بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : مەدەنىيىتىمىز >> شەھەرلىرىمىز >> فۇكاڭ شەھىرى

فۇكاڭ شەھىرى

يوللانغان ۋاقتى : 2008-01-19 11:14:27    كۆرۈلۈش سانى : 53  
كصچصك | نورمال | چوڭ             
      فۇكاڭ شەھىرى تەڭرىتاغنىڭ شەرقىي شىمالىي، جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان. شەرقتە جىمىسار ناھىيىسى، غەربتە مىچۇەن شەھىرى، جەنۇبتا ئۈرۈمچى ناھىيىسى، شىمالدا بورۇلتوقاي ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 819 كىلومېتىر، شەرقتىن غەربكىچە بولغان كەڭلىكى 76 كىلومېتىر. ئومۇمىي يەر مەيدانى 8247.6  كۋادرات كىلومېتىر. تەۋەسىدە ئۈچ بازار، ئۈچ يېزا، ئۈچ مەھەللە باشقارمىسى، 6 ئاھالە كومىتېتى، 22 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار. يەنە ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىگە بىۋاسىتە قاراشلىق 222 - تۇەن - مەيدانى ۋە يېزا ئىگىلىك 6 - شىسىنىڭ ئىككى تۇەن - مەيدانى بار. ئۈرۈمچى شەھىرىگە 62 كىلومېتىر كېلىدۇ. 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدكى ئومۇمىي نوپۇسى 141 مىڭ 200، بۇنىڭ ئىچىدە خۇيزۇلار% 11.4، ئۇيغۇرلار% 5.61 نى، خەنزۇلار 74.02% نى، باشقا مىللەتلەر% 8.90 نى ئىگىلەيدۇ.   فۇكاڭ خەن سۇلالىسى دەۋرىدە ئارقا قاڭقىلغا تەۋە بولغان. تاڭ سۇلالىسى دەېرىدە بېشبالىق ئايمىقىغا قاراشلىق تېنگىر ناھىيىسىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان. چەنلوڭنىڭ 41 - يىلى (1776) ناھىيە قۇرۇلۇپ، ئۈرۈمچى ئايمىقىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان. گۇاڭشۈينىڭ 10 - يىلى (1884) ئۈرۈمچى مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان. مىنگو دەۋرىدە ئۈرۈمچى ۋىلايىتىگە قارىغان. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن ئۈرۈمچى ۋىلايىتىگە قارىغان، 1958 - يىلى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن. 1992 - يىلى ناھىيە ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ شەھەر قۇرۇلغان.   يەر تۈزۈلۈشى: جەنۇبى ئېگىز، شىمالى پەس، جەنۇبىي قىسمىدا ئېگىز تاغلار قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ، شىمالىي قىسمى بولسا كەڭ كەتكەن چۆللۈك. بۇنىڭ ئىچىدە تاغلىق% 15.5، تۈزلەڭلىك% 19.3، قۇملۇق، چۆللۈك% 65.2 نى ئىگىلەيدۇ. جەنۇبىي قىسمىدىكى تاغلىق رايونلاردا 54 مۇزلۇق بار، دەريالاردىن شۈيمۇ دەرياسى، سەنگۇڭ دەرياسى، سىگۇڭ دەرياسى، گەنجېزى دەرياسى، بەيياڭ دەرياسى، شىگو دەرياسى، خۇاڭشەن دەرياسى قاتارلىقلار بار. يەر ئۈستى سۇ بايلىقى 334 مىليون كۇب مېتىر، تۈزلەڭلىكتىكى يەر ئاستى سۈيىدىن پايدىلىنىش مىقدارى 718 مىليون كۇب مېتىر. ياۋايى ھايۋان بايلىقىدىن يىلپىز، بۇلغۇن، سۈلەيسۈن، قارا تايغان بۇغا، ئاق بوغۇز بۆكەن، ئۇلار قاتارلىقلار بار. ياۋ دورا ئۆسۈملۈك بايلىقىدىن قار لەيلىسى، سوغىگۈل، كىرەش، قان تېپەر، پەربۇن، چۈچۈك بۇيا، چىڭ قاتارلىقلار بار. بايقالغان قېزىلما بايلىقلاردىن كۆمۈر، نېفىت، تەبىئىي گاز، ھاك، تۆمۈر فوسفور، شور قاتارلىقلار بار.   