'يانغىن پىلانىنىڭ يۈز، مىڭ، تۈمەن قۇرۇلۇشى'
يوللانغان ۋاقتى : 2009-03-16 10:40:56 كۆرۈلۈش سانى : 15
پۈتۈن مەملىكىتىمىزدە يانغىن پىلانىنى يولغا قويىۋاتقان مىڭلىغان يېزا، تۈمەنلىگەن كەنتلەر، يۈزلىگەن يېزا ئەمەلىي پەن - تېخنىكىنى كېڭەيتمەكتە، بۇ قىسقارتىلىپ يانغىن پىلانىنىڭ يۈز مىڭ تۈمەن قۇرۇلۇشى دېيىلىدۇ. بۇ پىلان قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇشنىڭ يېتەكچى ئىدىيىسى بولسا، پەن - تېخنىكا ئارقىلىق دۆلەتنى گۈللەندۈرۈش ستراتىگىيىلىك ئىدىيىنىڭ يېتەكچىلىكىدە زور كۆلەمدە يېزا ئەمگەكچىلىرىنىڭ ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، يېزىلاردا ئەمەلىي تېخنىكىنىڭ كېڭەيتىلىشى ۋە ئومۇملاشتۇرۇشىنى تېزلىتىپ، يېزا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ. يېزىلاردىكى ئىككى ئاساسەن خىزمىتىنى ئاكتىپلىق بىلەن چىڭ تۇتۇش بىلەن بىرگە ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ، ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن ئىش كۆرۈش، ئەمەلىي ئۈنۈمنى تەكىتلەش پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش، رادىئو - تېلېۋىزور قاتارلىق تەربىيىلەش ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئىلغار يېزا ئەمەلىي تېخنىكىلىرىنى ئەڭ تېز سۈرئەتتە يېزا - كەنتلەردىكى دېھقانلارغا يەتكۈزۈش، دېھقانلارنىڭ بېيىشىنى تېزلىتىش كېرەك. پائالىيەت شەكلى بولسا، يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىكى مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرىنىڭ تونۇشتۇرۇشى ئاساسىدا، يېزا پەن - تېخنىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرى ئىچىدىكى ئەمەلىيەتچانلىقى كۈچلۈك، ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمى يۇقىرى، كېڭەيتىش ئاسان بولغان 100 خىلدىن ئارتۇق يېزا ئەمەلىي تېخنىكىسىنى تاللاپ، ئۇنى ئاساسىي مەزمون قىلىش، ئۈنئالغۇ لېنتىسى، سىنئالغۇ لېنتىسى، پەن - تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش ماتېرىياللىرىدىن پايدىلىنىش، يانغىن رادىئو - تېلېۋىزىيە مەكتىپى، يېزا كەسپىي مەكتەپلىرى، كەسپىي مائارىپ مەركىزى، دېھقانلارنىڭ مەدەنىيەت، پەن - تېخنىكا مەكتىپى قاتارلىقلارنى بازا قىلىش، رادىئو - تېلېۋىزىيە قاتارلىق ھەرخىل تەربىيىلەش ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىپ، كەڭ دېھقانچىلىق ھەم چارۋىچىلىق رايونلىرىدا پەن - تېخنىكىنى كېڭەيتىش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇش. ھەرقايسى جايلار ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسلىنىپ 100 تۈرلۈك پەن - تېخنىكا ئېچىش تۈرلىرى ئىچىدىن ئۆز رايونىدا نۇقتىلىق كېڭەيتىدىغان بىرقانچە تۈرلۈك ئەمەلىي تېخنىكىنى بەلگىلەپ چىقىش ھەمدە ئېھتىياجىغا ئاساسەن تېخنىكا كېڭەيتىش دائىرىسىنى بارا - بارا كېڭەيتىش كېرەك، شىنجاڭنىڭ يېزا مائارىپىنى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھ قىلىش ئىككىنچى قارارلىق قۇرۇلۇشىغا كىرگۈزۈلگەن 19 تەجرىبە ناھىيە ( شەھەر) ۋە 140 يانغىن پىلانى ئۈلگە يېزىلىرى ھەمدە ئاپتونوم رايونلۇق يېزا مائارىپىنى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھ قىلىش تەجرىبە ئوبلاستلىرى يانغىن پىلانى يۈز، مىڭ، تۈمەن قۇرۇلۇشى نى باشلامچىلىق بىلەن يولغا قويۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. بۇ تۈرلۈك قۇرۇلۇشنى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ كومىتېتى، يېزا مائارىپى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھ قىلىش ئىشخانىسى تەشكىللەپ يولغا قويىدۇ، ئالاقىدار نازارەت، ئىدارە ۋە تارماق ئورۇنلار قاتنىشىدۇ. يەن شىنجاڭ رادىئو - تېلېۋىزىيە ئۇنىۋېرسىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىك نازارىتى، پەن - تېخنىكا كومىتېتى، پەن - تېخنىكا ئۇيۇشمىسى، پەن - تېخنىكا ئارقىلىق شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش ئىشخانىسى قاتارلىق تارماقلار زور كۈچ بىلەن قوللايدۇ.'
|
|