ئورنىڭىز : تېبابىتىمىز >> بالىلار كېسەللىكى >> قاپاق ئۇرۇقسىمان مەددە كېسەللىكى

قاپاق ئۇرۇقسىمان مەددە كېسەللىكى

يوللانغان ۋاقتى : 2007-12-30 19:51:00    كۆرۈلۈش سانى : 0  
كىچىك | نورمال | چوڭ             
  سەۋەبى:   بۇ كېسەللىك، تازىلىققا رىئايە قىلماسلىق ۋە خام يېيىلگەن كالا گۆشىدىن يۇقۇملىنىش  سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.   ئالامىتى:   چوڭ تەرىتىدىن قاپاق ئۇرۇقىدەك ياپىلاق ئاق رەڭلىك مەددەت بوغۇملىرى كېلىش،  بەزىدە تەرەت قىلمىغان چاغلاردىمۇ ئۆزلۈكۈدىن كېلىپ قېلىش،  يۇقۇملانغۇچى ئورۇقلاش،  تېرىلىرى قۇرغاقلىشىش،  بەزىدە ئىچى سۈرۈشتەك ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.   1 -  رېتسېپ   تەركىبى:   قەمبىل،  بەرەڭگى كابىلى،  سەرخەس،  دەرمىنى تۈركى،  ھەببۇلنىل،  تۇربۇت،  قىزىل لوۋى،  شاپتۇل يوپۇرمىقى،  ئۇسارىسى 10 گرامدىن،  ھەسەل ئۈچ ھەسسە.   تەييارلاش ئۇسۇلى:   دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ،  ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ،  ئېرىتىلگەن ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.   ئىشلىتىش مىقدارى:   كۈنىگە ئۈچ قېتىم،  ھەر قېتىمدا 5 ~ 10 گرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.   2 -  رېتسېپ   تەركىبى:   ئانار پوستى ئۈچ گرام،  سەرخەس توققۇز گرام.   تەييارلاش ئۇسۇلى:   دورىلارنى بىر چىنە سۇغا بىر كېچە چىلاپ،  ئەتىسى قاينىتىپ،  يېرىمى قالغاندا سۈزۈپ تەييارلىنىدۇ.   ئىشلىتىش مىقدارى:   كۈنىگە بىر قېتىم تەييارلاپ،  ئاچ قورساققا ئىچىلىدۇ.   3 - رېتسېپ   تەركىبى:   كاۋا ئۇرۇقى 100 گرام،  سۇ بىر چىنە.   تەييارلاش ئۇسۇلى:   كاۋا ئۇرۇقىنى چالا سوقۇپ،  سۇدا قاينىتىپ تەييارلىنىدۇ.   ئىشلىتىش مىقدارى:   كۈنىگە بىر قېتىم تەييارلاپ ئاچ قورساققا بىراقلا ئىچىلىدۇ.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

◇ سىيىپ يېتىش
◇ بالىلار سۈيدۈك يول ...
◇ ھەزىم بۇزۇلۇش
◇ بالىلار مەددە قۇرت ...
◇ سازاڭسىمان مەددە ك...
◇ قاپاق ئۇرۇقسىمان م...
◇ تۈتۈ مەددە كېسەللى...
◇ راخىت كېسىلى
◇ يەل كىندىك
◇ قىزىل
◇ بالىلار يۆتىلى
◇ كۆكيۆتەل

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

◇ سىيىپ يېتىش
◇ بالىلار سۈيدۈك يول تېشى
◇ ھەزىم بۇزۇلۇش
◇ بالىلار مەددە قۇرت كېسە...
◇ سازاڭسىمان مەددە كېسەلل...
◇ قاپاق ئۇرۇقسىمان مەددە ...
◇ تۈتۈ مەددە كېسەللىكى
◇ راخىت كېسىلى
◇ يەل كىندىك
◇ قىزىل
ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912552897
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备07002316