەت يېرىلىش
◇ سوڭى چىقىپ قېلىش
◇ مەقئەت ئاقمىسى
◇ ئاشقازان تۆۋەنلەپ ...
◇ ئاشقازان 12 بارماق ئ...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

◇ ئاشقازان مىزاجىنىڭ خىلى...
◇ ئاشقازان يىرىڭلىق جاراھ...
◇ ئاشقازان مىزاجىنىڭ خىلى...
◇ ئاشقازان تۆۋەنلەش
◇ ئاشقازان ئاغرىقى
◇ ئاشقازان سەۋەبلىك ئىچ س...
◇ ئاشقازان راكى
◇ خولېرا
◇ سازاڭسىمان ئۆسۈكچە يالل...
◇ سوزۇلما ئۈچەي ياللۇغى
ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912552897
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备07002316