بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : مەدەنىيىتىمىز >> شەھەرلىرىمىز >> كورلا شەھىرى

كورلا شەھىرى

يوللانغان ۋاقتى : 2008-04-24 10:47:26    كۆرۈلۈش سانى : 287  
كصچصك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>
     كورلا شەھىرى تەڭرى تېغىنىڭ تارمىقى بولغان خورا تېغىنىڭ ئېتىكىگە، تارىم ئويمالىقىنىڭ شەرقىي شىمالىي چېتىگە جايلاشقان. ئۇنىڭ شەرقىي قىسمى باغراش ناھىيىسى بىلەن، جەنۇبىي قىسمى لوپنۇر ناھىيىسى بىلەن، غەربىي قىسمى بۈگۈر ناھىيىسى، شىمالىي قىسمى يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيىسى، خېجىڭ ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 110 كىلومېتىر. شەرقتىن غەربكىچە بولغان كەڭلىكى  92 كىلومېتىر. ئومۇمىي كۆلىمى  7449.7 كۋادرات كىلومېتىر. كورلا شەھىرىگە  10 يېزا، 6 مەھەىللە باشقارمىسى،  56 كەنت ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ. شەھەر تەۋەسىدە تارىم نېفىتلىكىنى قېدىرىپ تەكشۈرۈش، ئېچىش قوماندانلىق شىتابى، جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈريولى ۋاقىتلىق باشقۇرۇش باشقارمىسى، ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ يېزا ئىگىلىك  2 - شىسى قاتارلىق ئورۇنلار بار. شەھەر رايونى بىلەن ئۈرۈمچىنىڭ ئارىلىقى  464  كىلومېتىر. 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى  295 مىڭ  700، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار  30.74% نى، خەنزۇلار  65.51% نى، باشقا مىللەتلەر  3.75% نى تەشكىل قىلىدۇ.   كورلا غەربىي خەن دەۋرىدە چىدىر دۆلىتى دەپ ئاتىلىپ غەربىي يۇرت قورۇقچىبەگ مەھكىمىسىگە تەۋە بولغان. شەرقى خەن دەۋرىنىڭ ئاخىرىدا كىنگىت دۆلىتى قوشۇۋالغان. سۈي، تاڭ سۇلالىسى دەۋرلىرىدە غەربىي تۈركلەرگە، يۈەتن سۇلالىسى دەۋرىدە بېشبالىق دىۋان ۋازارىتىگە تەۋە بولغان. چىن سۇلالىسى دەۋرىدە قاراشەھەر خان ئامبىلىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان.  مىنگونىڭ  6 - يىلى (1917 - يىلى) كورلا ئامبال ياردەمچىسى قويۇلغان. تەۋەلىك جەھەتتە قاراشەھەر ۋىلايىتىگە قارىغان. مىنگونىڭ  19 - يىلى ( 1930 - يىلى) باشقۇرۇش ئىدارىسىگە ئۆزگەرتىلىپ قاراشەھەر مەمۇرىي رايونىغا قارىغان. مىنگونىڭ  28  - يىلى (1939 - يىلى) ناھىيە بولغان، تەۋەلىك جەھەتتە قاراشەھەر مەمۇرىي نازارەت ۋالىي مەھكىمىسىگە قارىغان. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ قاراشەھەر ۋالىي مەھكىمىسىگە، كورلا مەمۇرىي مەھكىمىسىگە، بايىغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىغا قارىغان.  1979 - يىلى كورلا شەھىرى تەسىس قىلىندى.  1984 - يىلى كورلا ناھىيىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، كورلا شەھىرىگە قوشۇۋېتىلدى. ھازىر كورلا شەھىرى - بايىغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى ئورگىنى تۇرۇشلۇق جاي.   يېرىنىڭ شىمالىي ئېگىز، جەنۇبىي پەس بولۇپ، يەلپۈگۈچسىمان قىيپاش بوستانلىق شەكىللەنگەن. بۇنىڭ ئىچىدە، تاغلىق  17.8% نى، تاغ ئالدىكى چۆللۈكلەر  11.4% نى، قۇملۇق  17.6% نى، بوستانلىق  53.2% نى تەشكىل قىلىدۇ. كۈنچى دەرياسى بىردىنبىر چوڭ دەريا بولۇپ، يىللىق ئېقىم مىقدارى  1 مىليارد 210 مىڭ كۇب مېتىر. تۈزلەڭلىك رايونلىرىدىكى يەر ئاستى سۈيىدىن پايدىلىنىش مىقدارى  439 مىليون كۇب مېتىر. ياۋايى ھايۋاناتلاردىن سۇر بۇغا، ئاق بوغۇز بۆكەن، ياۋا توڭگۇز، قىرغاۋۇل، ياۋا توشقان قاتارلىقلار بار. ياۋايى ئۆسۈملۈكلەردىن قومۇش، لوپنۇر كەندىرى، چۈچۈكبۇيا، يولغۇن، توغراق، چاكاندا قاتارلىقلار بار. قېزىلما بايلىقلاردىن كۆمۈر، ساپال توپىسى، ھاك تاش، دولومىت تاش، مەرمەر تاش، گەج قاتارلىقلار بار.   