بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : مەدەنىيىتىمىز >> شەھەرلىرىمىز >> ئالتاي شەھىرى

ئالتاي شەھىرى

يوللانغان ۋاقتى : 2008-04-17 11:34:02    كۆرۈلۈش سانى : 187  
كصچصك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>
  ئالتاي شەھىرى تېغىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە، ئېرىتىش دەرياسىنىڭ شىمالىي قىرغىقىغا جايلاشقان. شەرقىي ۋە جەنۇبىي تەرىپى بۇرۇلتوقاي ناھىيىسى بىلەن، غەربىي تەرىپى بۇرچىن ناھىيىسى، جىمىنەي ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. شىمالىي تەرىپى موڭغۇلىيە بىلەن چېگرىلىندۇ (چېگرا لىنىيىسى 89 كىلومېتىر). شەرقتىن غەربكىچە بولغان كەڭلىكى 170 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 156 كىلومېتىر، ئومۇمىي يەر مەيدانى 11 مىڭ 400 كۋادرات كىلومېتىر. ئالتاي شەھىرىگە 1 بازار، 9 يېزا، 4 مەھەللە ئىش باشقارمىسى، 118 كەنت ئاھالە كومىتېتى ۋە 13 مەھەللە كومىتېتى قارايدۇ. تەۋەسىدە ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك 10 - شىسىنىڭ شتابى ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق 4 تۇەن مەيدان بار. شەھەر رايونىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 670 كىلومېتىر. 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 166 مىڭ 600. بۇنىڭ ئىچىدە قازاقلار 37.7%  نى، خەنزۇلار 53.7% نى، باشقا مىللەتلەر  6.8% نە تەشكىل قىلىدۇ.   ئالتاي شەھىرى تارىختا شىمالدىكى كۆچمە چارۋىچى مىللەتلەرنىڭ پائالىيەت سورۇنى بولغان. بۇ يەرە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ھونلار، سىياپىيلار، جورجانلار ۋە تۈركلەر ھۆكۈمرانلىق قىلغان. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئەنشى قورۇقچىبەگ مەھكىمىسىگە، كېيىن بېشبالىق قورۇقچىبەگ مەھكىمىسىگە قارىغان. يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە موڭغۇل خانلىرىنىڭ سۇيۇرغاللىق يېرى بولغان. مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە دۆربۈت قەبىلىسىنىڭ چارۋىچىلىق قىلىدىغان يېرى بولغان. چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە قۇيدۇ مەسىلھەتچى ئامبىلىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ گۇاڭشۈ 32 - يىلى (1906 - يىلى) ئالتاي خان ئامبىلى  قويۇلغان، مىنگونىڭ 2 - يىلى (1913 - يىلى) سارسۇمبە ئامبال ياردەمچىسى قويۇلۇپ، ئاشەن پەۋقۇلئاددە مەمۇرىي رايونىغا قارىغان. مىنگونىڭ 8 - يىلى (1919 - يىلى) شىنجاڭ ئۆلكىسى ئاشەن دوتەي مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان. مىنگونىڭ 10 - يىلى (1921 - يىلى) سارسۇمبە ناھىيىسى تەسىس قىلىنغان. 1954 - يىلى ئالتاي ناھىيىسى دەپ ئۆزگەرتىلگەن. 1984 - يىلى ناھىيە ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ شەھەر قىلىنغان. ھازىر ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە تۇرۇشلۇق جاي.   يەر تۈزۈلۈشى: شەرقىي شىمالدىن غەربىي جەنۇبقا قاراپ پەسلەپ بارىدۇ. شىمالىي قىسمى تاغلىق (بۇنىڭ ئىچىدە ئۇندۇرخان تېخى ئەڭ ئېگىز بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن 3914 مېتىر ئېگىز)، ئوتتۇرا قىسمى ئېدىرلىق، ئويمانلىق، جەنۇبىي قىسمى تۈزلەڭلىك. بۇنىڭ ئىچىدە تاغ يېرى 53% نى، ئېدىرلىق29% نى، تۈزلەڭلىك 18% نى تەشكىل قىلىدۇ. ئېرتىش دەرياسى، قىران دەرياسى ۋە سۇمدايرىق دەرياسى قاتارلىق دەريالار بار. يەر ئۈستى سۇ بايلىقى مىقدارى 2 مىليارد 85 مىليون كۇب مېتىر. تۈزلەڭلىك رايونلارنى تەمىنلەيدىغان يەر ئاستى سۇ مىقدارى 264 مىليون كۇب مېتىر. ياۋايى ھايۋان بايلىقىدىن يىلپىز، سۆسۈن، بۇلغۇن، سۈر بۇغا، قوڭۇر ئېيىق، تۈلكە، ئاققۇ قاتارلىقلار بار. ياۋا ئۆسۈملۈك بايلىقىدىن قومۇش، سېرىق گوربىل، چۈچۈكبۇيا، توشقان زەدىكى، پاكاندا، سوغىگۈل، قۇرۇتئوت قاتارلىقلار بار. بايقالغان قېزىلما بايلىقلىرىدىن ئالتۇن، چىرىمتال، تانتال، نىئوبېي، لىتىي، خرۇستال، گىلائۇبىر تۇزى، تۇز، ھاك تاش قاتارلىقلار بار.   ئالتاي شەھىرى مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 4.0℃، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 37.6℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى - 43.5℃. كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى  2923.4 سائەت  10℃ يىغىندا تېمپېراتۇرىسى  2794.7℃، قىروسىز مەزگىل  151 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى  180.8 مىللىمېتىر، سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى  1812.2 مىللىمېتىر.   بۇ شەھەرنىڭ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقى بىر قەدەر تەرەققىي تاپقان. ھازىر 20 مىڭ 200 گېكتار (303 مىڭ مو) تېرىلغۇ يەر، 38 مىڭ 600 گېكتار (579 مىڭ 100 مو) ئورمانلىق، 9100 گېكتار (136 مىڭ 500 مو) ئوتلاق بار. چارۋىچىلىقتا يايلاقتا چارۋا بېقىش ئاساس قىلىنىدۇ. چارۋىسىدىن قوي، كالا، ئات، تۆگە قاتارلىقلار بار. بۇنىڭ ئىچىدە ئالتاي چوڭ قۇيرۇقلۇق قوي بىر قەدەر داڭلىق. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، كۆممىقوناق، قىچا، ئاپتاپپەرەس، قىزىلچا قاتارلىقلار بار. سانائىتىدىن قەغەزچىلىك، كانچىلىق، خۇرۇمچىلىق، ئېلېكتر قۇۋۋىتى. يېمەكلىك، يېزا ئىگىلىك، قوشۇمچە كەسىپ مەھسۇلاتلىرىدىن پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىقلار بار.   ئالتاي شەھىرىنىڭ ئاساسىي مۇئەسسەسەلىرى ئۈزلۈكسىز ياخشىلانماقتا. دۆلەت تاشيولى 216 -، 217 - لىنىيىسى شەھەر رايونىنى كېسىپ ئۆتىدۇ، شەھەر، يېزا تاشيوللىرى تەرەپ - تەرەپكە تۇتاشقان. ئوپتىكلىق خەۋەرلىشىش ئۈسكۈنىسى ئىشلىتىشكە باشلىدى. 16 مىڭ پروگراممىلىق تېلېفون ئورنىتىلىپ مەملىكەت تورى بىلەن تۇتاشتۇرۇلدى.   بۇ شەھەرنىڭ مەدەنىي يادىكارلىقلىرىدىن خاندىغانى قىيا تاش رەسىملىرى قاتارلىقلار بار. داڭلىق مەنزىرىلىك جايلىرىدىن قېيىن باغچىسى، تاڭبالى كۆلى، شاۋدوڭگو مۇھاپىزەت ئورمانلىقى قاتارلىقلار بار. «شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتى توغرىسىدا ئومۇمىي بايان» دىن


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  ئىسىت دىھقانلىرىم. ...
●  خوتەن شەھىرى
●  ئۈرۈمچى شەھىرى
●  قەشقەر شەھىرى
●  كورلا شەھىرى
●  ئاتۇش شەھىرى
●  بورتالا شەھىرى
●  ئالتاي شەھىرى
●  ئاقسۇ شەھىرى
●  تۇرپان شەھىرى
●  قۇمۇل شەھىرى
●  غۇلجا شەھىرى
●  شىخۇ شەھىرى
●  چۆچەك شەھىرى
●  مىچۇەن شەھىرى
●  كۈيتۈن شەھىرى
●  فۇكاڭ شەھىرى
●  قاراماي شەھىرى
●  شىخەنزە شەھىرى
●  سانجى شەھىرى

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  ئىسىت دىھقانلىرىم. ھالى...
●  خوتەن شەھىرى
●  ئۈرۈمچى شەھىرى
●  قەشقەر شەھىرى
●  كورلا شەھىرى
●  ئاتۇش شەھىرى
●  بورتالا شەھىرى
●  ئالتاي شەھىرى
●  ئاقسۇ شەھىرى
●  تۇرپان شەھىرى

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى