ئۆت خالتا ياللۇغى
يوللانغان ۋاقتى : 2007-12-30 16:44:50 كۆرۈلۈش سانى : 0
سەۋەبى:
بۇ كېسەللىك، خىلىتلارنىڭ تەڭپۇڭلۇقى بۇزۇلۇپ، ئۆت خالتا شىللىق پەردىسى ياللۇغلىنىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
ئالامىتى:
يۇقىرى قىزىتما، توڭۇپ تىترەش، ئوڭ تەرەپ يۇقىرىقى قورساق ساھەسىنى باسقاندا ئاغرىش، ئىشتىھاسىزلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ
1 - رېتسېپ
تەركىبى:
كاسىنە يىلتىزى، بەدىيان، كەرەپشە يىلتىزى، كاسىنە ئۇرۇقى، گاۋزىبان 10 گرامدىن، سېرىق ئوت ئۇرۇقى، ئاق لەيلى ئۇرۇقى، غاپەس، قوغۇن ئۇرۇقى، تۈز ۋە ئەگرى تەرخەمەك ئۇرۇقى، قىزىلگۈل، قىل يوپۇرماقلىق ئەمەن، زىرىق، گەزمازەج بەش گرامدىن، ئەنگۈر شىپا، كاكنەج، رەۋەن 10 گرامدىن، سۇ ئىككى كىلوگرام، شېكەر مۇۋاپىق مىقداردا.
تەييارلاش ئۇسۇلى:
دورىلارنى چالا سوقۇپ، سۇغا بىر سوتكا چىلاپ، ئاندىن سۈيىنىڭ يېرىمى قالغۇچە قاينىتىپ، دورا تىرىپلىرىنى سۈزۈۋېتىپ، سۈيىگە شېكەرنى سېلىپ تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى:
كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 100 مىللىلىتىردىن ئىستمېمال قىلىنىدۇ.
2 - رېتسېپ
تەركىبى:
ئەنگۈر شىپا، كاكنەج 50 گرامدىن، قوغۇن ئۇرۇقى، بەدىيان يىلتىزى، كاسىنە يىلتىزى 20 گرامدىن، ئوغرىتىكەن، پىرسىياۋشان، كەرەپشە ئۇرۇقى، ئارپىبەدىيان، چۆپچىن 10 گرامدىن ئېلىپ، قايناق سۇ ئىككى كىلوگرام، ھەسەل 500 گرام.
تەييارلاش ئۇسۇلى:
دورىلارنى قايناق سۇغا سەككىز سائەت چىلىغاندىن كېيىن، قاينىتىپ يېرىمى قالغاندا سۈزۈپ، سۈيىگە ھەسەلنى ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى:
كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 500 مىللىلىتىردىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.
3 - رېتسېپ
تەركىبى:
زىرىق 100 گرام، بېھى سۈيى 200 مىللىتىر، ئاچچىق ئانار سۈيى، ئالما سۈيى 50 مىللىتىردىن، شېكەر 100 گرام.
تەييارلاش ئۇسۇلى:
زىرىقنى مېۋە سۇلىرىغا بىر سوتكا چىلىغاندىن كېيىن، سۇس ئوتتا قاينىتىپ، سۈزۈپ، سۈيىگە شېكەرنى سېلىپ تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى:
كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 30 مىللىلىتىردىن ئىستمېمال قىلىنىدۇ. |
|