بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : مەدەنىيىتىمىز >> شەھەرلىرىمىز >> ئاتۇش شەھىرى

ئاتۇش شەھىرى

يوللانغان ۋاقتى : 2008-04-21 09:58:40    كۆرۈلۈش سانى : 270  
كصچصك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>
  ئاتۇش شەھىرى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە، تارىم ئويمانلىقىنىڭ غەربىي شىمال قىسمىغا جايلاشقان. شەرق تەرىپى مارالبېشى ناھىيىسى بىلەن، جەنۇب تەرىپى قەشقەر كونا شەھەر ناھىيىسى، پەيزىۋات ناھىيىسى بىلەن، غەرب تەرىپى ئۇلۇغچات ناھىيىسى بىلەن، شەرقىي شىمال قىسمى ئاقچى ناھىيسى بىلەن تۇتىشىدۇ. غەربىي شىمال قىسمى قىرغىزىستان بىلەن چېگرىلىنىدۇ (چېگرا لىنىيىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 124 كىلومېتىر). شەرقتىن غەربكىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى  241 كىلومېتىر. جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان كەڭلىكى  136 كىلومېتىر. ئومۇمىي يەر مەيدانى  14 مىڭ  100  كۋادرات كىلومېتىر. ئۇنىڭغا يەتتە يېزا، ئىككى مەھەللە ئىش باشقارمىسى، 12 ئاھالە كومىتېت،  76 كەنت ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ. ئاتۇش شەھىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى  1428 كىلومېتىر.  1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى  181 مىڭ  700، بۇنىڭ ئىچىدە قىرغىزلار  13.04% نى، ئۇيغۇرلار  80.19% نى، خەنزۇلار  6.66%  نى، باشقا مىللەتلەر 0.11% نى تەشكىل قىلىدۇ.   ئاتۇش خەن سۇلالىسى دەۋرىدە سۇلى دۆلىتىنىڭ يېرى بولۇپ، غەربىي يۇرت قورۇقچىبەگ مەھكىمىسىگە قارىغان. سۇلى خانى باشقۇرغان. سۈي سۇلالىسى دەۋرىدە غەربىي تۈرك خان ئوردىسىغا قارىغان. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئەنشى قورۇقچىبەگ مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان. سۇلى تۇتۇق مەھكىمىسىنىڭ يېرى بولغان. مىلادى  Ⅹ ئەسىردىن Ⅲ Ⅹ ئەسىرگىچە شەرقىي قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ ئوردىسى تۇرۇشلۇق جاي بولغان. يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە بېشبالىق ۋاقىتلىق دىۋان ۋازارىتىگە قارىغان. چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە قەشقەر كونىشەھەر ناھىيىسىگە قارىغان. مىنگونىڭ 27  - يىلى (1938  - يىلى) ئاتۇش باشقۇرۇش ئىدارىسى تەسىس قىلىنغان. مىنگونىڭ 32  - يىلى (1943 - يىلى) ناھىيە قىلىپ تەسىس قىلىنىپ، قەشقەر مەمۇرىي رايونىغا قارىغان. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە قەشقەر ۋالىي مەھكىمىسىگە قارىغان.  1954 - يىلى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئاتۇش ناھىيىسى بۇ ئوبلاستنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن.  1986 - يىلى ناھىيە ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، شەھەر قىلىپ قۇرۇلغان. ھازىر ئۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ مەركىزى.   تەۋەسىدە ئېگىز تاغلار كۆپ، جۇغراپىيىلىك يەر تۈزۈلۈشى شىمالىي قىسىمى ئېگىز، جەنۇبىي قىسمى تۆۋەن. تاغ يېرى  65.7% نى، تۈزلەڭلىك  15.6% نى، چۆل - جەزىرە، شورلۇق  18.7% نى ئىگىلەيدۇ. چاقماق دەرياىس ۋە بوغاز دەرياسى قاتارلىق دەرياسى بار.  يەر ئۈستى سۇ بايلىقى  410  مىليون كۇب مېتىر. تۈزلەڭلىك رايونلىرىنى تەمىنلەيدىغان يەر ئاستى سۈيى مىقدارى 280 مىليون كۇب مېتىر. ياۋايى ھايۋانات بايلىقىدىن يىلپىز، قوڭۇر ئېيىق، ئاق بوغۇز بۆكەن،  ئۇلار، ياۋا توڭگۇز قاتارلىقلار بار. ياۋا دورا ئۆسۈملۈك بايلىقىدىن چۈچۈكبۇيا، قانتېپەر، مەرزەنچۇش قاتارلىقلار بار. بايقالغان قېزىلما بايلىقلىرىدىن ۋانادىي، تىتان، تۆمۈر، قوغۇشۇن، سىنك، تۇز، مىس، ئالتۇن قاتارلىقلار بار.   