'شەھەر - يېزا مائارىپ ھەققى قوشۇمچىسى'
يوللانغان ۋاقتى : 2009-04-23 16:14:52 كۆرۈلۈش سانى : 68
كىچىك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مائارىپ تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى توغرىسىدىكى قارارى نى ئىزچىللاشتۇرۇش، يەرلىكنىڭ مائارىپ ئىشلىرى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، يەرلىك مائارىپ مەبلىغىنىڭ كېلىش مەنبەسىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن، گوۋۇيۈەن 1986 - يىلى مائارىپ ھەققى قوشۇمچىسىنى يىغىش توغرىسىدىكى ۋاقىتلىق بەلگىلىمە نى ئېلان قىلدى. شەھەرلەردىكى مائارىپ ھەققى قوشۇمچىسى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە كۆپەيمە قىممەت بېجى، تىجارەت بېجى، ئىستىمال بېجى تاپشۇرىدىغان ئورۇن ۋە شەخسلەر ئۈچ خىل باجنىڭ نىسبىتى بويىچە تاپشۇرىدىغان مائارىپ قوشۇمچىسىنى كۆرسىتىدۇ. يېزا، چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى مائارىپ ھەققى قوشۇمچىسى بولسا ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر بېكىتكەن يېزا - كەنت كارخانىلىرىنىڭ پايدىسى (ياكى تىجارەت كىرىمى) نىڭ بەلگىلىك نىسبىتى ۋە دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ ئالدىنقى يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمىنىڭ بەلگىلىك نىسبىتى بويىچە يىغىۋېلىندىغان مائارىپ ھەققى
قوشۇمچىسىنى كۆرسىتىدۇ.
1999 - يىلى پۈتۈن ئاپتونوم رايونىمىزدا شەھەر مائارىپ ھەققى قوشۇمچىسىدىن 142 مىليون 700 مىڭ يۈەن، يېزا مائارىپ ھەققى قوشۇمچىسىدىن 74 مىليون 867 مىڭ يۈەن يىغىۋېلىندى.' |
|