ئورنىڭىز : تېبابىتىمىز >> بالىلار كېسەللىكى >> راخىت كېسىلى

راخىت كېسىلى

يوللانغان ۋاقتى : 2007-12-30 19:49:16    كۆرۈلۈش سانى : 0  
كىچىك | نورمال | چوڭ             
  سەۋەبى:   بۇ كېسەللىك، بالىلارنىڭ ئانا قورسىقىدىكى ۋاقىتتىن تارتىپلا ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكى، تۆرەلمە تەرەققىياتىنىڭ ئاجىز بولۇشى، تۇغۇلغاندىن كېيىن ئانا سۈتىگە قانماسلىقى، ئۆسۈۋاتقان دەۋرىدە ئوزۇقلۇققا قانماسلىقى، مۇۋاپىق كۈن نۇرىغا قاقلىنىپ تۇرماسلىقى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.   ئالامىتى:   بالىنىڭ بەدىنىگە كالتسىي ۋە ۋىتامىن D قاتارلىقلار يېتىشمەسلىك، ئۈچ ياشتىن تۆۋەن بالىلاردا سۆڭىكى تەبىئىي يوسۇندا قېتىشماسلىق، بالىلارنىڭ باش سۆڭىكىنىڭ چاكلىرى پۈتمەسلىك، باش سۆڭىكى يۇمشاپ قەغەزدەك تاراقلايدىغان بولۇپ قېلىش، توخۇ كۆكرەك بولۇپ قېلىش، پۇتلىرى ئىچىگە ياكى سىرتىغا ئېگىلىپ قېلىش قاتارلىق سۆڭەكتىكى ئۆزگىرىشلەرنى ئاساس قىلغان ھالدا، يىغلاڭغۇ بولۇپ قېلىش، ياخشى ئۇخلىيالماسلىق، ئاشقازىنى ئاجىزلىشىش، كۆپ تەرلەش، باشنىڭ ئارقا تەرىپىنىڭ چېچى چۈشۈپ كېتىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.   1 - رېتسېپ   تەركىبى:   تۇخۇم شاكىلى 10 گرام، ھەسەل ئۈچ ھەسسە.   تەييارلاش ئۇسۇلى:   تۇخۇم شاكىلىنى سەل سارغايغۇچە قورۇپ، ئاندىن يۇمشاق سوقۇپ، ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.   ئىشلىتىش مىقدارى:   كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا مۇۋپاىق مىقداردا ئىستېمال قىلىنىدۇ.   2 -  رېتسېپ   تەركىبى:   تۇخۇم شاكىلى 20 گرام، سۆڭەك 250 گرام، سۇ مۇۋاپىق مىقداردا.   تەييارلاش ئۇسۇلى:   تۇخۇم شاكىلىنى سەل سارغايغۇچە قورۇپ، دۈملەپ، ئاندىن  سۆڭەكنى سۇدا قاينىتىپ شۆرپىسى بىلەن تۇخۇم شاكىلىنى ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.   ئىشلىتىش مىقدارى:   كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا مۇۋاپىق  مىقداردا ئىستېمال قىلىنىدۇ.   3 - رېتسېپ   تەركىبى:   زورەنبات، زەرچىۋە، جويۇز تەڭ مىقداردا،  سۇ مۇۋاپىق مىقداردا.   تەييارلاش ئۇسۇلى:   دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، سۇدا نەمدەپ تەييارلىنىدۇ.   ئىشلىتىش مىقدارى:   3 ~ 4 كۈندە بىر قېتىم قۇلاقنىڭ ئالدى - كەينىگە چېپىلىدۇ.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

سىيىپ يېتىش
بالىلار سۈيدۈك يول ...
ھەزىم بۇزۇلۇش
بالىلار مەددە قۇرت ...
سازاڭسىمان مەددە ك...
قاپاق ئۇرۇقسىمان م...
تۈتۈ مەددە كېسەللى...
راخىت كېسىلى
يەل كىندىك
قىزىل
بالىلار يۆتىلى
كۆكيۆتەل

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

سىيىپ يېتىش
بالىلار سۈيدۈك يول تېشى
ھەزىم بۇزۇلۇش
بالىلار مەددە قۇرت كېسە...
سازاڭسىمان مەددە كېسەلل...
قاپاق ئۇرۇقسىمان مەددە ...
تۈتۈ مەددە كېسەللىكى
راخىت كېسىلى
يەل كىندىك
قىزىل
ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912552897
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备07002316