'يېزا ئوتتۇرا دەرىجىلىك مائارىپى'
يوللانغان ۋاقتى : 2009-03-18 09:56:38 كۆرۈلۈش سانى : 14
شىنجاڭدىكى 75 پىرسەنت ئوتتۇرا مەكتەپ يېزىلاردا، يېقىنقى بىرنەچچە يىلدىن بۇيان ئاپتونوم رايونىمىز توققۇز يىللىق مەجبۇرىي مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇشنى چىڭ تۇتتى. ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتنىڭ تىرىشىشى ئارقىلىق 1998 - يىلغا بارغاندا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 93 ناھىيىدىن (شەھەر، رايون) توققۇز يىللىق مەجبۇرىي مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇپ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈپ بولغانلار 43 كە، مائارىپ ئوموملاشتۇرۇلغان نوپۇس 6881200 يېتىپ، رايونىمىز ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ 46.5پىرسەنتىنى ئىگىلىدى. پۈتۈن رايونىمىز بويىچە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ يېشىغا توشقان بالىلارنىڭ مەكتەپكە كىرىش نىسبىتى 74.47 پىرسەنتكە يەتتى. يېزىلاردا 68.3 پىرسەنتكە يېتىپ، مەكتەپكە كىرىش نىسبىتى كۆرسەتكۈچى 2000 - يىلدىكى ئاپتونوم رايون توققۇز يىللىق مەجبۇرىي مائارىپ تەرەققىياتىدىكى نىشانغا يېقىنلاشتى. 1998 - يىلغا بارغاندا، پۈتۈن رايوندا جەمئىي يېزا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتىپى 999 غا، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ يەتتىگە، مۇكەممەل ئوتتۇرا مەكتەپ 171 غا يەتتى. يېزا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى 513439نەپەر بولۇپ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 34358 گە يەتتى.
يېزا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇستەھكەملىنىش پىرسەنتى 98.02 پىرسەنتكە يېتىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيىسىدىن سەل يۇقىرى بولدى. يېقىنقى يىلدىن بۇيان، يېزا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى مائارىپتا مەكتەپ ئەندىزىسىنىڭ بىرخىل بولۇش، مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار چىقىش يولىنىڭ تار مەنىدە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئوقۇش ھەققى ئىسلاھاتى قاتارلىق كۆپلىگەن سەۋەبلەرنىڭ تەسىرى ئاستىدا، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلار سانى كۆرۈنەرلىك ھالدا تۆۋەنلىرى. 1998 - يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەش نىسبىتى 33.92 پىرسەنت بولۇپ، يېزىلاردا بولسا پەقەت 9.82 پىرسەنت بولدى. پۈتۈن رايون بويىچە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ لاياقەتلىك بولۇش پىرسەنتى كۆرۈنەرلىك يۇقىرى كۆتۈرۈلدى 1998 - يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدا يېزا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ئومۇمىي سانى34549 بولۇپ، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئوقۇش تارىخى لاياقەتلىك بولۇش نىسبىتى 92 - 76 پىرسەنت بولدى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيىسى 83.59 پىرسەنتكە يەتتى. يېزا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ سانى 3527 كىشى بولۇپ، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست (شەھەرنى چىقىرىۋەتكەن) تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئوقۇش تارىخىي لاياقەتلىك بولۇش نىسبىتى 61 - 38 پىرسەنت، رايونىمىزنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيىسى ئاران 48.2 پىرسەنت بولدى. مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيىسى 63.49 پىرسەنتلىك سەۋىيىگە سېلىشتۇرغادان پەرق يەنىلا چوڭ. 50 يىللىق تىرىشىش ئارقىلىق رايونىمىزدىكى يېزا ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ سەككىزنى قورۇلۇش ئۈچۈن يۈرۈشلەشتۈرۈ، مەكتەپ ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى پەيدىنپەي ياخشىلاش، تەجرىبە ئوقۇتۇشى، كىتاب ماتېرىياللار ئاساسەن ماسلىشىش، ئوقۇ - ئوقۇتۇش شارائىتىنى زور دەرىجىدە ياخشىلاش ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى، ھۆكۈمەت مەبلەغ سېلىش ئاساس، كۆپ خىخل يوللار ئارقىلىق مەبلەغ توپلاش قوشۇمچە قىلىنغان ئۇل مائارىپ سېلىنما تۈزۈلمىسى بەرپا قىلىندى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى. 1998 - يىلى رايونىمىزدىكى يېزا ئوتتۇرا مەكتەپ خەتەرلىك ئۆيلەر نىسبىتى 5.94 پىرسەنت تۆۋەنلىدى. بۇ مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيىسى 5.56 پىرسەنت بىلەن ئاساسەن تەڭلەشتى. يېزا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ تەجرىبىخانىلىرى ئۆلچەمگە يەتكەن مەكتەپ 55.26 پىرسەنتنى ئىگىلەيدۇ. نۆۋەتتە، ساپا مائارىپى ھۆكۈمەت خاھىشى سۈپىتىدە ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلدى. سەككىز ناھىيە (شەھەر، رايون) ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تۇنجى تۈركۈم ساپا مائارىپى تەجرىبە رايونى قىلىپ بېكىتىلدى. ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ساپا مائارىپى تەجرىبە ئالماشتۇرۇش يىغىنى چاقىرىلدى. ھەرقايسى جاينىڭ يېزا باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپلىرى ئەنئەنىۋى ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى ئىسلاھ قىلىشقا ئېتىبار بېرىپ، يېڭى ئوقۇتۇش نەزەرىيىسى ۋە ئوقۇتۇش ئۇسۇللىرىنى ئۆگىنىش ۋە ئىشلىتىشكە ئېتىبار بەردى. نىشانلىق ئوقۇتۇش نۇرغۇن چەت رايونلارنىڭ يېزا ئوتتۇرا مەكتەپلىرىدە ئومۇملاشتى.'
|
|