ئاتۇش شەھىرى ئىللىق مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى  12.9℃، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى  41.2℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى  - 24.4℃، يىلدا ئوتتۇرىچە ھېساب بىلەن  90.4، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى  30℃ تىن يۇقىرى بولىدۇ. كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى  7256.6 سائەت،  10℃ جۇغلانما تېمپېراتۇرىسى  4697.7℃. قىروسىز مەزگىلى  243 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى  760 مىللىمېتىر. سۇنىڭ پارغا ئايلىنىش مىقدارى  3229.3 مىللىمېتىر.   بۇ شەھەر دېھقانچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ. ھازىر بار بولغان تېرىلغۇ يەر كۆلىمى  13 مىڭ  100 گېكتار (196 مىڭ  500 مو). تۈزلەڭلىكتىكى سۈنئىي ئورمانلىق كۆلىمى  14 مىڭ  100 گېكتار (212 مىڭ مو)، تاغلىق رايوندىكى كېيىن شەكىللەنگەن تەبىئىي ئورمان كۆلىمى 10  مىڭ گېكتار (150 مىڭ مو)، ئوتلاق كۆلىمى  401 مىڭ  400 گېكتار  (6 مىليون  21 مىڭ مو). سۇ كۆلىمى بىر مىڭ  200 گېكتار ( 18  مىڭ مو). دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، كۆممىقوناق، كېۋەز، ياغلىق دان، قوغۇن - تاۋۇز، مېۋە - چېۋە قاتارلىقلار بار. باغۋەنچىلىك بۇ شەھەرنىڭ تۈۋرۈك كەسپى بولۇپ، ئەنجۈر، مۇناقى ئۈزۈم، خۇۋەينە ئۆرۈك، قارا كۆسەي قوغۇن ۋە شاپتۇل، نەشپۈت، ئانار قاتارلىقلار كۆپ چىقىدۇ. مۇناقى ئۈزۈم 95 - يىللىق جۇڭگو يېزا ئىگىلىك كۆرگەزمىسىدە ئالتۇن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. ئەنجۈر قېقى، قوغۇن قېقى شياڭگاڭ، پاكىستانلارغا سېتىلىدۇ. چارۋچىلىقىدا كالا، قوي ئاساس قىلىنىدۇ. بازار سودىسى ناھايىتى تەرەققىي قىلغان. شەھەر رايونىدىكى سودا - سانائەت توپ سېتىش بازىرى يايما ئورنىنىڭ كۆپلىكى، تۇۋارلىرنىڭ تولۇقلىقى بىلەن <شياڭگاڭ بازىرى> دەپ ئاتالغان. مىللىي بۇيۇملىرىدىن كىگىز، دوپپا، ئات جابدۇقى، ئاپتۇۋا، چىلاپچا ۋە قىرغىزلارنىڭ تام سەرەمجانلىرى قاتارلىقلار بار.   ئاتۇش شەھىرىنىڭ ئۇل مۇئەسسەسەلىرى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى. شەھەر رايونىنىڭ قەشقەر ئايرودورمى بىلەن بولغان ئارىلىقى ئاران  30  كىلومېتىر كېلىدۇ. دۆلەت تاشيولىنىڭ 314 - لىنىيىسى، ئۆلكە تاشيولىنىڭ  309 - لىنىيىسى شەھەر ئىچىدىن ئۆتىدۇ. ھازىر  10 مىڭ پروگراممىلىق تېلېفون پۈتۈن مەملىكەت بىلەن تورلاشتۇرۇلدى.   بۇ شەھەرنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن ئىسلام دىنىي پىشۋاسى سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان مازىرى، سۇلى دۆلىتى ۋە قاراخانىيلار خاندانلىقى ئوردىسى خارابىسى، مور بۇددا مۇنارى، خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئۈچ مېرۋان غارى قاتارلىقلار بار.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  ئىسىت دىھقانلىرىم. ...
●  خوتەن شەھىرى
●  ئۈرۈمچى شەھىرى
●  قەشقەر شەھىرى
●  كورلا شەھىرى
●  ئاتۇش شەھىرى
●  بورتالا شەھىرى
●  ئالتاي شەھىرى
●  ئاقسۇ شەھىرى
●  تۇرپان شەھىرى
●  قۇمۇل شەھىرى
●  غۇلجا شەھىرى
●  شىخۇ شەھىرى
●  چۆچەك شەھىرى
●  مىچۇەن شەھىرى
●  كۈيتۈن شەھىرى
●  فۇكاڭ شەھىرى
●  قاراماي شەھىرى
●  شىخەنزە شەھىرى
●  سانجى شەھىرى

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  ئىسىت دىھقانلىرىم. ھالى...
●  خوتەن شەھىرى
●  ئۈرۈمچى شەھىرى
●  قەشقەر شەھىرى
●  كورلا شەھىرى
●  ئاتۇش شەھىرى
●  بورتالا شەھىرى
●  ئالتاي شەھىرى
●  ئاقسۇ شەھىرى
●  تۇرپان شەھىرى

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى