ئورنىڭىز : تېبابىتىمىز >> جىگەر كېسەللىكى >> يەرقان

يەرقان

يوللانغان ۋاقتى : 2007-12-30 16:45:23    كۆرۈلۈش سانى : 0  
كىچىك | نورمال | چوڭ             
  سەۋەبى:   بۇ كېسەللىك، بەدەندىكى سەپرا خىلىتىنىڭ غالىبلىقى،  ئۆت ھارارىتىنىڭ ئېشىپ كېتىشى،  جىگەر تومۇرلىرى ياكى ئۆت يوللىرى توسۇلۇش ۋە بەدەن سارغىپ كېتىش قاتارلىق سەۋەبلەردىن  كېلىپ چىقىدۇ.   ئالامىتى:   كۆز ئېقى،  شىللىق پەردە ۋە تېرە سارغىيىپ كېتىش،  سۈيدۈك قىزىل چايدەك كېلىش،  چوڭ تەرەت رەڭسىز ئاق كېلىش،  تېرە قىچىشىش،  ئېغىز ئاچچىق،  تەشنالىق ئېغىر بولۇش،  قۇرۇق ھۆ تۇتۇش ۋە جىگەر ئەتراپىدا ئېغىرلىق ھېس قىلىشتەك ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.   1 -  رېتسېپ   تەركىبى:   قىزىلگۈل خەمىكى 35 گرام،  كاسىنە 60 گرام،  بەدىيان يىلتىزى 90 گرام،  ئىزخىر 12 گرام،  ئەفتىمۇن،  كاسىنە ئۇرۇقى 30 گرامدىن،  سۇ تۆت لىتىر،  شېكەر 400 گرام.   تەييارلاش ئۇسۇلى:   دورىلارنى سۇدا قاينىتىپ،  تىرىپلىرىنى ئېلىۋېتىپ،  ئۈستىگە شېكەرنى سېلىپ تەييارلىنىدۇ.   ئىشلىتىش مىقدارى:   كۈنىگە ئۈچ قېتىم،  ھەر قېتىمدا 10 مىللىلىتىردىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.   2 -  رېتسېپ   تەركىبى:   سېرىق ھېلىلە پوستى 30 گرام،  تەمرى ھىندى 60 گرام،  ئەينۇلا 30 تال،  سەرپىستان،  بىنەپشە،  سېرىق ئوت ئۇرۇقى،  كاسىنە ئۇرۇقى 15 گرامدىن،  پۇنۇس 75 گرام،  تەرەنجىبىن 60 گرام.   تەييارلاش ئۇسۇلى:   دورىلارنى سۇغا بىر سوتكا چىلاپ قويۇپ،  ئەتىسى قاينىتىپ، تىرىپلىرىنى سۈزۈۋېتىپ تەييارلىنىدۇ.   ئىشلىتىش مىقدارى:   كۈنىگە ئۈچ قېتىم،  ھەر قېتىمدا 100 مىللىلىتىردىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.   3 - رېتسېپ   تەركىبى:   رەيھان ئۇرۇقى ئالتە گرام،  رەۋەن 12 گرام،  كاسىنە ئۇرۇقى 60 گرام،  سېرىق ئوت ئۇرۇقى ئالتە گرام،  شېكەر 550 گرام،  سېركە 15 گرام،  سۇ ئىككى كىلوگرام.   تەييارلاش ئۇسۇلى:   دورىلارنى سۇدا قاينىتىپ،  تىرىپلىرىنى سۈزۈۋېتىپ،  ئۈستىگە شېكەر،  سىركىلەرنى سېلىپ تەييارلىنىدۇ.   ئىشلىتىش مىقدارى:   كۈنىگە ئۈچ قېتىم،  ھەر قېتىمدا 30 گرامدىن ئىچىلىدۇ.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

يۇقۇملۇق جىگەر يال...
جىگەر ئاجىزلىقى
يەرقان
جىگەر قېتىشىش
ئۆت خالتا ياللۇغى
ئۆت تېشى كېسەللىكى
ئىستىسقا

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

يۇقۇملۇق جىگەر ياللۇغى
جىگەر ئاجىزلىقى
يەرقان
جىگەر قېتىشىش
ئۆت خالتا ياللۇغى
ئۆت تېشى كېسەللىكى
ئىستىسقا
ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912552897
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备07002316