ئورنىڭىز : تېبابىتىمىز >> جىگەر كېسەللىكى >> جىگەر قېتىشىش

جىگەر قېتىشىش

يوللانغان ۋاقتى : 2007-12-30 16:45:06    كۆرۈلۈش سانى : 0  
كىچىك | نورمال | چوڭ             
  سەۋەبى:   بۇ كېسەللىك، ئۇزاق مۇددەت ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك،  ئىسپىرتتىن زەھەرلىنىش،  جىگەرنى ياغ قاپلىۋېلىش،  ھەرخىل جىگەر ياللۇغلىرىنىڭ  جىگەر توقۇلمىلىرىنى زەخىملەندۈرۈشى  سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.   ئالامىتى:   جىگەر ئورنى قاتتىق مەلۇم بولۇش،  ئىشتىھا تۇتۇلۇش،  ئورۇقلاش،  چىرايى سۇنۇق بولۇش،  ئاخىر قورساققا سۇ چۈشۈش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.   1 -  رېتسېپ   تەركىبى:   گۈل سەۋسەن يىلتىزى،  رەۋەن،  زەنجىۋىل 10 گرامدىن،  كەرەپشە ئۇرۇقى،  ئارپىبەدىيان،  جۇۋىنىدىن بەش گرامدىن،  ھەسەل مۇۋاپىق مىقداردا.   تەييارلاش ئۇسۇلى:   دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ،  ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ،  ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.   ئىشلىتىش مىقدارى:   كۈنىگە ئىككى قېتىم،  ھەر قېتىمدا ئۈچ گرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.   2 -  رېتسېپ   تەركىبى:   سۇمبۇل،  قۇستە تەىلخ،  زەپەر، مۇرمەككى،  ئۇدبىلسان،  ئەپيۈن،  سەلىخە،  قۇرۇتۇلغان بۆرە جىگىرى بەش گرامدىن،  غاپەستىن 10 گرام،  بىخسۇستىن،  15 گرام،  ھەسەل 200 گرام.   تەييارلاش ئۇسۇلى:   دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ،  ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ،  ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ،  چىنە قاچىدا ئالتاي ساقلاپ تەييارلىنىدۇ.   ئىشلىتىش مىقدارى:   كۈنىگە ئىككى قېتىم،  ھەر قېتىمدا ئۈچ گرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.   3 - رېتسېپ   تەركىبى:   گۈل سەۋسەن يىلتىزى 20 گرام،  قىزىلگۈل 12 گرام،  رەۋەن،  يۇيۇلغان لوك بەش گرامدىن،  قېلىن دارچىن،  زەپەر بەش گرامدىن،  مۇرمەككى ئىككى گرام،  ھەسەل ئىككى ھەسسە.   تەييارلاش ئۇسۇلى:   زەپەرنى سىركىدە ئېرىتىپ،  قالغان دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ،  ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ،  ئاندىن زەپەرنى ئارىلاشتۇرۇپ،  ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.   ئىشلىتىش مىقدارى:   كۈنىگە ئىككى قېتىم،  ھەر قېتىمدا مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىنىدۇ.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

◇ يۇقۇملۇق جىگەر يال...
◇ جىگەر ئاجىزلىقى
◇ يەرقان
◇ جىگەر قېتىشىش
◇ ئۆت خالتا ياللۇغى
◇ ئۆت تېشى كېسەللىكى
◇ ئىستىسقا

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

◇ يۇقۇملۇق جىگەر ياللۇغى
◇ جىگەر ئاجىزلىقى
◇ يەرقان
◇ جىگەر قېتىشىش
◇ ئۆت خالتا ياللۇغى
◇ ئۆت تېشى كېسەللىكى
◇ ئىستىسقا
ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912552897
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备07002316