بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : مائارپ >> مائارىپ تارىخى >> بىڭتۈەن مائارىپى

بىڭتۈەن مائارىپى

يوللانغان ۋاقتى : 2009-04-24 11:26:01    كۆرۈلۈش سانى : 74  
كىچىك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>
شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە، بىڭتۈندىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەر بالىلىرىنىڭ ئوقۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئاتا - ئانىلارنىڭ خاتىرجەم خىزمەت قىلىش شارائىتىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن بىڭتۈەن يەسلى مائارىپى، باشلانغۇچ مائارىپى يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىپ تەرەققىي قىلىشقا باشلىدى. 1954 - يىلى بىڭتۈەن پەرزەنتلەر مەكتىپى تەرەققىي قىلىپ 24 گە، ئوقۇغۇچى سانى 5387 نەپەرگە يەتتى. باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچى سانىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، يەرلىك مەكتەپلەر بىڭتۈەن پەرزەنتلىرىنىڭ يۇقىرىلاپ ئوقۇش مەسىلىسىنى پۈتۈنلەي ھەل قىلىپ كېتەلمىدى. مۇھىت بىڭتۈەننىڭ مۇستەقىل مەكتەپ قۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. 1956 - يىلى بىڭتۈەندە تۇنجى ئوتتۇرا مەكتەپ بىڭتۈەن شىخەنزە ئوتتۇرا مەكتىپى قۇرۇلدى. ئوقۇغۇچى سانى 226 نەپەر ئىدى. 1957 - يىلى يېزا ئىگىلىك 6 - دىۋىزىيىسى، 4 - دىۋىزىيىسى، 8 - دىۋىزىيىسى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ تولۇقسىز سىنىپلارنى تەسىس قىلدى. 1958 - يىلى تارىم بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش ئۇنىۋېرسىتېتى قۇرۇلدى. 1959 - يىلى شىخەنزە يېزا ئىگىلىك ئىنستىتۇتى قۇرۇلدى. 1966 - يىلى ئادەتتىكى ئوتتۇرا مەكتەپ تەرەققىي قىلىپ 81 گە، ئوقۇغۇچى سانى 19067 نەپەرگە يەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا شىخەنزە تېببىي ئىنستىتۇتى قۇرۇلدى. 1962 - يىلى بىڭتۈەن دەرىجىلىكلەرگە ئايرىپ مەكتەپ قۇرۇش، يەنى ئىشلەپچىقىرىش روتىلىرى 1 - يىللىقتىن 4 - يىللىقىچە مەكتەپ قۇرۇش، تارماق مەيدان مۇكەممەل باشلانغۇچ مەكتەپ قۇرۇش، پولىك ئوتتۇرا مەكتەپ قۇرۇش، دىۋىزىيە مۇكەممەل ئوتتۇرا مەكتەپ قۇرۇش، بىڭتۈەن ئالىي مەكتەپ قۇرۇشتىن ئىبارەت مەكتەپ قۇرۇش تۈزۈلمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىڭتۈەن مائارىپ خىزمىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى. مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى مەزگىلىدە بىڭتۈەن مائارىپى ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى. 1975 - يىلى 5 - ئايدىن 1981 - يىلى 12 - ئايغىچە ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىك بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش باش ئىدارىسى مەزگىلىدە، بىڭتۈەن ھەم بىۋاستە قاراشلىق مەكتەپلەر ئاپتونوم رايونلۇق ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتنىڭ باشقۇرۇشىغا تاپشۇرۇلدى. پولىك قۇرغان مەكتەپلەرنى يەنىلا پولىك ئۆزى باشقۇرۇپ، بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش باش ئىدارىسىنىڭ رەھبەرلىكىنى قوبۇل قىلدى. مەكتەپ كۆپىيىپ 491 گە، ئوقۇغۇچى سانى 171326 نەپەرگە يەتتى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر تۈركۈم كەسپىي ئوتتۇرا مەكتەپ قۇرۇلۇپ، مائارىپ قۇرۇلمىسى ئىسلاھاتى تەجرىبىسى ئىلگىرى سۈرۈلدى. 1982 - يىلىدىن 1984 - يىلىغىچە بىڭتۈەن ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ، بىڭتۈەننىڭ ئادەتتىكى ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپى قايتىدىن جانلاندى. 1987 - يىلى بىڭتۈەن پېداگوگىكا مەخسۇس كۇرس مەكتىپى، بىڭتۈەن ئىقتىساد مەخسۇس كۇرس مەكتىپى قۇرۇلدى. 1996 - يىلى 4 - ئاينىڭ 4 - كۈنى شىخەنزە يېزا ئىگىلىك ئىنستىتۇتى، شىخەنزە تېببىي ئىنستىتۇتى، بىڭتۈەن ئىقتىساد مەخسۇس كۇرس مەكتىپى، بىڭتۈەن پېداگوگىكا مەخسۇس كۇرس مەكتىپى بىرلىشىپ شىخەنزە ئۇنىۋېرسىتېتى قۇرۇلدى. 40 يىلدىن بۇيان بىڭتۈەن مائارىپى ئۇل مائارىپ، كەسپىي تېخنىكا مائارىپى، ئاز سانلىق مىللەت مائارىپى، ئالاھىدە مائارىپ، خىزمەتتىن بۇرۇنقى ۋە كېيىنكى مائارىپ قاتارلىق كۆپ تۈرلۈك، كۆپ قاتلاملىق، كۆپ شەكىللىك، كۆپ فۇنكىسىيىلىك، بىر قەدەر مۇكەممەل بولغان، شۇنداقلا بىڭتۈەن ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش مائارىپ سىستېمىسىنى شەكىللەندۈردى. 1999 - يىلىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر بىڭتۈەندىكى ھەر دەرىجىلىك تۈرلۈك مەكتەپ 820 گە يەتتى. بۇنىڭ ئىچىدە ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىككى، چوڭلار ئالىي مەكتىپى بەش (ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ چوڭلار مائارىپ ئىنستىتۇتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، ئادەتتىكى ئوتتۇرا تېخنىكوم يەتتە (ئىككى ئوتتۇرا دەرىجىلىك پېداگوگىكا مەكتىپىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، چوڭلار ئوتتۇرا تېخنىكومى 23 (10 ئوقۇتقۇچىلار بىلىم ئاشۇرۇش مەكتىپىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، ئادەتتىكى ئوتتۇرا مەكتەپ 294، باشلانغۇچ مەكتەپ 461، بالىلار باغچىسى 215؛ ئوقۇتقۇچى ئىشچى خىزمەتچى 37793 نەپەر، بۇنىڭ ئىچىدە مەخسۇس ئوقۇتقۇچى 26003 نەپەر، ئوقۇغۇچى سانى 449845 نەپەر، بۇنىڭ ئىچىدە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچى سانى 20336 نەپەر، ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچى سانى 402720 نەپەر، بالىلار باغچىسىدىكى ئۆسمۈرلەر سانى 54087 نەپەر بولغان.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  باشلانغۇچ مەكتەپلە...
●  مانجۇ مائارىپى
●  مۇئەللىم ۋە مەكتەپ...
●  بىڭتۈەن مائارىپى
●  'شەھەر - يېزا مائا...
●  گازارما مەكتىپى
●  ياڭجىڭ مەدرىسى
●  ئەمەلدارلار مەكتىپ...
●  'يېزا ئوتتۇرا دەر...
●  يېزىلاردىكى ئاددىي...
●  'يانغىن پىلانىنى...
●  ئۈچ خىل مائارىپنى ت...
●  'يېزا باشلانغۇچ م...
●  تەييارلىق مەكتىپى
●  ئوقۇتقۇچى روھى ۋە مائارىپ...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  باشلانغۇچ مەكتەپلەر مائ...
●  مانجۇ مائارىپى
●  مۇئەللىم ۋە مەكتەپنىڭ پ...
●  بىڭتۈەن مائارىپى
●  'شەھەر - يېزا مائارىپ ھ...
●  گازارما مەكتىپى
●  ياڭجىڭ مەدرىسى
●  ئەمەلدارلار مەكتىپى
●  'يېزا ئوتتۇرا دەرىجىل...
●  يېزىلاردىكى ئاددىي باشل...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى