بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : مەدەنىيىتىمىز >> شەھەرلىرىمىز >> شىخەنزە شەھىرى

شىخەنزە شەھىرى

يوللانغان ۋاقتى : 2007-12-30 20:24:28    كۆرۈلۈش سانى : 57  
كصچصك | نورمال | چوڭ             
  شىخەنزە شەھىرى تىيانشان تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىنىڭ ئوتتۇرا بۆلۈكىگە، جۇڭغار ئويمانلىقىنڭ جەنۇبىغا جايلاشقان. شەرقتە ماناس ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، غەرب، جەنۇب، شىمال تەرىپى ساۋەن ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 7.36 كىلومېتىر، شەرقتىن غەربكىچە بولغان كەڭلىكى 19 كىلومېتىر، ئومۇمىي كۆلىمى 460 كۋادرات كىلومېتىر. شىخەنزە شەھىرىگە كونا بازار، خۇڭسەن، شىياڭياڭ، يېڭى شەھەر قاتارلق تۆت مەھەللە ئىش باشقارمىسى ۋە شىخەنزە يېزىسى قارايدۇ. ئۇنىڭ ئۈرۈمچى بىلەن بولغان ئارىلىقى 150 كىلومېتىر. 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدكى ئومۇمىي نوپۇسى 552 مىڭ 500 (شەھەر رايونىنىڭ نوپۇسى 258 مىڭ 006)، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار 1.05% نى، خەنزۇرلار 95.25% نى، باشقا مىللەتلەر 3.70% ئىگىلەيدۇ.   شىخەنزە قەدىمكى زاماندا چارۋىچىلىق رايونى بولۇپ، چىڭ سۇلالىسىنىڭ چىيەنلۇڭ يىللىرىدا تېرىقچىلىق قىلىش يولغا قويۇلۇپ، يېزا، كەنتلەر پەيدا بولۇشقا باشلىغان. چيەنلۇڭنىڭ 43 - يىلى (1778 - يىلى) ماناس ناھىيىسى تەسىس قىلىنغاندىن كېيىن، ناھىيىنىڭ غەربىي يېزىسىغا قارىغان. مىنگونىڭ 4 - يىلى (1915 - يىلى) ساۋەن ماناستىن ئايرىلىپ چىقىپ ناھىيە بولغاندىن كېيىن، ساۋەن ناھىيىسىنىڭ باشقۇرۇلۇشىغا ئۆتكەن. 1950 - يىلى، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش قىسمى بۇ يەرگە كىرگەندن كېيىن شىخەنزە يېڭى شەھىرنى بەرپا قىلغان. 1976 - يىلى گوۋۇيەننىڭ تەستىقلىشى بىلەن شىخەنزە ۋىلايىتى قۇرۇلغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە شىخەنزە شەھىرى تەسىس قىلىنىپ شىخەنزە ۋىلايىتىگە قارىغان. 1979 - يىلى، شىخەنزە ۋىلايىتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، شىخەنزە شەھىرى بىۋاسىتە ئاپتونوم رايونغا قارىغان. شىخەنزە شەھىرى ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك 8 - شىسىنىڭ شى شتابى تۇرۇشلۇق جاي.   بۇ شەھەر جەنۇبتىن شىمالغا ئۇزۇنىسىغا سوزۇلغان بولۇپ، يەر تۈزۈلۈشى تەكشى، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 430 - 520 مېتىر، ماناس دەرياسى شەھەرنىڭ شەرقىدىن ئېقىپ ئۆتىدۇ. يىللىق ئېقىن مىقدارى 1 مىليارد 494 مىليون كۇب مېتىر، يەر ئۈستى سۇ بايلىقى 87 مىليون كۇب مېتىر، تۈزلەڭلىك رايونلىرىنىڭ يەر ئاستى سۈيىنىڭ تولۇقلىنىش مىقدارى 414 مىليون كۇب مېتىر. ھازىرغىچە بايقالغان قېزىلما بايلىقلاردىن كۆمۈر، ھاك تېشى، تۆمۈر، ئالتۇن، مىس، كۈمۈش، سېرپېتىن، كۋارتىس قۇم، كۋارتىس تۆمۈرى، ئوتقا چىداملىق سېغىز توپا، قاش تېشى قاتارلىقلار بار.   شىخەنزە شەھىرى مۆتىدىل بەلباغدىكى قۇرغاق كىلىمات رايونىغا كىرىدۇ، يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرسى 6.6℃، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 42.2℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى -39.8℃، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 70.1 كۈن 30℃ تىن 10℃ لۇق جۇغلانما تېمپېراتۇرا 3428.5℃، قىروسىز مەزگىلى 151 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 1.199 مىللىمېتىر، يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 5.3715 مىللىمېتىر.   