بالىلار سۈيدۈك يول تېشى
يوللانغان ۋاقتى : 2007-12-30 19:54:10 كۆرۈلۈش سانى : 0
سەۋەبى:
بۇ كېسەللىك، بالىلار بەدىنىدە خىلىتلار تەڭپۇڭلۇقى بۇزۇلۇش ۋە ئانىنىڭ سۈتى بۇزۇلۇش قاتارلىق سەۋەبلەردىن كېلىپ چىقىدۇ.
ئالامىتى:
دوۋسۇن ئەتراپىدا ئاغرىق پەيدا بولۇپ قېلىش، ئاسانلىقچە سىيەلمەسلىك، سۈيدۈك مېڭىۋېتىپ بىردىنلا توختاپ قېلىش، قاتتىق ئاغرىش، سىيگەندە ئېچىشىش، بەزىدە تاش سۈيدۈك يولىغا قاپلىشىۋالسا، سۈيدۈك تامچىلاپ كېلىش ياكى بالىنىڭ سىيەلمەي كۈچەپ ئىنجىقلىشى نەتىجىسىدە، تاش سۈيدۈك يولىنى زەخىملەپ، قان سىيىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
1 - رېتسېپ
تەركىبى:
تەرەنجىبىن 30 گرام، سانا 20 گرام، سېرىق ئوت ئۇرۇقى 15 گرام، قوغۇن ئۇرۇقى مېغىزى، تەرخەمەك ئۇرۇقى مېغىزى سەككىز گرامدىن، گاۋزىبان، كاكىنەچ، پىرسىياۋشان، قىزىلگۈل، ئوغرىتىكەن ئالتە گرامدىن، بادام يېغى، سۇ مۇۋاپىق مىقداردا.
تەييارلاش ئۇسۇلى:
دورىلارنى سۇدا قاينىتىپ، بادام يېغى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى:
كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىنىدۇ.
2 - رېتسېپ
تەركىبى:
قوغۇن ئۇرۇقى مېغىزى، تەرخەمەك ئۇرۇقى مېغىزى 15 گرامدىن، سېمىز ئوت ئۇرۇقى ئالتە گرام، قاپاق ئۇرۇقى مېغىزى 10 گرام، نىشاستە، كەتىرا، ھەببۇل قۇلت (بىرخىل ماش) ئۈچ گرامدىن، جوھۇت تېشى تۆت گرام، شېكەر پۈتۈن دورا ۋەزنى بىلەن تەڭ.
تەييارلاش ئۇسۇلى:
دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، تالقان تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى:
كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 3 ~ 5 گرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.
3 - رېتسېپ
تەركىبى:
ھەجەرۇل يەھۇد 150 گرام، قاپاق ئۇرۇقى، تەرخەمەك ئۇرۇقى مېغىزى 15 گرامدىن، چايان 10 گرام، كاكىنەچ بەش گرام، جىنتىيانا، تۇرۇپ تۇزى 15 گرام، ھەسەل ئۈچ ھەسسە.
تەييارلاش ئۇسۇلى:
دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ئېرىتىلگەن ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ بېرىلىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى:
كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 3 ~ 5 گرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ. |
|