فۇكاڭ شەھىرى مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق كىلىمات رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى℃ 6.6، يىللىق ئوتتۇرىچە كۈن چۈشۈش ۋاقتى 2933 سائەت، قىروسىز مەزگىلى 174 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 187.5 مىللىمېتىر. يىللىق پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2064.1 مىللىمېتىر.   مەزكۇر شەھەرنىڭ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقى بىر قەدەر تەرەققىي قىلغان. ھازىر بار تېرىلغۇ يېرى 19 مىڭ 400 گېكتار (291 مىڭ مو)، ئورمان 49 مىڭ 500 گېكتار (742 مىڭ 500 مو)، ئوتلارق 183 مىڭ گېكتار (1 مىليون 624 مىڭ 500 مو). يەنە دېھقانچىلىق قىلغىلى بولىدىغان 133 مىڭ گېكتار بوز يەر (1 مىليون 55O مىڭ مو)، ئورمان قىلغىلى بولىدىغان 151 مىڭ 300 گېكتار بوز يەر (2 مىليون 270 مىڭ  مو) بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، كۆممىقۇناق، شال، كېۋەز، قىزىلچا، مايلىقدان، مېۋە - چېۋە، كۆكتات قاتارلىقلار بار. چارۋىلاردىن قوي، ئات، كالا ئاساس قىلىنىدۇ. چارۋىچىلارنىڭ ھەممىسى ئولتۇراقلاشقان. سانائىتىدىن كۆمۈرچىلىك، خىمىيە سانائىتى، ئېلېكتر قۇۋۋىتى، بىناكارلىق ماتېرىياللىرى، قۇيمىچىلىق، ئاشلىق - ماي پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىقلار بار.   فۇكاڭ شەھىرىنىڭ ئۇل مۇئەسسەسەلىرى ئۈزلۈكسىز ياخشىلانماقتا. 216 دۆلەت يولى شەھەرنى كېسىپ ئۆتىدۇ. ياسىلىۋاتقان تۇرپان - ئۈرۈمچى - داخۇاڭشەن يۇقىرى دەرىجىلىك تاشيولى مەزكۇر شەھەردىن ئۆتىدۇ. ئۈرۈمچى - گەنخېزى تۆمۈر يولى مەزكۇر شەھەرنىڭ گەنخېرزى بازىرىدىن باشلىنىدۇ. شەھەر - يېزا تاشيولى تەرەپ - تەرەپكە تۇتىشىدۇ. تېلگراف - خەۋەرلىشىش ۋە سانلىق مىكرو دولقۇن ۋە نۇر كابېل ئارقىلىق يەتكۈزۈش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. 10 مىڭ پروگراممىلىق تېلېفون پۈتۈن مەملىكەت بىلەن تورلاشتۇرۇلدى.   مەدەنىي يادىكارلىقلىرىدىن تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى جۇلو قۇرۇل شەھەر خارابىسى ۋە يېلى قۇرۇل شەھەر خارابىسى بار. مەنزىرىلىك جايلىرىدىن مەشھۇر بۇغدا كۆلى ۋە بۇغدا چوققىسى بار.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  ئىسىت دىھقانلىرىم. ...
●  خوتەن شەھىرى
●  ئۈرۈمچى شەھىرى
●  قەشقەر شەھىرى
●  كورلا شەھىرى
●  ئاتۇش شەھىرى
●  بورتالا شەھىرى
●  ئالتاي شەھىرى
●  ئاقسۇ شەھىرى
●  تۇرپان شەھىرى
●  قۇمۇل شەھىرى
●  غۇلجا شەھىرى
●  شىخۇ شەھىرى
●  چۆچەك شەھىرى
●  مىچۇەن شەھىرى
●  كۈيتۈن شەھىرى
●  فۇكاڭ شەھىرى
●  قاراماي شەھىرى
●  شىخەنزە شەھىرى
●  سانجى شەھىرى

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  ئىسىت دىھقانلىرىم. ھالى...
●  خوتەن شەھىرى
●  ئۈرۈمچى شەھىرى
●  قەشقەر شەھىرى
●  كورلا شەھىرى
●  ئاتۇش شەھىرى
●  بورتالا شەھىرى
●  ئالتاي شەھىرى
●  ئاقسۇ شەھىرى
●  تۇرپان شەھىرى

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى