ئورنىڭىز : تېبابىتىمىز >> ئاشقازان كېسەللىكى >> ئاشقازان تۆۋەنلەپ كېتىش

ئاشقازان تۆۋەنلەپ كېتىش

يوللانغان ۋاقتى : 2007-12-30 16:51:07    كۆرۈلۈش سانى : 0  
كىچىك | نورمال | چوڭ             
  سەۋەبى:   بۇ كېسەللىك، تاماقنى كۆپ يېيىش،  سوزۇلما ئاشقازان ياللۇغى قاتارلىق سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.   ئالامىتى:   ئىشتىھا تۇتۇلۇش،  قەۋزىيەت بولۇش،  ئاشقازان ساھەسى يېقىمسىزلىنىش،  يەل ئاۋازى كېلىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.   1 -  رېتسېپ   تەركىبى:   ئۇد ھىندى،  ئارپىبەدىيان،  چىڭسەي ئۇرۇقى،  ئېگىر،  سۇمبۇل توققۇز گرامدىن،  بەسباسە،  نارمىشىك، پەرەنجىمىشكى،  سۆئدى كۇپى،  زەرنەپ،  زورەنبات ئۈچ گرامدىن،  دارچىن،  زەنجىۋىل،  قارىمۇچ،  قەلەمپۇر،  مەستىكى ئالتە گرامدىن،  گاۋزىبان 15 گرام،  كاپۇر بىر گرام،  ئىپار ئىككى گرام،  ھەسەل ئىككى ھەسسە.   تەييارلاش ئۇسۇلى:   دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ،  ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ كۆپۈكى ئېلىنغان ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.   ئىشلىتىش مىقدارى:   كۈنىگە ئىككى قېتىم،  ھەر قېتىمدا ئالتە گرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.   2 -  رېتسېپ   تەركىبى:   كابۇل ھېلىلىسى پوستى،  ئامىلە پوستى،  بەلىلە پوستى،  قارىمۇچ،  پىلپىل 90 رامدىن،  زەنجىۋىل 40 گرام،  قارا ھېلىلە 90 گرام،  شاقاقۇل،  ئاق تۇدەرى،  قىزىل تۇردەرى،  لىسانىل ئاساپىر،  ئاق بەھمەن،  قىزىل بەھمەن،  ھەببى قەلقەل،  پوستى ئاقلانغان كۈنجۈت،  كۆكنار ئۇرۇقىنىڭ ئېقى 40 گرامدىن،  كۈنجۈت يېغى 250 گرام،  ھەسەل ئۈچ ھەسسە.   تەييارلاش ئۇسۇلى:   دورىلار يۇمشاق سوقۇپ،  ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ،  ئېرىتىلگەن ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.   ئىشلىتىش مىقدارى:   كۈنىگە ئىككى قېتىم،  ھەر قېتىمدا 5 ~ 10 گرام ئىستېمال قىلىنىدۇ (بالىلارغا زور دەرىجىدە ئازايتىلىدۇ).   3 - رېتسېپ   تەركىبى:   زورەنبات،  دۇرۇنەج ئەقرەبى،  مەرۋايىت،  كەھرىۋا،  بىخ مارجان 40 گرامدىن،  قىرقىلغان پىلە،  ئاق بەھمەن،  قىزىل بەھمەن،  سازەج ھىندى،  سۇمبۇل،  قاقىلە،  قەلەمپۇر 20 گرامدىن،  ئۆشنە،  پىلپىل،  زەنجىۋىل 16 گرامدىن،  ئىپار سەككىز گرام،  ھەسەل ئۈچ ھەسسە.   تەييارلاش ئۇسۇلى:   دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ،  ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ،  پىلە غوزىسىنى ئەلگەكتىن ئۆتكۈدەك يۇمشاق قىرقىپ،  ھەسەل ئۈستىگە سېلىپ، ئاندىن دورىلارنى ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.   ئىشلىتىش مىقدارى:   كۈنىگە ئىككى قېتىم،  ھەر قېتىمدا بەش گرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

ئاشقازان مىزاجىنىڭ...
ئاشقازان يىرىڭلىق ...
ئاشقازان مىزاجىنىڭ...
ئاشقازان تۆۋەنلەش
ئاشقازان ئاغرىقى
ئاشقازان سەۋەبلىك ...
ئاشقازان راكى
خولېرا
سازاڭسىمان ئۆسۈكچە...
سوزۇلما ئۈچەي يالل...
بوغماق ئۈچەي ياللۇ...
تولغاق
قەۋزىيەت
بوۋاسىر
مەقئەت قىچىشىش
مەقئەت يېرىلىش
سوڭى چىقىپ قېلىش
مەقئەت ئاقمىسى
ئاشقازان تۆۋەنلەپ ...
ئاشقازان 12 بارماق ئ...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

ئاشقازان مىزاجىنىڭ خىلى...
ئاشقازان يىرىڭلىق جاراھ...
ئاشقازان مىزاجىنىڭ خىلى...
ئاشقازان تۆۋەنلەش
ئاشقازان ئاغرىقى
ئاشقازان سەۋەبلىك ئىچ س...
ئاشقازان راكى
خولېرا
سازاڭسىمان ئۆسۈكچە يالل...
سوزۇلما ئۈچەي ياللۇغى
ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912552897
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备07002316