بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : كۇتۇپخانا >> كەلىلە >> ئاچ كۆز مۈشۈكنىڭ ھېكايىسى

ئاچ كۆز مۈشۈكنىڭ ھېكايىسى

يوللانغان ۋاقتى : 2008-06-28 12:24:19    كۆرۈلۈش سانى : 354  
كصچصك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>
بىر ئادەمنىڭ بىر مۈشۈكى بار ئىكەن. ئۇنىڭغا ھەر كۈنى قورسىقى تويۇپ ئالدىدىن ئاشقۇچە گۆش بېرىپ ئادەت قىلغانىكەن. ئەمما ئۇ خام تەمە مۈشۈك ئەزەلدىن ئاچ كۆز ۋە ھېرىسمەن بولغاچقا، ئۆز تەمىناتىغا قانائەت قىلمايدىكەن. قانائەت قىل كىشىگە بارچە ئىززەت كەلگۈسى ئۇندىن، تەمەنى تاشلا ئىنسان ھەر زاماندا خار بولۇر ئۇندىن. بىر كۈنى مۈشۈك كەپتەرخانا يېنىدىن  ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، كەپتەرلەرنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ قاپتۇ - دە، ئۇلارنىڭ گۆشىنى يېمەك ئۈچۈن ئىشتىھاسى ھەرىكەتكە كېلىپ، ئۆزىنى تۈڭلۈكتىن تاشلاپتۇ. كەپتەرۋاز ھەممە ئىشتىن خەۋەردار بولغاچقا، ئۇنى دەرھال تۇتۇپ ئۆلتۈرۈپ، تېرىسىگە سامان تىقىپ ئېسىپ قويۇپتۇ. مۈشۈكنىڭ ئىگىسى ئۇ تەرەپكە بارغاندا، مۈشۈكنىڭ شۇ ئەھۋالدا تۇرغىنىنى كۆرۈپ: - ھەي نەپسى يامان، ئەگەر ھەر كۈنى ساڭا بېرىۋاتقان گۆشۈمگە قانائەت قىلغان بولساڭ، كەپتەرۋازمۇ تېرەڭنى تەتۈر سويمايتتى، - دەپتۇ. ھەي نەپىس قانائەت ئەيلە زىنھار، ھېرىسىڭ سېنى ئاقىۋەت قىلۇر خار. خەزىنە قانائەت ئىچىدە پىنھان، بولسىمۇ بىلمىگەن قارۇن ھېچقاچان. گەر بولسا دىلىڭ ھېرىسپەرۋەر، چاشقاندەك قاپقاندا ئەدەپ يەر. بۇ مىسالنىڭ پايدىسى شۇكى، نەپسىنىڭ ئارام تاپقۇدەك بىر نەرسە تاپقان بولساڭ، شۇنىڭغا قانائەت قىلىپ، ئۇۋاڭدا يېتىۋەر. قولۇڭدىن كەتكەن دۇنياغا تولا غەم قىلما. ئۇ يوقاتقان مالۇ دۇنيايىڭغا ھەرگىز قىلما غەم، بول خۇشال ئۆتكەن ئۆمۈرلەر ئەرزىمەس يىغلاشقا ھەم. كىشىلەرنىڭ شان - شەرىپى مالدىن ئەمەس، كامالەتكە يېتىشتىن كېلىدۇ. ئىلىم ۋە ھۈنەردە كامال تاپقان كىشى پۇلسىز بولسىمۇ، ھەمىشە ئەزىز بولىدۇ. بۇ خۇددى شىر زەنجىردە باغلاقلىق بولسىمۇ، ھەيۋىتى كېمىيىپ كەتمىگەندەك بىر ئىش. ھۈنەرسىز ئادەم گەرچە زەردار بولسىمۇ، خار ۋە قەدىرسىز بولۇپ قالىدۇ. بۇ خۇددى ئىت ھەر قانچە قورسىقى توق بولسىمۇ، ئېسىل زىبۇ زىننەتلەر بىلەن جابدۇنۇپ قويۇلسىمۇ، يەنىلا خار ۋە بىئېتىبار بولغاندەك بىر ئىش. بىراۋ كىم جەھلى زىنداندا بولسا، گادايدۇر گەرچە كۆپ زەر جەمئى قىلسا. بىراۋ تاپقان بولسا ئەگەر ئىلىمدىن كۈچ، نەزەر سالماس زەر - گۆھەر كەلسىمۇ دۇچ. ئۇنىڭدىن كېيىن دېمەكچى بولغىنىم، غېرىبلىقنىڭ غېمىنى كۆڭلۈڭدىن چىقىرىۋەت. ئۆز ماكانىڭدىن ئايرىلغىنىڭغا پۇشايمان قىلما. چۈنكى ئەقىللىق كىشى ھەر قانداق يەرگە بارسا، ئۆز ئەقلى بىلەن دوست  ۋە يار - يۆلەك تاپىدۇ. جاھىل كىشىلەر ئۆز يۇرتىدىمۇ غېرىب ۋە يات بولۇپ قېلىۋېرىدۇ. شۇڭا، ھۈنەرۋەن ۋە ئەقىللىق كىشى ھېچقانداق جايدا غېرىب بولۇپ قالمايدۇ. يەنە يىغقان مال - دۇنيالىرىم بۇلاڭ - تالاڭغا كەتتى، دەپ غەم يېمە. چۈنكى دۇنيانىڭ مال - ماتاسىغا ھەر قاچان زاۋاللىق يېتىدۇ. شۇنىڭدەك جاپا - مۇشەققەت بىر كىشىدىلا توختاپ قالمىغاندەك، دۆلەتمۇ بىر كىشىگە مەڭگۈلۈك بولمايدۇ. ھۆكۈمالار :«ئالتە نەرسىدىن ۋاپا ئۈمىدى كۈتمەسلىك كېرەك» دەپ ئېيتىشقان. بۇنىڭ بىرىنچىسى، بۇلۇتنىڭ سايىسى؛ ئۇ قاراپ بۇلغۇچە ئۆتۈپ كېتىدۇ؛ ئىككىنچىسى، غەرەزلىك دوستلۇق؛ ئۇ ناھايىتى تېزلا چاقماقتەك چېقىپ ئۆتۈپ كېتىدۇ؛ ئۈچىنچىسى، خوتۇنلارنىڭ مۇھەببىتى؛ ئۇ كىچىككىنە سەۋەب بىلەن سوۋۇپ كېتىدۇ؛ تۆتىنچىسى، چىرايلىقلارنىڭ ماجالى؛ ئۇمۇ ئاخىر ئۆزگىرىپ كېتىدۇ؛ بەشىنچىسى، يالغاندىن تەرىپلەش؛ ئۇمۇ ئىز بېسىپ تۇرالمايدۇ؛ ئالتىنچىسى، بۇ دۇنيانىڭ مېلى؛ ئۇمۇ ئاقىۋەت ئىگىسىگە ۋاپا قىلمايدۇ. مال - دۇنياسىنىڭ كۆپلۈكى بىلەن خۇشال بولۇش ۋە ئازلىقىدىن غەم يېيىش ئەقىللىق كىشىگە يارىشىدىغان ئىش ئەمەس. چۈنكى، پۈتۈن دۇنيانىڭ مال - مۈلكى ئالىي ھىممەتلىك ئىنسانلارنىڭ ئالدىدا بىر دانە سامان پارچىسىغا ئەرزىمەيدۇ. شۇنداق ئىكەن، دېمەك ئۇ نەرسىنى تەلەپ قىلىپ، ئەزىز ئۆمۈر خامىنىنى ئاسمانغا ئۇچۇرغۇلۇق ئەمەس ھەمدە قولدىن كەتكىنىگە بىر ئارپا چاغلىق غەم يېگۈلۈك ئەمەس. گەرچە جاھان يوقالسا ئىلكىڭدىن، قىلمىغىن پىغان، ئۇ ئاسان ئىشتۇر. بارچە ئىقلىم ھەم كەلسە قولۇڭغا، بولما شادىمان، ئۇ ئاسان ئىشتۇر. ئۆتەر بۇ جاھان، سەنمۇ ھەم ئۇنى، تاشلاپ ئۆت ئۇيان، ئۇ ئاسان ئىشتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، ھايات چاغدا ئۆز قولى بىلەن سەرپ قىلغان نەرسە مال - دۇنيا بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئاخىرەتلىكى ئۈچۈن ساقلاپ قويۇلغان نەرسە ماتا دەپ ھېسابلىنىدۇ. دۇنيا مېلىنىڭ پايدىسى  ئۇنىڭ بىلەن ئاخىرەت ئوزۇقىنى تەييارلاش ۋە ئۆلۈم يولىنىڭ جابدۇقىنى پۈتكۈزۈشتە كۆرۈلىدۇ. ئەجەل ئوقى تۇيۇقسىز تېگىدۇ. جان ئامانىتىنى بېرىدىغان ۋاقىت تەيىن قىلىنغان ئەمەس. ئەي گۈزەل، نەركىس كۆزۈڭنى ئاچ شۇدەم ناز ئۇيقۇدىن، ئۆتكۈسىدۇر بۇ ئۆمۈر گۈل پەسلىدەك كۆز ئاچقۇچە. ئەگەر سەندە پانىي دۇنيانىڭ مېلى بولمىسا، دېمەك باقىي دۇنيانىڭ مېلى پاراۋان دېگەن گەپ. چۈنكى، ياخشى ھۈنەر ئۈچۈن ئەقىل سەرمايە بولىدۇ. ئەقىل ھېچقاچان بىر سەۋەب بىلەن كىشىلەردىن ئاجرىمايدۇ. زامان ھادىسىلىرىنىڭ تەسەررۇپ قولى ئۇنىڭغا يەتمەيدۇ. گەرچە مېنىڭ نەسىھەتلىرىمگە ئېھتىياجىڭ چۈشمىسىمۇ، ھەر قانداق ئىشنىڭ پايدا - زېيىنىنى مەندىن ياخشى چۈشەنسەڭمۇ، مەن ساڭا دوستلۇق ھەققىنى ئادا قىلىپ، ياخشى ئىشلارنى سۆزلەپ بېرىشنى خالىدىم. سەن ئەمدى بىزنىڭ بۇادىرىمىزسەن. قولىمىزدىن قانچىلىك مۇرۇۋۋەت ۋە مەدەت كەلسە، سەندىن ھەرگىز ئايىمايمىز، ئەگەر سەن ئىلتىپات قىلمىساڭمۇ، بىزدىن ساڭا پەقەت ئىخلاس ۋە شەپقەتلا كېلىدۇ. تاشلىساڭمۇ سەن مېنى، مەن تاشلىۋەتمەسمەن سېنى، مەيلى رەنجىتسەڭمۇ سەن، مەن ئۇنتۇمايمەن ۋەدىنى. تاشپاقىنىڭ بۇنداق سۆزلەر بىلەن چاشقانغا مەرھەمەت كۆرسەتكەنلىكىنى كۆرگەن ۋە سۆزلىرىنى ئاڭلىغان قاغىنىڭ كۆڭلى ئېچىلىپ، ھەددى - ھېسابسىز شادلىققا چۆمۈپ شۇنداق دەپتۇ: - ھەي بۇرادەر! مېنى بۇ شەپقەتلىك سۆزلىرىڭ بىلەن بەكمۇ شاد - خۇرام قىلىۋەتتىڭ. سەن ناھايىتى ياخشى سۆزلىدىڭ. دوستلارنىڭ ياخشىسى ھەممە ۋاقىت يار - بۇرادەرلىرىنى ئۆزىنىڭ مەرھەمىتىنىڭ سايىسىدە ۋە ھىمايىسىنىڭ پاناھىدا كۈن كەچۈرگۈزگەن، سېخىيلىق ۋە ئىنئام ئىشىكىنى دوستلار ئۈچۈن ھەمىشە ئوچۇق تۇتقان، دوستلارنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلىش ئۈچۈن ئۆز جېنىنىمۇ ئايىمىغانلاردۇر. كىمكى ئەگەر دوستىغا كېرەكلىك نەرسىنى ئايىسا، ئۇ كىشى دوستلۇققا يارىمايدۇ. خەۋەرلەدە كەلتۈرۈلۈشىچە، بىر بۈزرۈكنىڭ بىر دوستى بار ئىكەن. بىر كېچىسى بۇ دوستى ئۇنىڭ ئىشىكىگە كېلىپ ھالقىنى قېقىپتۇ. ئۇ بۈزرۈك ئۇنىڭ ئۆز دوستى ئىكەنلىكىنى بىلىپ، «بۇنىڭغا نېمە بولغاندۇر، ئەجەب تۈن يېرىمىدا كېلىپتىغۇ!» دەپ ئويلاپتۇ - دە، دەرھال ئورنىدىن  تۇرۇپ بىر ھەمياندا پۇل ۋە بىر قىلىچ ئېلىپ، كېنىزىكىگە چىراغ كۆتۈرگۈزۈپ، ئالدىغا چىقىپ دوستى  بىلەن كۆرۈشۈپتۇ ۋە:«بۇرادەر، سېنىڭ بۇ ۋاقىتتا كېلىشىڭنى: بىرىنچىدىن، بىرەر ھادىسە يۈز بېرىپ، سېنى خەج - خىراجەتكە ئېھتىياجى چۈشتى بولغاي؛ ئىككىنچىدىن، بىرەر دۈشمەن قەست قىلغان بولسا، ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن يار - مەدەتكار كېرەك بولدى بولغاي؛ ئۈچىنچىدىن، يالغۇزلۇقىدىن مالال بولۇپ، ئۆزىگە ئۈلپەت ئىزدەپ كەلدى بولغاي، دەپ خىيال قىلدىم. شۇڭا مەن شۇ ئۈچ ئىشنىڭ لازىمەتلىكلىرىنى ساڭا تەييار قىلىپ چىقتىم. ئەگەر مال كېرەك بولسا، مانا ھەمياندا پۇل، ئەگەر مەدەت تىلىسەڭ، مانا مەن قىلىچ ئېسىپ تۇرۇپتىمەن، ئەگەر خىزمەتكار كېرەك بولسا، مانا بۇ كېنىزەك خىزمىتىڭنى قىلسۇن، ھەر قانداق تەلىپىڭ بولسا، بىز تەييارمىز» دەپتۇ. دوستى ئۇنىڭغا ئۆزرە ئېيتىپتۇ ۋە ئۇنىڭ مۇرۇۋۋىتىنى ۋە مېھرىبانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ دوستلۇقىغا بۇرۇنقىدىنمۇ بەكرەك ئەقىدە باغلاپتۇ. ساڭا بەردى ئۆز مۇرادىڭنى خۇدا، دوستلىرىڭغا سەنمۇ بەرگەيسەن مۇراد. قىلمىغايسەن دوستلىرىڭنى مۇنتەرىز، ئەيلىگەيسەن ياخشىلىقىڭ بىرلە شاد. ئەگەر سېخىيلاردىن بىرى ھادىسە گىردابىغا چۈشۈپ قالسا، ئۇنىڭغا ياردەم قولىنى سۇنغۇچىلار ئەلۋەتتە سېخىيلار بولىدۇ. بۇ خۇددى بىر پىل لايغا يېتىپ قالسا، ئۇنى پىلدىن باشقا ھېچ نەرسە تارتىپ چىقىرالمىغاندەك بىر ئىش. ئەگەر چاشقاننىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش يولىدا ساڭا رەنج يېتىپ قالسا، قىلچە غەم قىلما. چۈنكى، ئەقىللىق كىشى ياخشى ئىشقا تۇتۇش قىلىپ، ئالەمگە ياخشى نامىنى قالدۇرىدۇ. ياخشى نام قالدۇرۇش ئۈچۈن بېشى كېتىدىغان بولسا، بېشىدىنمۇ كېچىدۇ. نېمىشقا دېسەڭ، بۇ ئىش بىلەن پانىينى بېرىپ باقىينى ئالغان بولىدۇ، ئۆز قىممىتىنى تېخىمۇ ئۈستۈن كۆتۈرگەن بولىدۇ. ياخشى نام تاپقىنكى، مەقسىتىڭگە يار بولدى جاھان، ياخشى نامدىن ئۆزگە يوقتۇر بۇ جاھاننىڭ مەھسۇلى. ھەر قانداق كىشىنىڭ مەئىشىتىگە ھاجەتمەن كىشىلەر شېرىك بولالمىسا، ئۇنداق كىشى باي ھېسابلانمايدۇ. ھەر قانداق كىشى ئۆز ھاياتىدا ياخشى نام قالدۇرمىسا، ھەممە ئۆمرىنى ئۆلۈم ھېسابىدا بىلسە بولىدۇ. ئەل ئىچىدە داڭقى چىققان ياخشى ئادەم ئۆلمەس ھەرگىز، ئۆلۈك شۇ بولغۇسىدۇر، ئەل ئۇنى ياخشى دېمەس ھەرگىز. قاغا تېخى سۆزىنى ئاياغلاشتۇرمىغانىكەن، يىراقتىن ئۇچقاندەك قېچىپ كېلىۋاتقان بىر كېيىك كۆرۈنۈپتۇ. ئۇلار :«كېيىكنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپ كېلىۋاتقىنى ئادەم بولۇشى مۇمكىن» دەپ ئويلاپتۇ - دە، دەرھال يوشۇرۇنۇشۇپتۇ. تاشپاقا سۇغا چۆكۈۋاپتۇ. قاغا دەرەخكە قونۇۋاپتۇ. چاشقان تۆشۈككە كىرىۋاپتۇ. كېيىك يۈگۈرۈپ كېلىپ سۇ لېۋىدە توختاپتۇ. قاغا كېيىنكنىڭ كەينىدىن كىمنىڭ قوغلاپ كېلىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلىپ قوياي دەپ قانچە قارىسىمۇ ھېچ كىم كۆرۈنمەپتۇ. تاشپاقا قارىسا، كېيىك ھەدەپ سۇغا قارىغۇدەك، لېكىن ئىچمەي تۇرغۇدەك. - ئەگەر ئۇسسىغان بولساڭ سۇ ئىچكىن، ئەندىشە قىلما، بۇ يەردە ھېچقانداق خەۋپ - خەتەر يوق، - دەپتۇ تاشپاقا. كېيىك ئۇنىڭ سۆزىدىن مېھرىبانلىق ھېس قىلىپ ئۇنىڭغا يېقىنراق كەپتۇ. - مەرھابا، - دەپتۇ تاشپاقا، - قەدەم تەشرىپ قەيەردىن قىلدىڭىز، يار جانان، كېلىپسىز ئاشنادەك، ئەمدى بولماڭ بىزگە بىگانە. - مەن بۇ سەھرادا تەنھا يۈرگەنىدىم، - دەپتۇ كېيىك، - بىرەر كىشى ماڭا بۇ تەرەپتىن قەست قىلسا، ئۇ تەرەپكە قاچاتتىم، ناھايىتى ئېھتىيات قىلاتتىم. بۈگۈن دالدىدا ئولتۇرغان بىر ئادەمنى كۆردۈم. مەن قاياققا ماڭسام شۇ ياققا قاراۋاتىدۇ. كۆڭلۈمدە ئوۋچى مېنى قەستلەپ تۇزاق قۇرغان ئوخشايدۇ، دەپ پەملەپ، ئۇنىڭ تۇزىقىغا چۈشمەسلىك ئۈچۈن بۇ جايغا قېچىپ كەلدىم. - قورقمىغىن، - دەپتۇ تاشپاقا ئۇنىڭغا، - بۇ ماكان ناھايىتى تىنچ - ئامان، بۇ يەرگە ھەرگىز ئوۋچى كەلمەيدۇ. ئەگەر خالىساڭ، سېنى ئۆزىمىزگە دوست قىلايلى. بىز ئۈچەيلەننىڭ سۆھبەت بىناسىنى تۆتىنچى تامنى قۇرۇش بىلەن تاماملايلى. چۈنكى بۈزرۈكلەر ئېيتقاندەك :«دوستلار كۆپ بولسا، بالا ئاز بولىدۇ». قايسى جايدا بولسا كۆپ شەپقەت بىلەن مېھرۇ ۋاپا، بولغۇسى پەيدا كۆڭۈلدە كۆپ ھۇزۇر كەيپۇ ساپا. شۇڭا «دوست مىڭ بولسىمۇ ئۇنى ئاز بىلىش كېرەك. دۈشمەن بىر بولسىمۇ ئۇنى كۆپ بىلىش كېرەك» دېگەن سۆز بار. دوست بولماققا مىڭ كىشى ئازدرۇر، دۈشمەنلىككە بىر كىشى بىسيار. چاشقان ئۇنىڭغا كۆپ سۆزلەرنى قىپتۇ. قاغىمۇ كۆپ سۆزلەرنى ئىزھار قىپتۇ. ئۇلارنىڭ ئاق كۆڭۈل، ۋاپادار دوستلاردىن ئىكەنلىكىنى كۆرگەن كېيىك ئۇلارنىڭ خۇي - پەيلىنى بىلىپ، چىن دىلىدىن دوستلۇققا مايىل بوپتۇ. شۇنداق قىلىپ، كېيىكمۇ ئاشۇ ئورمانلىقتا ماكان تۇتۇپ تۇرۇپ قاپتۇ. دوستلىرى ئۇنىڭغا:«بىزنىڭ مۇشۇ يايلىقىمىزدىكى ئوتنى يېگىن ۋە مۇشۇ بۇلاق بويىدىن نېرى كەتمىگىن» دېيىشىپتۇ. كېيىك ئۇلارنىڭ بۇ نەسىھىتىنى قۇلىقىدا چىڭ تۇتۇپتۇ. بۇ ئورمانلىقتا بىر خۇش ھاۋا جاي بار بولۇپ، ئۇلار ھەمىشە شۇ يەرگە يىغىلىپ، بىللە ئوينىشىپ بېشىدىن ئۆتكەن سەرگۈزەشتىلىرىنى ئېيتىشىكەن. بىر كۈنى قاغا، چاشقان ۋە تاشپاقا ئۇ يەرگە كەپتۇ، لېكىن كېيىك كەلمەپتۇ. ئۇلار بىرەر سائەت ساقلىغان بولسىمۇ، كېيىكتىن ھېچبىر ئەسەر بولماپتۇ. ئاخىر ئۇلار پەرىشان بولۇپ، قاغىغا :«سەن بېرىپ خەۋەر ئېلىپ كەلگىن» دەپتۇ. ئەي سابا بارغىن شۇدەم جانان دىيارىغا بەدەر، ئاشىقى بىچارىگە كەلتۈر نىگارىدىن خەۋەر. قاغا ھاۋاغا پەرۋاز قىلىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا قايتىپ كېلىپ، ئۇلارغا: - مەن ئۇنى بالا بەندىگە باغلاقلىق ھالدا كۆردۈم، - دەپتۇ. تاشپاقا چاشقانغا قاراپ شۇنداق دەپتۇ: - بۇ ھادىسىدىن قۇتۇلۇشتىكى ئۈمىد پەقەت سەندە، تېز بول، ئىش ۋاقتى ئۆتۈپ كەتمىسۇن. شۇنداق قىلىپ قاغا يول باشلاپتۇ. چاشقان سەكرەپ - سەكرەپ كېيىك قېشىغا يېتىپ بېرىپتۇ ۋە ئۇنىڭغا: - بۇ تۇزاققا قانداق چۈشۈپ قالدىڭ، بۇراۋەر؟ شۇنداق پەم - پاراسىتىڭ بىلەن بۇ خەتەرنى كۆرمىگەنلىكىڭ ئەجەبلىنەرلىكقۇ؟ - دەپتۇ. - تەقدىر ئىلاھىغا زېرەكلىكنىڭ نېمە پايدىسى بولسۇن؟ - دەپتۇ كېيىك، - قازا يەتكەندە ئەقىل - پاراسەت قانداق مەنپەئەت يەتكۈزەلىسۇن؟ تەقدىرنىڭ بىزنىڭ تەدبىرىمىز بىلەن نېمە ئىشى؟ قازا ھىيلىگە بويسۇنمايدۇ - دە! مەن ئىشىكنىڭ تېشىدا مەغرۇر ئىرۇرمەن ھىيلىگە، بىلمىدىم ئۇ ئىچكىرىدە نېمە تەدبىر ئەيلىدى. - راست ئېيتىسەن، - دەپتۇ چاشقان، - ھەر كىشىگە گەر يۈزلەنسە تەقدىر، قىلىپ بولماس ئۇنىڭ دەپىئىگە تەدبىر. چاشقان كېيىكنىڭ بەندىلىرىنى كېسىشكە باشلاپتۇ. شۇ ئەسنادا تاشپاقىمۇ ئۇ يەرگە يېتىپ بېرىپتۇ ۋە دوستىنىڭ تۇزاققا چۈشۈپ قالغانلىقى ئۈچۈن مالاللىق ئىزھار قىپتۇ. - ھەي مېھرىبان دوستۇم، - دەپتۇ كېيىك، - سېنىڭ بۇ يەرگە كېلىشىڭ مېنىڭ تۇزاققا چۈشۈپ قالغىنىمدىنمۇ قىيىنراق ئىش بوپتۇ. چۈنكى چاشقان بەندلىرىمنى كېسىپ بولدى. شۇ چاغدا ئوۋچى كېلىپ قالسا، مەن ئىككى سەكرەپ قۇتۇلىمەن. قاغا ئۇچۇپ كېتىدۇ. چاشقان تۆشۈكىگە مۆكۈنىۋالىدۇ. سەن نەگە بارىسەن؟ نېمە قىلىسەن؟ يۈزۈڭ خىيالىنى ئەتتىم قانچە تەسۋىر، بەردى قازا نەقىشدارى ئاڭا تەغىيىر. مەن ۋىسال ئۈچۈن قىلدىم شۇنچە تەدبىر، نەپ بەرمىدى، شۇنداق ئىكەن ھۆكمى تەقدىر. - ئەي شەپقەتلىك دوستۇم، نېمىشقا كەلمەي؟ دوستلارسىز ئۆتكەن ھايات نېمە لەززەت بېرەلىسۇن؟ يارەنلەردىن ئايرىلىپ ئۆتكەن ئۆمۈرنى ئۆمۈر ھېسابلىغىلى بولامدۇ؟ نەچچە كۈن ئۆتتىكى مەن ئۆمۈرسىز يۈردۈم تىرىك، ئاشۇ ھىجران كۈنلىرىنى مەن دېمەسمەن ئۆمۈر دەپ. مەن بۇ يەرگە كەلگىنىمدىن پەخىرلىنىمەن. چۈنكى، سېنىڭ جامالىڭنىڭ ئىشتىياقى مېنى بۇ نەزىلگە بىئىختىيار كەلتۈردى، زۆرۈرىيەتتىن تۇغۇلغان شۇنچىلىك جۇدالىققىمۇ تاقەت قىلالمىدىم. تەڭرى ئاگاھتۇركى سەۋرىم يوق مېنىڭ ئەي دىلرابا، كۈندۈز ئايرىلماققا بۇ ھەم كېچە بولماققا جۇدا. دەپ تاشپاقا تېخى سۆزىنى ئاياغلاشتۇرمىغانىكەن، تۇيۇقسىز يىراقتىن ئوۋچى كۆرۈنۈپتۇ. ئۇنى كۆرگەن كېيىك قېچىپتۇ. قاغا ئۇچۇپ كېتىپتۇ. چاشقان تۆشۈككە كىرىۋاپتۇ. تاشپاقا تۇرۇپلا قاپتۇ. ئوۋچى كېلىپ قارىسا، تۇزاقلىرى كېسىلىپ كەتكەنىكەن. بۇ ئىشنى كىمنىڭ قىلغانلىقىنى بىلمەكچى بولۇپ ئوڭ - سولغا ھەيرانلىق بىلەن قاراۋېتىپ تاشپاقىنى كۆرۈپ قاپتۇ ۋە ئۆز - ئۆزىگە :«بۇ مەينەت بىر نېمە كېسىلگەن تۇزاق ۋە قاچقان كېيىككە باراۋەر كەلمىسىمۇ، لېكىن قۇرۇق قول قايتىش ئوۋچى ئۈچۈن نومۇس» دەپتۇ - دە، ئۇنى تورۋىغا سېلىپ، يېنىغا ئېسىپ شەھەرگە راۋان بوپتۇ. ئوۋچى كەتكەندىن كېيىن دوستلار جەم بولۇشۇپتۇ ۋە تاشپاقىنى ئوۋچىنىڭ ئېلىپ كەتكەنلىكىنى بىلىپ، پەرياد - پىغانلىرىنى پەلەك ئەۋجىگە يەتكۈزۈشۈپتۇ. سايىڭىزدىن ئايرىلىپ قالدى بۇ كۈندە باشىمىز، خۇددى دەريا دولقۇنىدەك ئاقتى كۆزدىن ياشىمىز. قايسى خاپىلىق ئۆز دوستىدىن ئايرىلغانلارنىڭ خاپىلىقىغا تەڭ كېلەلىسۇن؟ قايسى مۇسىبەت ئۆز دوستىدىن جۇدا بولغانلارنىڭ مۇسىبىتىدەك قاتتىق بولالىسۇن؟ ئەگەر ئىككى دوست بىر - بىرىدىن ئايرىلغان بولسا، پىراق باياۋىنىدا ئېزىپ يۈرگەنلەرنىڭ ھەيرانلىقى خۇددى ئايىغى لايغا پېتىپ قالغان كىشىگە ئوخشاش بولسا، يارىدىن ئايرىلىپ ئىشتىياق كۆلبىسىدە تەنھا ئولتۇرغانلار ھەسرەتتىن «ۋاي ئىسىت» دەپ قولىنى كۆكسىگە ئۇرىدۇ. ئۆزۈڭدە بولمىسا دەرد، تونۇمايسەن ھېچ دەرد ئەھلىنى، ئېرىق بويىدا تۇرساڭ نە بىلۇرسەن تەشنالار قەدرىنى. ئۇلار ھەر بىرى ئۆز ھالىغا مۇناسىپ ھالدا يىغلىشىپ دەرد - ھەسرەت داستانلىرىنى ئوقۇشۇپتۇ. ئەمما ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنىڭ ھەممە مەزمۇنى مۇنۇ بىر مەنىگە جەملىنىدىكەن: ئايرىلىپ يارىم لېۋىدىن جانغا لەززەت تاپمىدىم، شۇ ئەزىزىمدىن بۆلەك بىر ئەھلى ئىززەت تاپمىدىم. ئاخىر كېيىك قاغىغا قاراپ شۇنداق دەپتۇ: - ھەي بۇرادەر، بىز بۇنداق يېقىملىق سۆزلەرنى ۋە دىلنى ئېرىتىدىغان شېئىرلارنى ئېيتقىنىمىزنىڭ تاشپاقىغا ھېچقانداق پايدىسى يوق. بىزنىڭ بۇ يەردە نالە - زار قىلغىنىمىزنىڭ ئۇنىڭغا ياردىمى تەگمەيدۇ. بىزگە زۆرۈرى ئۇنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن بىر چارە قىلىشتۇر. بۈزرۈكلەر :«تۆت گۇرۇھنى تۆت ۋاقىتتا سىناش كېرەك. يەنى، باتۇر - باھادىرلارنىڭ شىجائىتىنى جەڭدە، خىيانەتسىز - ئىنساپلىق كىشىلەرنىڭ دىيانىتىنى ئېلىم - بېرىم مۇئامىلىسىدە، خوتۇن ۋە پەرزەنتلەرنىڭ ۋاپاسىنى نامرات چاغلاردا، ھەقىقىي دوستلارنى بالا - قازا كەلگەن ۋاقىتتا سىناش كېرەك» دەپ ئېيتىشقان. غەم كەلگەن كۈنلەردە كېرەك بولۇر يار، خۇشاللىق كۈنلەردە دوست دېگەن بىسيار. - مېنىڭ خىيالىمغا بىر ھىيلە كەلدى، - دەپتۇ چاشقان كېيىككە، - سەن ئوۋچىنى كۆرەلىگۈدەك يەرگە بارغىن - دە، ئۆزۈڭنى يارىدار بولغان قىلىپ كۆرسەت، قاغا ئۇچاڭغا قونۇپ يارىلىرىڭنى چوقۇغاندەك بولۇپ كۆرۈنسۇن، ئوۋچى كۆرسە، سېنى ئاجىزلىشىپ قاپتۇ دەپ ئويلايدۇ - دە، تاشپاقىنى تاشلاپ سېنى تۇتقىلى يۈگۈرەيدۇ. قېشىڭغا يېقىن كەلگەندە ئاقساقلىغان بولۇپ، ئىلدامراق قاچقىن. ئوۋچى ساڭا ئەگىشىپ، نېرىراق ئۇزاپ كەتسۇن. مۇشۇ تەرىقىدە چارە قوللانساق، دوستىمىزنى قۇتۇلدۇرۇۋالالىشىمىز ئەجەب ئەمەس. دوستلار بۇ تەدبىرگە ئاپىرىن ئوقۇشۇپتۇ. شۇنىڭ بىلەن كېيىك بىلەن قاغا ئوۋچىنىڭ ئۆتەر يولىغا بېرىپ تۇرۇپتۇ. بىچارە خام تەمە ئوۋچى ئۇلارغا قارىسا، بىر كېيىك جاراھەتلىنىپ ياتقان، بىر قاغا ئۇنى بوزەك  تېپىپ يارىلىرىنى چوقۇپ، ھەتتا كۆزىنى چوقۇش ئۈچۈن ھەپىلىشۋاتقانىكەن. بۇنى كۆرگەن ئوۋچى دەرھال تاشپاقىنى يەردە قويۇپ كېيىككە قاراپ يۈگۈرۈپتۇ. چاشقان ئۇنىڭ ئۇزاپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، دەرھال كېلىپ تورۋىنىڭ يېپىنى قىيىۋېتىپتۇ. تاشپاقا تورۋىدىن چىقىپ چاشقان بىلەن بىللە قېچىشقا باشلاپتۇ. ئوۋچى كېيىكنى تۇتالماي، ھېرىپ تورۋا قېشىغا كېلىپ قارىسا، تورۋىنىڭ يىپى كېسىلگەن ھالدا تۇرغانىكەن. ھەيران قالغان ئوۋچىنىڭ كۆڭلىگە بىر قورقۇنچ چۈشۈپتۇ - دە، ئۆزىچە :«بۇ قاي دىۋە - پەرىلەرنىڭ ماكانى بولمىسۇن يەنە، بۇ يەرگە ئۆزۈمچە كېلىپ قاپتىمەن. كېيىكنىڭ يارىدار بولۇپ ئالدىمغا ئۇچرىغىنى، ئۇنىڭ كۆزىنى قاغا چوقۇغاندەك كۆرۈنگىنى، تورۋىنىڭ يىپلىرىنىڭ سەۋەبسىزلا ئۈزۈلۈپ كەتكىنى ۋە تاشپاقىنىڭ يوقىلىپ كەتكىنى دىۋىلەرنىڭ ئىشى بولماي نېمە؟» دەپ ئويلاپ، ئۈزۈلگەن تۇزاق ۋە كېسىلگەن تورۋىسىنى كۆتۈرۈپ بەدەر قېچىپتۇ. ئۇ قېچىپ كېتىۋېتىپ:«ئەگەر بۇ باياۋاندىن ساق - سالامەت قۇتۇلۇپ چىقسام، قالغان ئۆمرۈمدە بۇ سەھراغا كېلىشنى خىيالىمغىمۇ كەلتۈرمەسمەن، باشقا ئوۋچىلارنىمۇ شەپقەت يۈزىسىدىن خەۋەردار قىلىپ قويۇپ ئۇلارنىمۇ يېقىن كەلتۈرمەسمەن» دېگەنلەرنى كۆڭلىدىن ئۆتكۈزۈپتۇ. دوستلار ئوۋچىنىڭ تەشۋىش ئامانلىق تاپقاندىن كېيىن جەم بولۇشۇپ، ئۆز ماكانلىرىغا قايتىپ كېتىپ، شۇنداق خاتىرجەم ۋە خۇشال ئۆمۈر كەچۈرۈپتۇكى، بالا - قازانىڭ قولى ئۇلارنىڭ خاتىرجەملىك ئېتىكىگە يەتمەپتۇ، جاپا - مۇشەققەتنىڭ تىرنىقى ئۇلارنىڭ راھەت - پاراغەتلىرىنىڭ يۈزلىرىنى تاتىلىيالماپتۇ.  ئۇلارنىڭ جەم بولۇشلىرىنىڭ مەنپەئىتىدىن سائادەتلىرىنىڭ چىرىغى ئۆچكۈسىز بولۇپ يېنىپتۇ. ئىتتىپاقلىقنىڭ بەرىكىتىدىن ئىشرەتلىرىنىڭ رىشتىسى ئۈزۈلگۈسىز بولۇپ ئۇلىنىپتۇ. يىپ يالاڭ قات بولسا ئۇنى قېرى كەمپىر ھەم ئۈزەر، قوشۇلۇپ بىر نەچچە قات بولسا ئۈزەلمەس ئۇنى ئەر. گۈلنى تەنھا پۇرىسا ھەر چاغ دىماغنى قۇرۇتۇر، كۆپ يېسە تەنھا شېكەرنى دىلغا نا خۇشلۇق يېتەر. جانۇ تەنگە ئىككى تەنھا بەرمىگەي كۆپ مەنپەئەت، جانغا لايىق، تەنگە قۇۋۋەت گۈل قەنتتۇر - گۈل شېكەر. دوستلار بىر - بىرىگە مۇناسىپ بولغانلىقى ئۈچۈن، راھەت ۋە جاپا - مۇشەققەتتە بىرگە بولغانلىقى ئۈچۈن، ئاشۇنداق زەئىپ جانىۋارلارمۇ بالا - قازا يەتكەن ۋاقىتتا بىر - بىرىگە يۆلىنىپ ۋاپالىق مۇھەببەتلىرىگە سۆيۈنۈشۈپ، ئىخلاس بىلەن تۇردى. نەتىجىدە ئاشۇ بىر نىيەت - بىر دىللىق بولغانلىقىنىڭ بەرىكىتىدىن شۇنداق چوڭ بالا ۋە ئاپەتلەردىن قۇتۇلدى، شىددەتلىك ۋە مۇشەققەتلىك يوللارنى بويسۇندۇرۇپ، پاراغەت ۋە ئىشرەتنىڭ باش مەنزىلىدە شادىمان ۋە خەندان بولۇپ دەۋر سۈردى. ھەر بىر ئەقىللىق كىشى ئەقىل كۆزى بىلەن بۇ ھېكايىنىڭ مەزمۇنىغا نەزەر سېلىشى ھەم بىلىشى كېرەككى، ئاشۇ ئەقىلسىز ھايۋانلارنىڭ دوستلۇقلىرى مۇشۇنداق ياخشى نەتىجە ۋە مەنپەئەتلىك مېۋىلەرنى بەرگەن يەردە، ئەگەر ئەقىللىق ئادەملەر بىر - بىرىگە يار - مەدەتكارلىق قىلىشسا، چىن دوستلۇق بىناسىنى مۇستەھكەم قىلىپ قۇرۇشسا، ئۇ دوستلۇق قانداقسىگە ئامۇخاسقا نەپ بەرمىسۇن؟ ئۇ دوستلۇق ۋە مەدەتكارلىقنىڭ مەنپەئىتىدىن نېمىشقىمۇ چوڭ - كىچىكلەر بەھرە ئالالمىسۇن؟ بىلسە كىشىلەر دوستىنىڭ ھەققىنى، قىلغاي ئاڭا سەرپ بارچە ئۆمرىنى. غەمگە پاتارسەن يۈرسەڭ يارسىز، پۈتمىگەي ئىشىڭ مەدەتكارسىز. قىلسا كىمكى سەن ئۈچۈن قايغۇ، ئېتىكىنى تۇت ئەھلى ۋاپا شۇ. بالانىڭ ئوقى ياغسا ساڭا گەر، ئاشۇ دوست پىدا جېنىنى ئەيلەر. ئەسقاتار ساڭا كەلگەندە جاپا، سەنمۇ ئۇنىڭغا ئەيلە جان پىدا.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  ئالدىراڭغۇ خوتۇننى...
●  ئاچ كۆز مۈشۈكنىڭ ھې...
●  ئوۋچى بىلەن بۆرىنى...
●  سېخىي ئەر بىلەن بېخ...
●  زاھىت بىلەن مېھمان...
●  تۆگە مىنگەن ئادەمن...
●  كەكلىك بىلەن قارچى...
●  دوستلارنىڭ ئىناق ب...
●  قاغا، چاشقان ۋە كەپ...
●  دوستلارنىڭ ئىناق ب...
●  ساھىبخان بىلەن باخ...
●  نادان تېۋىپنىڭ ھېك...
●  ئۈچ ھەسەتخورنىڭ ھې...
●  شەيخ بىلەن دەرۋىشن...
●  قارىغۇ يولۇچىنىڭ ھ...
●  تەرىقەتنى تاشلىغان...
●  پادىشاھ بىلەن چۇلۋ...
●  سودىگەر بىلەن خىيا...
●  باغۋەن بىلەن ئېيىق...
●  پاقا، يىلان ۋە مولۇ...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  ئالدىراڭغۇ خوتۇننىڭ ھېك...
●  ئاچ كۆز مۈشۈكنىڭ ھېكايى...
●  ئوۋچى بىلەن بۆرىنىڭ ھېك...
●  سېخىي ئەر بىلەن بېخىل خو...
●  زاھىت بىلەن مېھماننىڭ ھ...
●  تۆگە مىنگەن ئادەمنىڭ ھې...
●  كەكلىك بىلەن قارچىغىنىڭ...
●  دوستلارنىڭ ئىناق بولۇشى...
●  قاغا، چاشقان ۋە كەپتەرل...
●  دوستلارنىڭ ئىناق بولۇشى...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى