ئىستىسقا
يوللانغان ۋاقتى : 2007-12-30 16:42:45 كۆرۈلۈش سانى : 0
سەۋەبى:
بۇ كېسەللىك، ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك، كەم قانلىق ۋە جىگەر، يۈرەك، بۆرەك قاتارلىق ئەزالارنىڭ پائالىيىتى بۇزۇلۇش ۋە زەئىپلىشىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
ئالامىتى:
قورساق بوشلۇقىغا سۇ چۈشۈش، پۈتۈن بەدەن ئىششىش سەۋەبىدىن نەپەس سىقىلىش، ماغدۇرسىزلىق، ئىشتىھاسىزلىق، ھەرىكەت توسالغۇغا ئۇچراش، ئەس - ھوشى تۇتۇق بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
1 - رېتسېپ
تەركىبى:
قىزىلگۈل 18 گرام، سۆئدى كۇپى 15 گرام، قەلەمپۇر، مەستىكى، سۇمبۇل، ئاسارۇن توققۇز گرامدىن، زەرنەپ، بەسباسە، قاقىلە، لاچىندانە، جويۇز، قوۋزاقدارچىن، زەپەر ئالتە گرامدىن، ئامىلە 36 گرام، قەنت، ھەسەل 750 گرامدىن.
تەييارلاش ئۇسۇلى:
دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، قەنت، ھەسەلنى ئېرىتىپ ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى:
كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا ئالتە گرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.
2 - رېتسېپ
تەركىبى:
سۇمبۇل، مەستىكى، زەپەر، تاباشىر، دارچىن، ئىزخىر، ئاسارۇن، قۇستە شېرىن، غاپەس ئوسارىسى، سېرىق ئوت ئۇرۇقى، ئوردان، يۇيۇلغان لوك، كاسىنە ئۇرۇقى، كەرەپشە ئۇرۇقى، ئۇزۇنچاق زىراۋەندە، ھەببى بىلسان، قەلەمپۇر، لاچىندانە ئۇرۇقى، ئۇد ھىندى 30 گرامدىن، ئېقى كېسىۋېتىلگەن قىزىلگۈل، 600 گرام، ھەسەل ئۈچ ھەسسە.
تەييارلاش ئۇسۇلى:
دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، كۆپۈكى ئېلىنغان ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى:
كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا ئالتە گرامدىن تاماقتىن بۇرۇن ئىستېمال قىلىنىدۇ.
3 - رېتسېپ
تەركىبى:
رۇم بەدىيان، تاغ كەرەپشىسى ئۇرۇقى، ھەببۇلغار، سىيادان، سەئدى كۇپى، ھىڭ، قۇندۇز قەھرى، قەردمانە، سۇمبۇل، ھەببى بىلسان، جاۋاشىر، ئەنجىدان، ئاسارۇن، زەپەردىن ئۈچ گرامدىن، سەكبىنەج، ئېگىر، ئاچچىق بادام مېغىزى، قۇرۇق سۇزاپ، زىرە، جۇۋىنە، يالپۇز، ياۋا سەۋزە ئۇرۇقى، خولىنجان، غار يوپۇرمىقى، جۆئدە، زەنجىۋىل، غارىقۇن، ھۇماما، كالىنىڭ كۆيدۈرۈلگەن ئوشۇقى ئالتە گرامدىن، ھەسەل ئىككى ھەسسە.
تەييارلاش ئۇسۇلى:
دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ھەسەل بىلەن يۇغۇرۇپ مەجۈن تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى:
كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا ئالتە گرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ. |
|