ئورنىڭىز : تېبابىتىمىز >> بالىلار كېسەللىكى >> بالىلار مەددە قۇرت كېسەللىكى

بالىلار مەددە قۇرت كېسەللىكى

يوللانغان ۋاقتى : 2007-12-30 19:53:43    كۆرۈلۈش سانى : 0  
كىچىك | نورمال | چوڭ             
  سەۋەبى:   بۇ كېسەللىك، يېمەك - ئىچمەك ۋە شەخسىي تازىلىققا رىئايە قىلماسلىقتىن، يېمەكلىك ماددىلىرى بىلەن ئۈچەيگە كىرگەن مەددە قۇرت تۇخۇمىنىڭ مەددىگە ئايلىنىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.   ئالامىتى:   كۆپرەك ئۇچرايدىغىنى قىلقۇرت، يەنى تۈتۈ مەددە بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى بىر سانتىمېتىر بولغان قىلدەك ئىنچىكە مەددە چوڭ تەرەت بىلەن چىقىش، سوڭى قىچىشىش، قورساق ئاغرىش، كېچىسى بىائرام بولۇپ ئۇخلىيالماسلىق قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.   1 - رېتسېپ   تەركىبى:   ھەشقىپىچەك ئۇرۇقى، تۇربۇت 20 گرامدىن، سەبرىدىن ئالتە گرام.   تەييارلاش ئۇسۇلى:   دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، تالقان تەييارلىنىدۇ.   ئىشلىتىش مىقدارى:   كۈنىگە بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىنىدۇ (دورا ئىستېمال قىلىنىپ ئىككى سائەتتىن كېيىن مۇۋاپىق مىقداردا سۈرگە دورىسى ئىستېمال قىلىش كېرەك).   2 -  رېتسېپ   تەركىبى:   بىخ كەبىر، تاغ يالپۇزى، پىپننە، ئوبھەل، قىزىل لوبىيا، سېرىق ئوت 15 گرامدىن، قۇندۇز قەھرى ئالتە گرام، ئۈزۈم 30 گرام، سۇ مۇۋاپىق مىقداردا.   تەييارلاش ئۇسۇلى:   دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، سۇدا يۇغۇرۇپ، پۇرچاقتەك چوڭلۇقتا كۇمىلاچ تەييارلىنىدۇ.   ئىشلىتىش مىقدارى:   كۈنىگە ئۈچ قېتىمدا ئۈچ تالدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.   3 - رېتسېپ   تەركىبى:   بەرەڭگى كابىلى، تۇربۇت، قەمبىل 15 گرامدىن، قىزىل لوبىيا، ئاچچىق قۇستە 20 گرامدىن، ئەپسەنتىن رۇمى 30 گرام، تاش تۇز ئۈچ گرام.   تەييارلاش ئۇسۇلى:   دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، تالقان تەييارلىنىدۇ.   ئىشلىتىش مىقدارى:   كۈنىگە ئۈچ ھەر قېتىمدا بەش گرام دورىنى مۇۋاپىق مىقداردا سۈت بىلەن ئاچ قورساققا  ئىستېمال قىلىنىدۇ.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

◇ سىيىپ يېتىش
◇ بالىلار سۈيدۈك يول ...
◇ ھەزىم بۇزۇلۇش
◇ بالىلار مەددە قۇرت ...
◇ سازاڭسىمان مەددە ك...
◇ قاپاق ئۇرۇقسىمان م...
◇ تۈتۈ مەددە كېسەللى...
◇ راخىت كېسىلى
◇ يەل كىندىك
◇ قىزىل
◇ بالىلار يۆتىلى
◇ كۆكيۆتەل

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

◇ سىيىپ يېتىش
◇ بالىلار سۈيدۈك يول تېشى
◇ ھەزىم بۇزۇلۇش
◇ بالىلار مەددە قۇرت كېسە...
◇ سازاڭسىمان مەددە كېسەلل...
◇ قاپاق ئۇرۇقسىمان مەددە ...
◇ تۈتۈ مەددە كېسەللىكى
◇ راخىت كېسىلى
◇ يەل كىندىك
◇ قىزىل
ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912552897
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备07002316