ئورنىڭىز : تېبابىتىمىز >> جىگەر كېسەللىكى >> جىگەر ئاجىزلىقى

جىگەر ئاجىزلىقى

يوللانغان ۋاقتى : 2007-12-30 16:45:41    كۆرۈلۈش سانى : 0  
كىچىك | نورمال | چوڭ             
  سەۋەبى:   بۇ كېسەللىك، بەدەندىكى خىلىتلارنىڭ ئۆزگىرىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.   ئالامىتى:   بىمارنىڭ ئىشتىھاسى كېمىيىش،  ئورۇقلاش،  غىزالانغاندىن كېيىن جىگەر ساھەسىدە ئاغرىق سېزىلىش،  خىلىتلار ئۆزگىرىشكە ماس ھالدا چىرايى ئۆزگىرىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.   1 -  رېتسېپ   تەركىبى:   سىركە 30 مىللىلىتىر،  كەرەپشە ئۇرۇقى 10 گرام،  كاسىنە يىلتىزى 30 گرام،  قايناق سۇ بىر لىتىر،  شېكەر 150 گرام.   تەييارلاش ئۇسۇلى:   دورىلارنى قايناق سۇغا بىر كېچە چىلاپ،  ئەتىسى 300 گرام سۈيى قالغۇچە قاينىتىپ،  دورا تىرىپلىرىنى سۈزۈۋېتىپ،  ئۈستىگە شېكەرنى سېلىپ تەييارلىنىدۇ.   ئىشلىتىش مىقدارى:   كۈنىگە ئىككى قېتىم،  ھەر قېتىمدا مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىنىدۇ.   2 -  رېتسېپ   تەركىبى:   ئەفسەنتىن رۇمى 12 گرام،  قىزىلگۈل،  رۇم بەدىيان،  ئارپىبەدىيان،  كەرەپشە ئۇرۇقى،  ئىزخىر،  ئاسارۇن يەتتە گرامدىن،  دارچىن،  ھەببى بىلسان،  مەستىكى،  رۇببىسۇس،  قۇستە شېرىن،  سەلىخە تۆت گرامدىن،  زەپەر بىر گرام،  قايناق سۇ،  سىركەنجىۋىل مۇۋاپىق مىقداردا.   تەييارلاش ئۇسۇلى:   دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ،  ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ،  قايناق سۇ بىلەن خېمىر قىلىپ،  تۈگمىدەك چوڭلۇقتا توقىچاق تەييارلىنىدۇ.   ئىشلىتىش مىقدارى:   كۈنىگە ئىككى قېتىم،  ھەر قېتىمدا تۆت گرام دورىنى مۇۋاپىق مىقداردا سىركەنجىۋىل بىلەن قوشۇپ ئىستېمال قىلىنىدۇ.   3 - رېتسېپ   تەركىبى:   گۈل سەۋسەن يىلتىزى،  رەۋەن،  زەنجىۋىل 10 گرامدىن،  كەرەپشە ئۇرۇقى،  ئارپىبەدىيان،  جۇۋىنە بەش گرامدىن،  ھەسەل مۇۋاپىق مىقداردا.   تەييارلاش ئۇسۇلى:   دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ،  ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ،  ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.   ئىشلىتىش مىقدارى:   كۈنىگە ئىككى قېتىم،  ھەر قېتىمدا ئۈچ گرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

يۇقۇملۇق جىگەر يال...
جىگەر ئاجىزلىقى
يەرقان
جىگەر قېتىشىش
ئۆت خالتا ياللۇغى
ئۆت تېشى كېسەللىكى
ئىستىسقا

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

يۇقۇملۇق جىگەر ياللۇغى
جىگەر ئاجىزلىقى
يەرقان
جىگەر قېتىشىش
ئۆت خالتا ياللۇغى
ئۆت تېشى كېسەللىكى
ئىستىسقا
ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912552897
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备07002316