بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : مائارپ >> مائارىپ تارىخى >> مانجۇ مائارىپى

مانجۇ مائارىپى

يوللانغان ۋاقتى : 2009-05-13 17:33:16    كۆرۈلۈش سانى : 100  
كىچىك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>
شىنجاڭدىكى مانجۇ مەكتەپلەر مائارىپى 18 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلانغان. 1766 - يىلى ئىلى گېنىرالى مىڭرۇي ئىلى مانجۇ ئەسكەرلىرىنىڭ سەككىز تۇغلۇق قوشۇنىنىڭ ھەر بىرىدە بىردىن ھۆكۈمەت مەكتىپى قۇرۇشقا بۇيرۇق چۈشۈرگەن. ئۆز ۋاقتىدا ھەربىر مەكتەپتە 64 كىشىگە ئىككى نەپەر ئوقۇتقۇچى بار ئىدى. شىنخەي ئىنقىلابىدىن كېيىن مانجۇلر مائارىپىمۇ تەسىرگە ئۇچرىدى. 20 - ئەسىرنىڭ 30 - يىللىرى مانجۇلار مائارىپى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مائارىپى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئېتىبار بېرىشكە ئېرىشتى. 1943 - يىلى مانجۇلارنىڭ ھەر دەرىجىلىك ھەر خىل تىپتىكى مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچىلار سانى 347 كىشىگە يەتتى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن مانجۇلار مائارىپىدىكى تەرەققىيات ئىنتايىن تېز بولدى. 1965 - يىلى مەكتەپلەردىكى مانجۇ ئوقۇغۇچىلار سانى باشلانغۇچ مەكتەپتە 272 نەپەرگە، تېخنىكا ئىشچىلار مەكتىپىدە ئۈچ كىشىگە، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە 102 نەپەرگە، ئوتتۇرا دەرىجىلىك پېداگوگىكا مەكتىپدە ئۈچ كىشىگە، ئوتتۇرا دەرىجىلىك تېخنىكا مەكتىپدە 23 نەپەرگە، ئالىي مەكتەپتە 15 كىشىگە يەتكەن. مانجۇ ئوقۇتقۇچىلار سانى باشلانغۇچ مەكتەپتە 48 كىشىگە، يېزا ئىگىلىك ئوتتۇرا مەكتەپتە بىر كىشىگە، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ 16 كىشىگە، ئوتتۇرا دەرىجىلىك تېخنك مەكتەپتە تۆت كىشىگە، ئالىي مەكتەپتە 12 كىشىگە يەتكەن. پارتىيىنىڭ 11 - نۆۋەتلىك 3 - ئومۇمىي يىغىنىدىن كېيىن مانجۇلار مائارىپى تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەرەققىياتقا ئېرىشتى. 1999 - يىلى مەكتەپتىك مانجۇ ئوقۇغۇچىلار سانى بالىلار باغچىسىدا 277 نەپەرگە، باشلانغۇچ مەكتەپتە 4125 نەپەرگە، ئادەتتىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە 1021 نەپەرگە، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە 514 نەپەرگە، ئادەتتىكى ئوتتۇرا تېخنىكوم 134 نەپەرگە، ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ 106 نەپەرگە، يەتكەن. مانجۇ ئوقۇتقۇچىلار سانى بالىلار باغچىسىدا 19 نەپەرگە، باشلانغۇچ مەكتەپتە 119 نەپەرگە، ئادەتتىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە 98 نەپەرگە، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە 34 نەپەرگە، ئادەتتىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتەپتە ئىككى نەپەرگە، ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپتە 52 نەپەرگە يەتكەن. 1999 - يىلى مانجۇلارنىڭ ھەر 10 مىڭ نوپۇسى ئىچىدە مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچىلار سانى باشلانغۇچ مەكتەپتە 737 نەپەرگە، ئادەتتىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە 489 نەپەرگە، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە 246 نەپەرگە، ئادەتتىكى ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتەپتە 64 نەپەرگە، ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپتە 51 نەپەرگە يەتكەن.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  باشلانغۇچ مەكتەپلە...
●  مانجۇ مائارىپى
●  مۇئەللىم ۋە مەكتەپ...
●  بىڭتۈەن مائارىپى
●  'شەھەر - يېزا مائا...
●  گازارما مەكتىپى
●  ياڭجىڭ مەدرىسى
●  ئەمەلدارلار مەكتىپ...
●  'يېزا ئوتتۇرا دەر...
●  يېزىلاردىكى ئاددىي...
●  'يانغىن پىلانىنى...
●  ئۈچ خىل مائارىپنى ت...
●  'يېزا باشلانغۇچ م...
●  تەييارلىق مەكتىپى
●  ئوقۇتقۇچى روھى ۋە مائارىپ...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  باشلانغۇچ مەكتەپلەر مائ...
●  مانجۇ مائارىپى
●  مۇئەللىم ۋە مەكتەپنىڭ پ...
●  بىڭتۈەن مائارىپى
●  'شەھەر - يېزا مائارىپ ھ...
●  گازارما مەكتىپى
●  ياڭجىڭ مەدرىسى
●  ئەمەلدارلار مەكتىپى
●  'يېزا ئوتتۇرا دەرىجىل...
●  يېزىلاردىكى ئاددىي باشل...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى