'يېزا باشلانغۇچ مائارىپى'
يوللانغان ۋاقتى : 2009-02-28 11:34:45 كۆرۈلۈش سانى : 18
زېمىن كەڭ، چەت، دېھقانچىلىق - چارۋىچىلىق رايونلىرىنىڭ قاتناش مەسىلىسى قۇلايلىق بولمىغانلىقى سەۋەبىدىن شىنجاڭدا باشلانغۇچ مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىدىكى قىيىنلىق بىر قەدەر ئېغىر. ئاپتونوم رايونىمىز ئاكتىپلىق بىلەن ھەرخىل شەكىلدە مەكتەپ قۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك رايونلىرىدا پۈتۈن كۈنلۈك باشلانغۇچ مەكتەپ قۇرۇشنى ئاساس قىلدى. چارۋىچىلىق رايونلىرىدا بولسا، ياتاق تۈزۈمىدىكى مەكتەپ ۋە پۈتۈن كۈنلۈك مۇقىم مەكتەپلەر قۇرۇشنى ئاساس قىلدى. 1984 - يىلى 9 - ئايدا قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يوپۇرغا ناھىيىسى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تۇنجى دەسلەپكى مائارىپنى ئومۇملاشتۇرغان ناھىيە بولۇپ قالدى. 10 نەچچە يىللىق تىرىشىش ئارقىلىق 1995 -يىلنىڭ ئاخىرىغىچە ئاپتونوم رايون بويىچە 93 ناھىيە، شەھەر، رايون ئىچىدە تاشقۇرغان ناھىيىسىدىن باشقا 92 ناھىيىنىڭ باشلانغۇچ مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشتىن ئۆتتى. نوپۇسنىڭ قاپلاش نىسبىتى 98 پىرسەنتكە يەتتى. 1998 - يىلنىڭ ئاخىرىغا بارغاندا شىنجاڭدىكى يېزا باشلانغۇچ مەكتەپلىرى 5966 كە يەتتى. ئوقۇتۇش نۇقتىسى 3840 غا يەتتى. بۇنىڭ ئىچىدە چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى ياتاقلىق تۈزۈمدىكى باشلانغۇچ مەكتەپ 304 كە يەتتى. يېزا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى 1888533 ئادەمگە يېتىپ، ئاپتونوم رايوندىكى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى سانىنىڭ 75.76 پىرسەنتىنى ئىگىلىدى. مەكتەپ يېشىغا توشقان بالىلارنىڭ مەكتەپكە كىرىش نىسبىتى 97.65 پىرسەنتكە يېتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيىسىگە 0.03 پىرسەنتىلا كەم قالدى. يېزا باشلانغۇچ مەكتەپ بالىلىرىنىڭ يۇقىرىغا ئۆرلەش سىنىپى 52.83 پىرسەنتكە، مۇستەھكەملىنىش نىسبىتى 99.68 پىرسەنتكە يەتتى. بۇنىڭ ئىچىدە چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى ياتاق تۈزۈمىدىكى مەكتەپلەرنىڭ مۇستەھكەملەش نىسبىتىمۇ 97.45 پىرسەنتكە يەتتى. بۇلار ئاپتونوم رايونىمىز يېزا باشلانغۇچ مائارىپىنىڭ ئاساسەن ئۇمۇملاشقانلىقىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، رايونىمىز ئەسىر ھالقىغان باغۋەنلەر قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ مۇدىرى ھەم ئوقۇتقۇچىلىرىغا بولغان تەربىيىلەشنى كۈچەييتى. يېزا باشلانغۇچ مەكتەپلىرىنىڭ مەكتەپ مۇدىرلىرى ئاساسەن بىر قېتىم تەربىيىلەندى. 1998 - يىلغا بارغاندا پۈتۈن رايون بويىچە باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ رەسمىي ئوقۇتقۇچىلار سانى 123308 نەپەر بولۇپ، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئوقۇش تارىخىي لاياقەتلىك بولۇش نىستىبى 96.09پىرسەنتكە يەتتى. بۇ مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيىسى 99.59 تىن ئازراق ئاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە يېزا باشلانغۇچ مەكتەپ رەسمىي ئوقۇتقۇچىلىرى 89368 نەپەرگە يېتىپ، پۈتۈن رايونىمىز باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلار ئومۇمىي سانىنىڭ72.48 پىرسەنتىنى ئىگىلىدى. ئوقۇ - ئوقۇتۇش شارائىتى جەھەتتە ناھىيە، ريزا، كەنت ئۈچ دەرىجە بويىچە مەكتەپ قۇرۇش، ناھىيە، ېزا ئىككى دەرىجە بويىچە باشقۇرۇش، ناھىيە ئاساسلىق ئورۇنلاشتۇرۇش پرىنسىپى يولغا قويۇلۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ مەسئۇلىيىتى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. ھازىر ئېلىپ بېرىلىۋاتقان دۆلەتلىك نامرات رايونلار مەجبۇرىي مائارىپ قۇرۇلۇشى قوشۇلۇپ رايونىمىزنىڭ تاغلىق رايونى، چارۋىچىلىق رايونى ۋە چەت نامرات رايونلارنىڭ ئوقۇ - ئوقۇتۇش شارائىتى زور دەرىجىدە ياخشىلاندى. 1998 - يىلغا بارغاندا يېزا باشلانغۇچ مەكتەپلرىنىڭ خەتەرلىك ئۆيلەر نىسبىتى 5.42 پىرسەنتكە تۆۋەنلىدى. بۇ رايونىمىزنىڭ 4.94 پىرسەنتلىك سەۋىيىدىن كۆپ پەرقلەنمەيدۇ. 1997 - يىلى دۆلەتلىك مائارىپى مىنىستىرلىكىنىڭ نۆۋەتتىكى ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى ساپا مائارىپىنى ئاكتىپ يولغا قويۇش توغرىسىدىكى بىرقانچە پىكرى گە ئاساسەن، رايونىمىز ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ساپا مائارىپى ئومۇمىيۈزلۈك يولغا قويۇش توغرىسىدىكى پىكرى نى ئوتتۇرىغا چىقاردى. ھەرقايسى جايلارمۇ ئۆز رايونىنىڭ يولغا قويۇش پىكرى ۋە پىلانىنى تۈزۈپ چىقتى. يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بىر قىسىم رايون ۋە مەكتەپلەردە ئاللىقاچان باشلانغۇچ مەكتەپلەردە يۈز نومۇرلۇق تۈزۈمنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، دەرىجە تۈزۈم ۋە ئۇنىۋېرسال نومۇر قويۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلۇپ، ئىجابىي يېتەكلەش ئاساس قىلىندى. ئىلھاملاندۇرۇش خاراكتېرلىك باھا سۆزىنى ئىشلىتىپ، ئىمتىھان ۋە نومۇر ئېڭىنى بوشاشتۇرۇپ، بىر قەدەر ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشتى.'
|
|