تەييارلىق مەكتىپى
يوللانغان ۋاقتى : 2009-02-15 11:31:23 كۆرۈلۈش سانى : 13
چىڭ سۇلالىسى مەزگىلىدىكى مەكتەپ مائارىپىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسىمى. 1767 - ىلى ئۈرۈمچىدىكى ئىش بېجىرىش ۋەزىرى ۋېن فۇ شەھەرلەردە ئائىلە سانى مەلۇم دەرىجىگە يەتكەندە، بىردىن تەييارلىق مەكتىپى تەسىس قىلىش، خەلق ئىچىدىكى ئەخلاق - بەزىلەتتە ياخشى، ئىلىم - مەرىپەتتە ئالدىنىقى قاتاردىكى كىشىلەرنى تاللاپ، ئوقۇتقۇچلىققا تەيىنلەش نى تەشەببۇس قىلدى. ھەر بىر تەييارلىق مەكتىپىدە 12 نەپەر ئوقۇتقۇچى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىش ھەققىنى ھۆكۈمەت بېرەتتى. يەنى، ھۆكۈمەت تەرەپ مەكتەپكە بەلگىلىك ساندىكى يەرنى ئاجرىتىپ بېرەتتى. مەكتەپ ئادەم ياللاپ بۇ يەرلەرنى تېرىتتى ھەمدە يىللىق مەھسۇلاتنى مەكتەپ، ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇرمۇش خىراجىتى قىلاتتى. مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى كۆپىنچە ھاللاردا گۇناھ ئۆتكۈزۈپ شىنجاڭغا سۈرگۈن قىلىنغان ئەمەلدار ئىچىدىن تاللىناتتى. تەييارلىق مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيلەش مەقسىتى پەننىي ئىمتىھانلار ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى يەتكۈزۈپ بېرىشتىن ئىبارەت بولغان. 1805 - يىلدىكى ستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا چىڭ ھۆكۈمىتى دىخۇا، سانجى، سۈيلەي، فۇكاڭ، جىمسار، قۇتۇبى ۋە گۇچۇڭ قاتارلىق جايلاردا بىردىن تەييارلىق مەكتىپى تەسىس قىلغان بولۇپ، يىللىق خىراجىتى 380 سەر كۈمۈش بولغان.'
|
|