ئورنىڭىز : تېبابىتىمىز >> ئاشقازان كېسەللىكى >> ئاشقازان مىزاجىنىڭ خىلىتسىز ھۆل ئىسسىق ۋە قۇرۇق ئىسسىقتىن بۇزۇلۇشى

ئاشقازان مىزاجىنىڭ خىلىتسىز ھۆل ئىسسىق ۋە قۇرۇق ئىسسىقتىن بۇزۇلۇشى

يوللانغان ۋاقتى : 2009-05-11 13:15:17    كۆرۈلۈش سانى : 0  
كىچىك | نورمال | چوڭ             
1( قۇرۇق ئىسسىقتىن بولسا، تەشنالىق قاتتىق. تىل قۇرۇق ۋە بەدەنلىرى ئورۇق كېلىدۇ، قەۋزىيەت بولىدۇ. بۇ خىلدىكىلەرنى داۋالاش ئاساسەن ئاشقازاننىڭ مىزاجىنى سوۋۇتۇپ ھۆللۈك يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت بولۇشى كېرەك. مەسىلەن: كالا سۈتى، ئارپا سۈيى، ئارپا تالقىنىغا بادام يېغى، شېكەر قوشۇپ بېرىلىدۇ. مەئدە قىسمىغا ئاق سەندەل، ئالما يوپۇرماقلىرىنى سوقۇپ قويۇش كېرەك. 2( ھۆل ئىسسىقتىن بولسا، يېگەن تاماقلىرى ئاشقازانغا كىرگەندىن كېيىن دائىم بۇزۇلۇپ، ئېغىزىدىن شۆلگەي ئېقىپ، سېسىق كېكىرىپ تۇرىدۇ. ئاشقازاندىن بۇس - بۇخاراتلار مېڭىگە ئۆرلەيدۇ، داۋاسى ئىترىفىل كەبىر)تەركىبى: كابىل ھېلىلىسى ۋە بەلىلە پوستى قاتارلىقلارنىڭ ھەرقايسىسى 20 گرامدىن، قارا ھېلىلە، ئامىلە پوستى، قارىمۇچ، پىلپىل قاتارلىقلارنىڭ ھەرقايسىسى 20 گرامدىن، شاقاقۇل، زەنجىۋىل، سېرىق تۇدەرى، قىزىل تۇدەرى، ئەرمىدۇن ئۇرۇقى >لىسانى ئاساپۇر<، ئاق بەھمەن، قىزىل بەھمەن، ناۋات، ھەببى قەلقەل، كۈنجۈت، ئاق كۆكنار ھەرقايسىسى يەتتە گرامدىن، ھەسەلدىن پۈتۈن دورا ئېغىرلىقىنىڭ ئۈچ باراۋىرىدە، بادام يېغىدىن 430 گرام >كۈنجۈت يېغى بولسىمۇ بولىدۇ< ئېلىپ، دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، بادام يېغى بىلەن ياغلاپ، ھەسەلنى بىر ئاز ئېرىتىپ ئارىلاشتۇرۇپ مەجۈن تەييارلاپ، ئۈچ ئاي تۇرغۇزۇلىدۇ( دىن كۈنىگە 1 ~ 2 قېتىم 4 ~ 6 گرامغىچە ئىستېمال قىلىنىدۇ. ئەسكەرتىش:  ئىسسىق مىزاجلىق كىشىلەر ياز كۈنلىرى ئىستېمال قىلماسلىقى كېرەك ياكى سىركەنجىۋىل بىلەن بېرىش لازىم.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

◇ ئاشقازان مىزاجىنىڭ...
◇ ئاشقازان يىرىڭلىق ...
◇ ئاشقازان مىزاجىنىڭ...
◇ ئاشقازان تۆۋەنلەش
◇ ئاشقازان ئاغرىقى
◇ ئاشقازان سەۋەبلىك ...
◇ ئاشقازان راكى
◇ خولېرا
◇ سازاڭسىمان ئۆسۈكچە...
◇ سوزۇلما ئۈچەي يالل...
◇ بوغماق ئۈچەي ياللۇ...
◇ تولغاق
◇ قەۋزىيەت
◇ بوۋاسىر
◇ مەقئەت قىچىشىش
◇ مەقئەت يېرىلىش
◇ سوڭى چىقىپ قېلىش
◇ مەقئەت ئاقمىسى
◇ ئاشقازان تۆۋەنلەپ ...
◇ ئاشقازان 12 بارماق ئ...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

◇ ئاشقازان مىزاجىنىڭ خىلى...
◇ ئاشقازان يىرىڭلىق جاراھ...
◇ ئاشقازان مىزاجىنىڭ خىلى...
◇ ئاشقازان تۆۋەنلەش
◇ ئاشقازان ئاغرىقى
◇ ئاشقازان سەۋەبلىك ئىچ س...
◇ ئاشقازان راكى
◇ خولېرا
◇ سازاڭسىمان ئۆسۈكچە يالل...
◇ سوزۇلما ئۈچەي ياللۇغى
ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912552897
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备07002316