ھەزىم بۇزۇلۇش
يوللانغان ۋاقتى : 2007-12-30 19:53:57 كۆرۈلۈش سانى : 0
سەۋەبى:
بۇ كېسەللىك، بوۋاقلار ۋە كىچىك بالىلارنىڭ ناتوغرا ئوزۇقلاندۇرۇلۇشى، يۇقۇملىنىشى، قول ۋە يېمەك - ئىچمەك تازىلىقىنىڭ ناچارلىقى، مىجەزنىڭ بۇزۇلۇشى، چىش چىقىش مەزگىلىدىكى كۈتۈنۈشنىڭ ناچارلىقى قاتارلىق سەۋەبلەردىن كېلىپ چىقىدۇ.
ئالامىتى:
ئاچچىق ياكى سېسىق كېكىرىش، قورسىقى كۆپۈش، ئىچى سۈرۈش ۋە قۇسۇش، قۇسۇقتا ھەزىم بولمىغان تاماق ماددىلىرى ۋە سۈت پىشلاقلىرى بولۇش، تەرىتى ئىلىتىلغان تۇخۇمدەك، ھەتتا سۇدەك كېلىش، سۇسىزلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
1 - رېتسېپ
تەركىبى:
مەستىكى 30 گرام، زەيتۇن يېغى 150 گرام.
تەييارلاش ئۇسۇلى:
ئىشلىتىش مىقدارى:
سىرتىدىن ياغلاشقا ياكى تاماققا تېمىتىپ يېيىشكە بېرىلىدۇ.
2 - رېتسېپ
تەركىبى:
سىماق ھىندى 300 گرام، قىيمىقۇ ئۇرۇقى، پاقيوپۇرمىقى، پاقىيوپۇرمىقى ئۇرۇقى، سېمىز ئوت ئۇرۇقى، بېھى ئۇرۇقى، يانتاق چېچىكى، قامچىگۈل ئۇرۇقى، قورۇلغان يۇمغاقسۈت ئۇرۇقى، قورۇلغان ئارپىبەدىيان، بالەنگۇ ئۇرۇقى 100 گرامدىن، ئالقات، قورۇلغان زىغىر، قورۇلغان موزا، قىزىلگۈل، ئانارگۈلى، قورۇلغان ئانار ئۇرۇقى 50 گرامدىن، ئوتتا سالايە قىلىنغان تاباشىر 30 گرام، سۇ ئالتە كلوگرام.
تەييارلاش ئۇسۇلى:
دورىلارنى قايناق سۇغا بىر سوتكا چىلاپ، ئاندىن سۇس ئوتتا ئىككى كىلوگرام سۈيى قالغۇچە قاينىتىپ ئەرەق تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى:
كۈنىگە بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا 4 ~ 7 گرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.
3 - رېتسېپ
تەركىبى:
ھۆل پىننە بىر كىلوگرام، شېكەر تۆت كىلوگرام.
تەييارلاش ئۇسۇلى:
پىشقان ھۆل پىننىنى ئورۇپ، يوپۇرماقلىرىنى پۇتاپ ئېلىپ، ماشىنا ياكى ھاۋانچىدا ئېزىپ، ئۇنىڭغا ھەسەل ياكى شېكەرنى ئارىلاشتۇرۇپ، ئاندىن ئەينەك شېشىگە قاچىلاپ، ئاغزىنى بېكىتىپ، 40 كۈن كۈن نۇرى كۈچلۈك جايدا، قويۇپ پىشۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى:
كۈنىگە بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ. |
|