بۇ شەھەر يېزا ئىگىلىكى بىلەن سانائەت بىرلەشتۈرۈلگەن شەھەر. ھازىرقى تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 24 مىڭ 800 گېكتار (372 مىڭ مو)، ئاساسلىق دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن پاختا، بۇغداي، كۆممىقۇناق، قىزىلچا ۋە قوغۇن - تاۋۇز، مېۋە - چېۋە، سەي كۆكتاتلار بار. ئاساسلىق چارۋىلىرىدىن كالا، قوي، چوشقا قاتارلىقلار بار. سانائىتى ئىنتايىن تېز تەرەققىي قىلغان بولۇپ، ھازىر پاختا توقۇمچىلىق، يۇڭ توقۇمچىلىق، ئىلمە توقۇلما، بېسىش - بوياش، قەغەز ياساش، شېكەر ياساش، يېمەكلىك، ئېنېرگىيە، ماشىنىسازلىق، خىمىيە سانائىتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان زامانىۋى سانائەت تۈرلىرى بەرپا قىلىندى.   شىخەنزە شەھىرىنىڭ ئۇل ئۇئەسسەسەلىرى كۈنسېرى مۇكەممەللەشمەكتە. لەنجۇ - شىنجاڭ تۆمۈر يولىنڭ غەربىي بۆلىكى، <312> دۆلكەت تاشيولى يولى ئايرىم - ئايرىم ھالدا شەھەرنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىدىن ئۆتىدۇ. شىخەنزە شەھەر رايونىنى مەركەز قىلغاندا 41 تاشيول ھەرقايسى تۇەن - مەيدانلار ۋە يېزا، بازارلارغا تۇتىشىدۇ. ئاسىيا، ياۋروپا ئوپتېك كابىلى شەھەر رايونىدىن ئۆتىدۇ. كۆپ خىل زامانىۋى خەۋەرلىشىش ۋاسىتىلىرى ئارقا - ئارقىدىن ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. پروگراممىلىق تېلېفون ئاپپاراتىنىڭ ئومۇمىي توچكىسى 24 مىڭغا يەتتى.   شىخەنزە شەھىرى سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن شەھەر بولۇپ، ئۇنىڭ <چۆلدىكى گۆھەر> دېگەن نامى بار. 1992 - يىلى 4 - ئايدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن شىخەنزە ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى تەسىس قىلىندى. ئۇنىڭ پىلاندىكى كۆلىمى 2.11 كۋادرات كىلومېتىر، 1 - باسقۇچتا ئېچىلىدىغان كۆلىمى 9.4 كۋادرات كىلومېتىر، ئالدىن تۇتۇش قىلىنغان كۆلەم 7.1 كۋادرات كىلومېتىر. شەھەردە زوڭلى جۇئېنلەينىڭ خاتىرە مۇنارى، گېنېرال ۋاڭ جېننىڭ مىس ھەيكىلى، شائىر ئەي چىڭنىڭ خاتىرە سارىيى، خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش مۇزېيى، خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش روھى ئويۇلغان ھەيكەللەر توپى؛ قولۋاققا چۈشۈپ ئارام ئالىدىغان بېيخۇ باغچىسى، غۇۋا تۇمان بىلەن قاپلانغان، سۈيى سىم - سىم يامغۇردەك چۈشىدىغان دوڭگو شارقىراتمىسى، كۆزنى قاماشتۇرىدىغان نىڭجياخې مەنزىرىلىك ساياھەت رايونى؛ كىشىنى ناھايىتى قىزىقتۇرىدىغان <تۆگە قوڭغىرىقى> تەبىئىي قۇملۇق باغچىسى قاتارلىقلار بار. ساياھەت كەسپىنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالى ناھايىتى زور.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  ئىسىت دىھقانلىرىم. ...
●  خوتەن شەھىرى
●  ئۈرۈمچى شەھىرى
●  قەشقەر شەھىرى
●  كورلا شەھىرى
●  ئاتۇش شەھىرى
●  بورتالا شەھىرى
●  ئالتاي شەھىرى
●  ئاقسۇ شەھىرى
●  تۇرپان شەھىرى
●  قۇمۇل شەھىرى
●  غۇلجا شەھىرى
●  شىخۇ شەھىرى
●  چۆچەك شەھىرى
●  مىچۇەن شەھىرى
●  كۈيتۈن شەھىرى
●  فۇكاڭ شەھىرى
●  قاراماي شەھىرى
●  شىخەنزە شەھىرى
●  سانجى شەھىرى

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  ئىسىت دىھقانلىرىم. ھالى...
●  خوتەن شەھىرى
●  ئۈرۈمچى شەھىرى
●  قەشقەر شەھىرى
●  كورلا شەھىرى
●  ئاتۇش شەھىرى
●  بورتالا شەھىرى
●  ئالتاي شەھىرى
●  ئاقسۇ شەھىرى
●  تۇرپان شەھىرى

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى