ئۆت تېشى كېسەللىكى
يوللانغان ۋاقتى : 2007-12-30 16:44:29 كۆرۈلۈش سانى : 0
سەۋەبى:
بۇ كېسەللىك، ئۆت سۇيۇقلۇقى تەركىبىدىكى تۇز ماددىلىرىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشى، ئۆت خالتىسىنىڭ ياللۇغلىنىشى، ئۆت سۇيۇقلۇقىنىڭ قويۇقلۇقى ئېشىپ كېتىپ، ئاستا - ئاستا چۆكمە شەكىللىنىپ ۋە چۆكمە ماددىلار بىرىكىپ ئۆت خالتىسى ۋە ئۆت نەيچىلىرىدە تاش ھاسىل قىلىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
ئالامىتى:
ئوڭ تەرەپ قورساق جىگەر ساھەسى مۇجۇپ ئاغرىش، توڭۇپ تىترەش، يۇقىرى قىزىتما، سېرىقلىق چۈشۈش قاتارلىق ئالامەتلىرى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
1 - رېتسېپ
تەركىبى:
چايان كۈلى 10 گرام، جىنتىيانا بەش گرام، زەنجىۋىل ئۈچ گرام، قارىمۇچ ئالتە گرام، كاكىنەچ 17 گرام، قۇندۇز قەھرى 12 گرام، ھەسەل ئۈچ ھەسسە، كەرەپشە ئۇرۇقى سۈيى مۇۋاپىق مىقداردا.
تەييارلاش ئۇسۇلى:
دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ھەسەل ۋە كەرەپشە ئۇرۇقى سۈيى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ خېمىر قىلىپ، پۇرچاقتەك چوڭلۇقتا كۇمىلاچ تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى:
كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا ئۈچ تالدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.
2 - رېتسېپ
تەركىبى:
ھەجەرۇل يەھۇد 150 گرام، قاپاق ئۇرۇقى، تەرخەمەك ئۇرۇقى مېغىزى 15 گرامدىن، چايان 10 گرام، كاكىنەچ بەش گرام، جىنتىيانا، تۇرۇپ تۇزى 15 گرامدىن، ھەسەل ئۈچ ھەسسە.
تەييارلاش ئۇسۇلى:
دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ئېرىتىلگەن ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى:
كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا بەش گرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.
3 - رېتسېپ
تەركىبى:
قوغۇن ئۇرۇقى مېغىزى، تەرخەمەك ئۇرۇقى مېغىزى 15 گرامدىن، سېمىز ئوت ئۇرۇقى ئالتە گرام، قاپاق ئۇرۇقى مېغىزى توققۇز گرام، نىشاستە، كەتىرا، ھەببۇل قۇلت (بىرخىل ماش) ئۈچ گرامدىن، ھەجەرۇل يەھۇد (جوھۇت تېشى) تۆت گرام، شېكەر پۈتۈن دورا ۋەزنى بىلەن تەڭ.
تەييارلاش ئۇسۇلى:
دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، تالقان تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى:
كۈنىگە بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا توققۇز گرام دورىنى مۇۋاپىق مىقداردا نوقۇت سۈيى بىلەن قوشۇپ ئىستېمال قىلىنىدۇ. |
|