ئورنىڭىز : تېبابىتىمىز >> ئاشقازان كېسەللىكى >> ئاشقازان 12 بارماق ئۈچەي يارىسى

ئاشقازان 12 بارماق ئۈچەي يارىسى

يوللانغان ۋاقتى : 2007-12-30 16:50:44    كۆرۈلۈش سانى : 0  
كىچىك | نورمال | چوڭ             
  سەۋەبى:   بۇ كېسەللىك، سوزۇلما ئاشقازان ياللۇغى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.   ئالامىتى:   دەۋر خاراكتېرلىك تەرتىپلىك قورساق ئاغرىش،  ئورۇقلاش،  بەزىدە تەرەتتىن قان كېلىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.   1 -  رېتسېپ   تەركىبى:   قىزىلگۈل بىر كىلوگرام،  شېكەر تۆت كىلوگرام.   تەييارلاش ئۇسۇلى:   يېڭى ئېچىلغان قىزىلگۈلنى ئۈزۈپ،  ئەخلەتلىرىنى ئىلغاپ،  تاسقاپ،  تۆۋەن تەرىپىدىن ئاق يېرىنى كېسىۋېتىپ،  بىر ھەسسە گۈلگە تۆت ھەسسە شېكەر ياكى ھەسەلنى ئۆزىگە ئالغۇدەك ئوبدان ئارىلاشتۇرۇپ،  ئاندىن ئەينەك شېشىگە قاچىلاپ،  ئاغزىنى مەھكەم بېكىتىپ،  40 كۈن ئاپتاپتا تۇرغۇزۇلىدۇ. ئەگەر دورا قۇرۇپ قېتىپ قالسا،  ئەرىقى گۇلابتىن بىر ئاز قۇيۇپ ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.   ئىشلىتىش مىقدارى:   كۈنىگە بىر قېتىم،  ھەر قېتىمدا 5 ~ 8 گرام ئىستېمال قىلىنىدۇ.   2 -  رېتسېپ   تەركىبى:   ئېگىر،  توم زەنجىۋىل 50 گرامدىن،  سۇ بىر كىلوگرام.   تەييارلاش ئۇسۇلى:   قاينىتىلغان سۇغا دورىلارنى چىلاپ،  بىر سوتكىدىن كېيىن سۈزۈپ تەييارلىنىدۇ.   ئىشلىتىش مىقدارى:   كۈنىگە ئىككى قېتىم،  ھەر قېتىمدا 30 مىللىلىتىردىن ئىستمال قىلىنىدۇ.   3 - رېتسېپ   تەركىبى:   بىخ مارجان،  ئۇچقۇن پاقا،  قانىسە،  زەمچە،  نوقۇت 12 گرامدىن،  موزا تۆت گرام،  كۆپۈكى دەريا ئالتە گرام،  بادام مېغىزى 18 گرام،  شېكەر 200 گرام.   تەييارلاش ئۇسۇلى:   دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ،  ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، شېكەر بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.   ئىشلىتىش مىقدارى:   كۈنىگە ئىككى قېتىم،  ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

ئاشقازان مىزاجىنىڭ...
ئاشقازان يىرىڭلىق ...
ئاشقازان مىزاجىنىڭ...
ئاشقازان تۆۋەنلەش
ئاشقازان ئاغرىقى
ئاشقازان سەۋەبلىك ...
ئاشقازان راكى
خولېرا
سازاڭسىمان ئۆسۈكچە...
سوزۇلما ئۈچەي يالل...
بوغماق ئۈچەي ياللۇ...
تولغاق
قەۋزىيەت
بوۋاسىر
مەقئەت قىچىشىش
مەقئەت يېرىلىش
سوڭى چىقىپ قېلىش
مەقئەت ئاقمىسى
ئاشقازان تۆۋەنلەپ ...
ئاشقازان 12 بارماق ئ...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

ئاشقازان مىزاجىنىڭ خىلى...
ئاشقازان يىرىڭلىق جاراھ...
ئاشقازان مىزاجىنىڭ خىلى...
ئاشقازان تۆۋەنلەش
ئاشقازان ئاغرىقى
ئاشقازان سەۋەبلىك ئىچ س...
ئاشقازان راكى
خولېرا
سازاڭسىمان ئۆسۈكچە يالل...
سوزۇلما ئۈچەي ياللۇغى
ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912552897
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备07002316