زاھىت بىلەن مېھماننىڭ ھېكايىسى
يوللانغان ۋاقتى : 2008-06-18 10:04:24 كۆرۈلۈش سانى : 218
كصچصك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
- مەن ھىندىستاننىڭ مارۇت دېگەن شەھىرىدە تۇغۇلغان، - دەپ سۆزلەشكە باشلاپتۇ چاشقان، - مەن ئۇ شەھەردىكى بىر زاھىتنىڭ ئىبادەتخانىسىنى ماكان تۇتقانىدىم. بىر نەچچە چاشقانلار مېنىڭ خىزمىتىمنى قىلىشاتتى. ھەر كۈنى ئەتىگەندە، زاھىتنىڭ سادىق مۇرىتلىرى ئۇنىڭغا تائاملارنى ئېلىپ كېلىشەتتى. زاھىت ئۇنىڭدىن ئازغىنا ناشتا قىلىپ، قالغىنىنى كەچلىك تامىقى ئۈچۈن ساقلاپ قوياتتى. مەن زاھىتنىڭ سىرتقا چىقىپ كەتكەن ۋاقتىنى پايلاپ تