بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : مەدەنىيىتىمىز >> شەھەرلىرىمىز >> قەشقەر شەھىرى

قەشقەر شەھىرى

يوللانغان ۋاقتى : 2008-04-23 09:36:04    كۆرۈلۈش سانى : 520  
كصچصك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>
     قەشقەر شەھىرى قەشقەر دەرياسىنىڭ دېلتىسىنىڭ ئوتتۇرا، يۇقىرى قىسمىغا جايلاشقان. ئۇنىڭ شەرق، شىمال، غەرب تەرىپى قەشقەر كونىشەھەر ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. قەنۇب تەرىپى قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. شەرقتىن غەربكىچە بولغان كەڭلىكى 13  كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 19 كىلومېتىر، شەھەر رايونى كۆلىمى 15.5 كۋادرات كىلومېتىر. قارمىقىدا  3  يېزا، 4  مەھەللە ئىش باشقارمىسى ، 57 ئاھالە كومىتېتى،  37  كەنت ئاھالە كومىتېتى بار. شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك 3 - شىسىنىڭ شتابى قەشقەر شەھىرىدە. شەھەر رايونىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى  1473 كىلومېتىر.  1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى  248 مىڭ  600  بولۇپ، ئۇيغۇرلار 74.97% نى، خەنزۇلار  23.93% نى، باشقا مىللەتلەر  1.09% نى تەشكىل قىلىدۇ.   قەشقەر غەربىي خەن سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە غەربىي يۇرتتىكى  36  دۆلەتنىڭ بىرى بولغان سۇلى دۆلىتى ئىدى. غەربىي خەن سۇلالىسىنىڭ شېن جۆ 2 - يىلى (مىلادىدىن ئىلگىرىكى  60 - يىلى) غەربىي يۇرت قورۇقچىبەگ مەھكىمىسىگە  قارىغان. تاڭ سۇلالىسىنىڭ جىڭگۈەن 22  - يىلى (648 - يىلى) ۋە تاڭ سۇلالىسىنىڭ شيەنچىڭ 3 - يىلى ( 658 - يىلى) بۇ يەردە سۇلى تۇتۇق مەھكىمىسى تەسىس قىلىنىپ، شۇ چاغدىكى مەشھۇر <غەربنى تىنچلاندۇرغۇچى تۆت قورۇقچىبەگ مەھكىمسى>نىڭ بىرى بولغان. سۇڭ، يۈەن دېگەن نام ئېلىشقا باشلىغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ گۇاڭشۈ  8 - يىلى ( 1882 - يىلى) قەشقەر كونىشەھەر ناھىيىسى تەسىس قىلىنىپ، دوتەي مەھكىمىسى، سۇلى بىۋاسىتە قاراشلىق ئايمىقىغا قارىغان. مىنگو يىللىرىدا قەشقەر دوتەي مەھكىمىسى،  3 - مەمۇرىي رايون، قەشقەر ۋالىي مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن دەسلەپكى مەزگىلدە قەشقەر شەھىرى قەشقەر كونىشەھەر ناھىيىسىنىڭ بىر رايونى ئىدى.  2195 - يىلى كونىشەھەر ناھىيىسىدىن ئايرىپ چىقىپ قەشقەر شەھىرى قىلىپ تەسىس قىلىنغان. ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ قەشقەر ۋالىي مەھكىمىسى، قەشقەر ۋىلايىتىگە قارىغان. ھازىر قەشقەر ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە تۇرۇشلۇق جاي.   يەر تۈزۈلۈشى: شىمالىي تەرىپى ئېگىز، جەنۇبىي تەرىپى پەس، تارىختىن بۇيان دەريا ئېقىنلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىپ تۇرۇشى، تىنىشى بىلە، يەر تۈزۈلۈشى مۇرەككەپ بولۇپ كەتكەن. تەۋەسىدە قىزىل دەرياسى ۋە تۈمەن دەرياسى بار. ئونىڭ يىللىق ئېقىن مىقدارى 2 مىليارد  185 مىليون كۇب مېتىر. تۈزلەڭلىك يەر ئاستى زاپاس سۇ مىقدارى  67 مىليون كۇب مېتىر.   قەشقەر شەھىرى ئىللىق مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى  11.7℃. ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى  40.1℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى  - 24.4℃. كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە ۋاقتى  2874 سائەت. 10℃ جۇغلانما تېمپېراتۇرىسى  4250.5℃. قىروسىز مەزگىلى  218 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى  61.5 مىللىمېتىر. سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايللىنىش مىقدارى  2487.1 مىللىمېتىر.   قەشقەر شەھىرى ئىقتىسادىي جەھەتتە سانائەتنى ئاساس قىلىدۇ. سانائىتى توقۇمىچىلىق سانائىتى، بۇياقچىلىق، ئېلېكتر قۇۋۋىتى، خىمىيە سانائىتى، خۇرۇمچىلىق، يېمەكلىك، كىيىم - كېچەك، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، ماشىنسازلىق ۋە رېمونتچىلىق، مەتبۇئات ۋە ئەنئەنىۋى قول ھۆنەرۋەنچىلىكى قاتارلىق  20 خىلدىن ئاشىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، توقۇمىچىلىق، مىللىي، ئالاھىدە سانائەت ۋە ساياھەتچىلىك بۇ شەھەردىكى تۆت چوڭ تۈۋرۈك كەسىپ ھېسابلىنىدۇ. شەھەر ئەتراپى رايونى يېزا ئىگىلىكىدە شەھەر ئاھالىسىنى <كۆك تاق> بىلەن تەمىنلەش ئاساس قىلىنىدۇ. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، كۆممىقوناق، شال، كېۋەز، مېۋە - چېۋە، كۆكتات قاتارلىقلار بار.   قەشقەر شەھىرىنىڭ ئۇل مۇئەسسەسەلىرى بىرقەدەر ياخشى. دۆلەت تاشيولىنىڭ  314 - لىنىيىسى شەھەر ئىچىدىن ئۆتىدۇ. شەھەر - يېزا يوللىرى گىرەلىشىپ تەرەپ - تەرەپكە تۇتىشىپ كەتكەن. ئۈرۈمچىگە ھەركۈنى نۆۋەتچى ئايروپىلان قاتناپ تۇرىدۇ. پروگراممىلىق تېلېفون، چاقىرغۇ، كۆچمە تېلېفون قاتارلىق خەۋەرلىشىش ۋاستىلىرى ئىشلىتىلىشكە باشلىدى. پۈتۈن ۋىلايەتنى قاپلىغان، پۈتۈن مەملىكەت ۋە دۇنيانىڭ ھەممە جايلىرىغا تۇتاشقان زامانىۋى خەۋەرلىشىش تورى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندى.   بۇ بىر قەدىمىي شەھەر  Ⅺ ئەسىردىن بۇيان ناخشا - ئۇسۇل ماكانى دېگەن نامى بار. كىلاسىك مۇزىكا <12  مۇقام> ئۇيغۇر مۇزىكىسىدىكى قىممەتلىك بايلىق، يەنە ئاممىنىڭ ياقتۇرۇپ كۆرۈشىگە سازاۋەر بولغان <قەشقەر سەنىمى>، <دولان ئۇسسۇلى>، <ساما>، <مەشرەپ> قاتارلىقلار ھازىرغىچە كەڭ تارقىلىپ كەلمەكتە، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن ھېيتكار جامەسى، ئاپئاق خوجامازىرى (ئىپارخان مازىرى)، بەنچاۋ قەلئەسى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ مازىرى قاتارلىقلار بار.  1986 - يىلى  12 - ئاينىڭ  20 - كۈنى قەشقەر شەھىرى دۆلەت دەرىجىلىك مەشھۇر تارىخىي مەدەنىيەت شەھىرى قىلىپ بېكىتىلدى.   [JZ][FT5NBK]قەشقەر كونىشەھەر ناھىيىسى      قەشقەر كونىشەھەر ناھىيىسى پامىر ئېگىزلىكىنىڭ شەرقىي ئېتىكىگە، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ غەربىي چېتىگە جايلاشقان. شەرق تەرىپى يەيزىۋات ناھىيىسى، غەرب تەرىپى ئۇلۇغچات ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. جەنۇب تەرىپى قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسى، ئاقتۇ ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ.، شىمالىي تەرىپى ئاتۇش شەھىرى بىلەن تۇتىشىدۇ. شەرقتىن غەربكىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 113 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان كەڭلىكى  91 كىلومېتىر، ئومۇمىي يەر مەيدانى  4140.7 كۋادرات كىلومېتىر. قارمىقىدا بىر بازار،  17 يېزا،  235 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار. ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 1490 كىلومېتىر.  1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى  366 مىڭ  400 بولۇپ، ئۇيغۇرلار  97.9% نى، خەنزۇلار  1.83% نى، باشقا مىللەتلەر  0.27% نى تەشكىل قىلىدۇ.   قەشقەر كونىشەھەر ناھىيىسى خەن سۇلالىسى دەۋرىدە سۇلى دۆلىتىگە قارىغان. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە سۇلى تۇتۇق مەھكىمىسىگە قارىغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ گۇاڭشۈ  8 - يىلى ( 1883 - يىلى) قەشقەر كونىشەھەردە قەشقەر كونىشەھەر ناھىيىسى قىلىنىپ، قەشقەر دوتەي مەھكىمىسى سۇلى بىۋاسىتە قاراشلىق ئايمىقىغا قارىغان. مىنگونىڭ دەسلەپكى يىلى ( 1912 - يىلى) قەشقەر دوتەي مەھكىمىسىگە بىۋاسىتە قارىغان. مىنگو 16  يىلى (1927 - يىلى) قەشقەر مەمۇرىي رايونىغا قارىغان. مىنگو  32 - يىلى  (1943 - يىلى) شىنجاڭ 3 - مەمۇرىي رايونىغا قارىغان. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ قەشقەر ۋالىي مەھكىمىسىگە، جەنۇبىي شىنجاڭ مەمۇرىي رايونىغا، قەشقەر ۋىلايىتىگە قارىغان.   يەر تۈزۈلۈشى: غەربىي - شىمالدىن شەرقىي ەنۇبقا قاراپ پەسىيىپ ماڭىدۇ. جەنۇب، شىمال ۋە غەرب تەرەپلىرىنى تاغ ئوراپ تۇرىدۇ. شەرق تەرىپى قىزىل دەرياسى بىلەن گەز دەرياسىنىڭ يەلپۈگۈچسىمان تىنمىسىدىن شەكىللەنگەن تىنما تۈزلەڭلىك، ئومۇمىي كۆلىمىدە تاغلىق يەر  54.4% نى، چۆللۈك  5.7% نى، تۈزلەڭلىك  39.9% نى ئىگىلەيدۇ. دەريا ئېقىنلىرىدىن قىزىل دەرياسى، گەز دەرياسى، چاقماق دەرياسى ۋە تۈمەن دەرياسى قاتارلىقلار بار. يىللىق ئوتتۇرىچە سۇ ئېقىش مىقدارى  859 مىليون كۇب مېتىر. تۈزلەڭلىك رايونلىرىنىڭ يەر ئاستى زاپاس سۇ مىقدارى  884 مىليون كۇب مېتىر. ياۋايى ھايۋنات بايلىقىدىن ئاق بوغۇز بۆكەن، بۆرە، سۇغۇر قاتارلىقلار بار. ياۋا دورا ئۆسۈملۈك بايلىقى بىرقەدەر مول. 31 خىل دەرەخ ئائىلىسى بويىچە  108 خىل دەل - دەرەخ بار. بۇنىڭ ئىچىدە دورا ماتېرىيالى ھېسابلىنىدىغىنى  100 خىلدىن ئاشىدۇ. بايقالغان قېزىلما بايلىقدىن ئالتۇن، تۇز، گەز، ھاك قاتارلىقلار بار.   