كورلا شەھىرىنىڭ ئىقلىمى ئىسسىق مۆتىدىل بەلۋاغنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇق خاراكتېرىدىكى قۇرغاۇق كىلىماتىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى  11.4℃، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا  40℃ قا چىقىدۇ. ئەڭ تۆۋەن بولغاندا - 28.1℃ قا چۈشىدۇ. يىلدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 80.7 كۈن  30℃ دىن يۇقىرى ئىسسىق بولىدۇ. قۇياشنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى  2990.0 سائەت.  10℃ نىڭ يىغىلىما تېمپېراتۇرىسى  4273℃. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى  51.1 مىللىمېتىر. سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى  2788.2 مىللىمېتىر.   بۇ شەھەر يېڭىدىن گۈللەنگەن سانائەت شەھىرى. ھازىر توقۇمىچىلىق، يېمەك - ئىچمەك، قەغەزچىلىك، ماشىنسازلىق، ئېلېكترون، كۆمۈر، ئېلېكتر قۇۋۋىتى. قۇرۇلۇقش ماتېرىياللىرى، خىمىيە سانائىتى، تېرە - خۇرۇمچىلىق قاتارلىق كەسىپىلەر ئاساس قىلىنغان سانائەت سىستېمىسى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندى. يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدىمۇ بىرقەدەر كۆرۈنەرلىك ئۈستۈنلۈكى بار. ھازىر  19 مىڭ  گېكتار (285 مىڭ مو) تېرىلغۇ يەر، 93 مىڭ  300 گېكتار (1  مىليون 400 مىڭ مو) دېھقانچىلىق قىلىشقا بولىدىغان قاقاس يەر،  44 مىڭ  500 گېكتار (668 مىڭ مو) ئورمانلىق،  348 مىڭ  700 گېكتار (5  مىليون 230  مىڭ مو) ئوتلاق بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، كۆممىقوناق، شال، كېۋەز، نەشپۈت، كۆكتات قاتارلىقلار بار. بۇنىڭ ئىچىدە كورلا نەشپۈتىنىڭ پوستى نېپىز، ئىچى يۇمشاق، چۈرۈك، سۇلۇق، تاتلىق بولۇپ، ئىچكى - تاشقى بازارلاردا داڭقى بار. چارۋىلاردىن كالا، قوي، چوشقا، ئېشەكنى ئاساس قىلىدۇ.   كورلا شەھىرىنىڭ ئاساس مۇئەسسسەسەلىرى بىرقەدەر ياخشى. 314 -، 218 - دۆلەت تاشيولى شەھەر تەۋەسىدىن ئۆتىدۇ. شەھەر - يېزا تاشيوللىرى ھەممە يەرگە تۇتىشىپ كەتكەن؛ بىۋاسىتە ئۈرۈمچى، شىئەنگە بارىدىغان تۆمۈريول، بىۋاسىتە بېيجىڭ، جىنەنگە ئۇچىدىغان ھاۋا لىنىيىسى بار بولۇپ، تاشيول، تۆمۈريول، ئاىئاتسىيە، توروبىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ستېرېئولۇق قاتناش ترانسپورتى تورى شەكىللەندى. 32 مىڭ پروگراممىلىق تېلېفون پۈتۈن مەملىكەتنىڭ تېلېفون تورىغا تۇتاشتۇرۇلدى، سىمسىز چاقىرغۇ، كۆچمە خەۋەرلىشىش ئاپپاراتلىرى كەڭ قوللىنىلماقتا.   مەدەنىي يادىكارلىقلاردىن باشئەگىم، ئۈزگەن قەدىمكى شەھىرى، نوۋرېچى قەدىمكى شەھىرى، ئەللىك كەتمەن شەھىرى، چەرچى تۆپىلىكى ۋە قەدىمكى ساپال بۇيۇملار قاتارلىقلار بار. داڭلىق مەنزىرىلىك جايلاردىن باغراش كۆلى سۇ چىقىرىش پونكىتى مەنزىرىلىك رايونى، نېلۇپەر كۆلى، قۇياش ئارىلى قاتارلىقلار بار.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  ئىسىت دىھقانلىرىم. ...
●  خوتەن شەھىرى
●  ئۈرۈمچى شەھىرى
●  قەشقەر شەھىرى
●  كورلا شەھىرى
●  ئاتۇش شەھىرى
●  بورتالا شەھىرى
●  ئالتاي شەھىرى
●  ئاقسۇ شەھىرى
●  تۇرپان شەھىرى
●  قۇمۇل شەھىرى
●  غۇلجا شەھىرى
●  شىخۇ شەھىرى
●  چۆچەك شەھىرى
●  مىچۇەن شەھىرى
●  كۈيتۈن شەھىرى
●  فۇكاڭ شەھىرى
●  قاراماي شەھىرى
●  شىخەنزە شەھىرى
●  سانجى شەھىرى

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  ئىسىت دىھقانلىرىم. ھالى...
●  خوتەن شەھىرى
●  ئۈرۈمچى شەھىرى
●  قەشقەر شەھىرى
●  كورلا شەھىرى
●  ئاتۇش شەھىرى
●  بورتالا شەھىرى
●  ئالتاي شەھىرى
●  ئاقسۇ شەھىرى
●  تۇرپان شەھىرى

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى