ئورنىڭىز : تېبابىتىمىز >> بالىلار كېسەللىكى >> سىيىپ يېتىش

سىيىپ يېتىش

يوللانغان ۋاقتى : 2007-12-30 19:54:22    كۆرۈلۈش سانى : 0  
كىچىك | نورمال | چوڭ             
  سەۋەبى:   بۇ كېسەللىك، ئومۇمىي بەدەننىڭ سوغۇقى ئېشىپ كېتىش ياكى نېرۋىنىڭ باشقۇرۇشى ئاجىزلىشىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.   ئالامىتى:   كېچىسى ئۇخلاۋېتىپ ئورنىغا سىيىپ قويۇش، بەزىدە ئويغاق ھالەتتىمۇ سۈيدۈكىنى تۇتالماي، سىيىپ سېلىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.   1 - رېتسېپ   تەركىبى:   كۇندۇر، ئانارگۈلى، بەللۇت، يۇمغاقسۈت ئۇرۇقى 12 گرامدىن، زىرە، تاغ زىرىسى، جۇۋىنە ئالتە گرامدىن، ئامىلە، بەلىلە، سېرىق ھېلىلە، قارا ھېلىلە تۆت گرامدىن، سىيادان سەككىز گرام، ھەسەل ئۈچ ھەسسە.   تەييارلاش ئۇسۇلى:   دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ئېرىتىلگەن ھەسەل ئۈستىگە سېلىپ،  ئارىلاشتۇرۇپ مەجۈن تەييارلىنىدۇ.   ئىشلىتىش مىقدارى:   كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا بەش گرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.   2 -  رېتسېپ   تەركىبى:   مۇرمەككى، كۇندۇر، ئاقاقىيا، شىيافى سامسا ئالتە گرامدىن، زەمچە توققۇز گرام، ئاق لەيلى ئۇرۇقى 21 گرام، ئاق زەنجىۋىل، زىغىر، كابۇل ھېلىلىسى پوستى 30 گرامدىن، ھەسەل ئىككى ھەسسە.   تەييارلاش ئۇسۇلى:   دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ مەجۈن تەييارلىنىدۇ.   ئىشلىتىش مىقدارى:   كۈنىگە بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا ئالتە گرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ (بالىلارغا ئازايتىلىدۇ).   3 - رېتسېپ   تەركىبى:   چىگىت مېغىزى، ياڭاق مېغىزى مۇۋاپىق مىقداردا، تۇخۇم ئىككى دانە، سۇ ئىككى چىنە.   تەييارلاش ئۇسۇلى:   مېغىزلارنى تۇخۇم بىلەن سۇدا قاينىتىپ تەييارلىنىدۇ.   ئىشلىتىش مىقدارى:   كۈنىگە بىر قېتىم تەييارلاپ تۇخۇمىنى يەپ، سۈيى ئىچىلىدۇ.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

◇ سىيىپ يېتىش
◇ بالىلار سۈيدۈك يول ...
◇ ھەزىم بۇزۇلۇش
◇ بالىلار مەددە قۇرت ...
◇ سازاڭسىمان مەددە ك...
◇ قاپاق ئۇرۇقسىمان م...
◇ تۈتۈ مەددە كېسەللى...
◇ راخىت كېسىلى
◇ يەل كىندىك
◇ قىزىل
◇ بالىلار يۆتىلى
◇ كۆكيۆتەل

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

◇ سىيىپ يېتىش
◇ بالىلار سۈيدۈك يول تېشى
◇ ھەزىم بۇزۇلۇش
◇ بالىلار مەددە قۇرت كېسە...
◇ سازاڭسىمان مەددە كېسەلل...
◇ قاپاق ئۇرۇقسىمان مەددە ...
◇ تۈتۈ مەددە كېسەللىكى
◇ راخىت كېسىلى
◇ يەل كىندىك
◇ قىزىل
ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912552897
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备07002316