قەشقەر كونىشەھەر ناھىيىسى ئىللىق مۆتىدىل بەلۋاغ ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى  121℃ ~ 10℃، يۇقىرى تېمپراتۇرىسى  39.6℃، تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى - 25.2℃. كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى  2870.6 سائەت، قىروسىز مەزگىلى  212 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى  72.2 مىللىمېتىر. سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى  2537.8 مىللىمېتىر.   بۇ ناھىيىدە دېھقانچىلىق ئاساس قىلىنىدۇ. ھازىر  42 مىڭ  500 گېكتار (637 مىڭ  500 مو) تېرىلغۇ يەر،  56 مىڭ  900 گېكتار ( 853 مىڭ  500 مو) ئوتلاق،  33 مىڭ گېكتار  (495 مىڭ مو) ئورمان،  13  مىڭ 600 گېكتار (204 مىڭ مو) دېھقانچىلىققا باب كېلىدىغان قاقاس يەر،  10 مىڭ گېكتار ( 150 مىڭ مو) ئورمانچىلىققا باب كېلىدىغان قاقاس يەر بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، شال، كۆممىقوناق، كېۋەز، ياغلىقدان، ماش - پۇرچاق، قوغۇن - تاۋۇز، مېۋە - چېۋە، كۆكتات قاتارلىقلار بار. چارۋچىلىقتا كالا، قوي بېقىش ئاساس قىلىنىدۇ. سانائىتىدىن كۆمۈر، ئېلېكتر قۇۋۋىتى، پاختا چىقىرىش ۋە مېۋە پىششىقلاپ ئىشلەش، ئاشلىق - ماي پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىقلار بار.   قەشقەر كونىشەھەر ناھىيىسىنىڭ ئۇل مۇئەسسەسەلىرى تەدرىجىي ياخشىلانماقتا. دۆلەت تاشيولى  314 - لىنىيىسى ناھىيە تەۋەسىدىن ئۆتىدۇ. شەھەر - يېزا تاشيولى تەرەپ - تەرەپكە تۇتىشىپ كەتكەن.  1200 پروگراممىلىق تېلېفون پۈتۈن مەملىكەتنىڭ خەۋەرلىشىش تورىغا كىرگۈزۈلدى.   بۇ ناھىيىنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن مەھمۇد قەشقەرى مازىرى، خانئۆي قەدىمىي قەلئەسى، مور بۇددا مۇنارى، ئاقتال خارابىسى قاتارلىقلار بار. «شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتى توغرىسىدا ئومۇمىي بايان» دىن 


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  ئىسىت دىھقانلىرىم. ...
●  خوتەن شەھىرى
●  ئۈرۈمچى شەھىرى
●  قەشقەر شەھىرى
●  كورلا شەھىرى
●  ئاتۇش شەھىرى
●  بورتالا شەھىرى
●  ئالتاي شەھىرى
●  ئاقسۇ شەھىرى
●  تۇرپان شەھىرى
●  قۇمۇل شەھىرى
●  غۇلجا شەھىرى
●  شىخۇ شەھىرى
●  چۆچەك شەھىرى
●  مىچۇەن شەھىرى
●  كۈيتۈن شەھىرى
●  فۇكاڭ شەھىرى
●  قاراماي شەھىرى
●  شىخەنزە شەھىرى
●  سانجى شەھىرى

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  ئىسىت دىھقانلىرىم. ھالى...
●  خوتەن شەھىرى
●  ئۈرۈمچى شەھىرى
●  قەشقەر شەھىرى
●  كورلا شەھىرى
●  ئاتۇش شەھىرى
●  بورتالا شەھىرى
●  ئالتاي شەھىرى
●  ئاقسۇ شەھىرى
●  تۇرپان شەھىرى

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى