بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : مەدەنىيىتىمىز >> شەھەرلىرىمىز >> بورتالا شەھىرى

بورتالا شەھىرى

يوللانغان ۋاقتى : 2008-04-19 12:45:12    كۆرۈلۈش سانى : 204  
كصچصك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>
      بورتالا شەھىرى تەڭرى تېغىنىڭ غەربىي بۆلىكىنىڭ شىمالىي ئېتكىگە، جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان. شەرقى تەرىپى جىڭ، تولى ناھىيىلىرى، غەربىي تەرىپى ئارشاڭ ناھىيىسى، جەنۇب تەرىپى قورغاس، غۇلجا ناھىيىلىرى بىلەن تۇتىشىدۇ. شىمالىي تەرىپى قازاقىستان بىلەن چېگرىلىنىدۇ (چېگرا لىنىيىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 105 كىلومېتىر). شەرقتىن غەربكىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 164.7 كىلومېتىر. شىمالدىن جەنۇبقىچە بولغان كەڭلىكى 117.5 كىلومېتىر، ئومۇمىي يەر مەيدانى 7517 كۋادرات كىلومېتىر. ئۇنىڭغا 2 بازار، 3 يېزا، 8 مەھەللە ئىش باشقارمىسى، 14 ئاھالە كومىتېتى، 117 كەنت ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ. ئۇنىڭ تەۋەسىدە ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك 5 - شىسىنىڭ 6 تۇەن - مەيدانى بار. شەھەرنىڭ ئۈرۈمچى بىلەن بولغان ئارىلىقى 528 كىلومېتىر. 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى  188 مىڭ 700 بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە موڭغۇللار 5.88% نى، ئۇيغۇرلار 17.22% نى، خەنزۇلار 64.33% نى، باشقا مىللەتلەر 12.57% نى تەشكىل قىلىدۇ.   بورتالا قەدىمكى زاماندا بولو دېيىلەتتى. خەن سۇلالىسى دەۋرىدە ئۇيسۇن ۋە ياۋچىلارنىڭ چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان يېرى بولغان. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئىككى ئوگۈز تۇتۇق مەھكىمىسى تەسىس قىلىنغان. چىڭ سۇلالىسنىڭ گۇاڭشۈ 14 - يىلى (1888 - يىلى) بورتالا تەپتىشى تەسىس قىلىنىپ، جىڭ بىۋاسىتە قاراشىق نازارىتىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان. مىنگونىڭ 9 - يىلى (1920 - يىلى) جىڭ بىۋاسىتە قاراشلىق نازارىتىدىن ئايرىلىپ چىقىپ ناھىيە قىلىنىپ بورتالا ناھىيىسى دەپ ئاتالغان. ئىلى ۋالىي مەھكىمىسىگە قارىغان. 1954 - يىلى ئىلى ۋالىي مەھكىمىسىدىن بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم رايونىغا ئايرىپ بېرىلگەن. (بۆرتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ تەكتى). 1959 - يىلى بورتالا ناھىيىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. 1962- يىلى يەنە ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن. 1985 - يىلى ناھىيە ئەمەلدىن  قالدۇرۇلۇپ، شەھەر قىلىپ تەسىس قىلىنغان. ھازىر بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ مەركىزى.   بۇ شەھەرنىڭ يەر تۈزۈلۈشى: غەربتىن شەرققە قاراپ تاغلىق، ئېدىرلىق، جىلغا ۋە تۈزلەڭلىكتىن تەركىب تاپقان. بۇنىڭ ئىچىدە تاغ يېرى 48.7% نى، تۈزلەڭلىك 51.3% نى ئىگىلەيدۇ. بۆرتالا دەرياسى، خارتۇراگ دەرياسى ۋە سايرام كۆلى بار. يەر يۈزىدىكى سۇ بايلىقى  573 مىليون كۇب مېتىر، تۈزلەڭلىك رايونلىرىنى تەمىنلەيدىغان يەر ئاستى سۈيى مىقدارى 289 مىليون كۇب مېتىر. ياۋايى ھايۋانات بايلىقىدىن قاڭشارلىق بۆكەن، ئاق بوغۇز بۆكەن قاتارلىقلار بار. ياۋا ئۆسۈملۈك بايلىقىدىن سوغىگۈل ۋە توشقان زەدىكى قاتارلىقلار بار. ھازىرغىچە بايقالغان قېزىلما بايلىقلاردىن ھاك تېشى، گېپىس، سۈرمەن، پېرلىيىت، مەرمەر تاش، گرانت قاتارلىقلار بار.   بورتال شەھىرى مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 5.6℃، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 39.5℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى -36.2℃. كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى  815.8 سائەت.  10℃  يىغىندا تېمپېراتۇرىسى 3137.9℃. قىروسىز مەزگىلى  169 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى  180.7 مىللىمېتىر، سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى  1562.4  مىللىمېتىر.   بورتالا شەھىرى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ. ھازىر 23 مىڭ 700 گېكتار (535 مىڭ 500 مو) تېرىلغۇ يەر، 34 مىڭ 100 گېكتار (511 مىڭ مو) ئورمانلىق، 364 مىڭ 007 گېكتار (5 مىليون 470 مىڭ مو) ئوتلاق بار. يەنە دېھقانچىلىق قىلىشقا باب كېلىدىغان 14 مىڭ 700 گېكتار (220 مىڭ مو) قاقاس يەر، ئورما بىنا قىلىشقا باب كېلىدىغان 2700 گېكتار (41 مىڭ مو) قاقاس يەر بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن كېۋەز، بۇغداي، كۆممىقوناق، ياغلىقدان، قىزىلچا قاتارلىقلار بار. چارۋىدىن كالا، قوي، ئاتنى ئاساس قىلىدۇ. سانائىتىدىن توقۇمىچىلىق، قەغەز ياساش، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، كان ئېچىش، سۇلياۋ بۇيۇملار، ئاشلىق، ماي، يېمەكلىك پىششىقلاپ  ئىشلەش قاتارلىقلار بار.   بۆرتالا شەھىرىنىڭ ئۇل مۇئەسسەسەلىرى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشمەكتە. دۆلەت تاشيولىنىڭ 312 - لىنىيىسى شەھەرنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدۇ. شەھەر يېزىلاردا ئاسفالىت يوللار ھەممە يەرگە تۇتاشقان. ئاپتونوم رايونىنىڭ 2 - دەرىجىلىك خەۋەرلىشىش نۇركابىلى بۇ شەھەردىن ئۆتۈپ بىۋاسىتە ئالاتاۋ ئېغىزغا تۇتىشىدۇ. ھازىر 9000 پروگراممىلىق تېلېفون پۈتۈن مەملىكەت بىلەن تورلاشتۇرۇلدى. ئالاتاۋ ئېغىزى شەھەرنىڭ شىمالىدا بولۇپ، لەنجۇ - شىنجاڭ تۆمۈر يولىنىڭ غەربىي بۆلىكى مۇشۇ يەردە قازاقىستاننىڭ سىبىرىيە تۆمۈر يولى بىلەن تۇتىشىدۇ، ئۇ ياۋروپا - ئاسىيا 2 - چوڭ قۇرۇقلۇق كۆۋرىكىدىكى مۇھىم سودا يولى بولۇپ قالدى.   بورتالا شەھىرى سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن شەھەر. 1992 - يىلى 6 - ئايدا، گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشى بىلەن بۇ يەردە چېگرا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق رايونى قۇرۇلدى. پىلاندىكى قۇرۇلۇش كۆلىمى 8.7 كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، دەسلەپكى قەدەمدە پۈتكەن قۇرۇلۇش كۆلىمى 79.0 كۋادرات كىلومېتىر. شەھەرنىڭ داڭلىق، مەنزىرىلىك جايلىرىدىن سايرام كۆلى ۋە قويتاش بار. «شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتى توغرىسىدا ئومۇمىي بايان» دىن


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  ئىسىت دىھقانلىرىم. ...
●  خوتەن شەھىرى
●  ئۈرۈمچى شەھىرى
●  قەشقەر شەھىرى
●  كورلا شەھىرى
●  ئاتۇش شەھىرى
●  بورتالا شەھىرى
●  ئالتاي شەھىرى
●  ئاقسۇ شەھىرى
●  تۇرپان شەھىرى
●  قۇمۇل شەھىرى
●  غۇلجا شەھىرى
●  شىخۇ شەھىرى
●  چۆچەك شەھىرى
●  مىچۇەن شەھىرى
●  كۈيتۈن شەھىرى
●  فۇكاڭ شەھىرى
●  قاراماي شەھىرى
●  شىخەنزە شەھىرى
●  سانجى شەھىرى

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  ئىسىت دىھقانلىرىم. ھالى...
●  خوتەن شەھىرى
●  ئۈرۈمچى شەھىرى
●  قەشقەر شەھىرى
●  كورلا شەھىرى
●  ئاتۇش شەھىرى
●  بورتالا شەھىرى
●  ئالتاي شەھىرى
●  ئاقسۇ شەھىرى
●  تۇرپان شەھىرى

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى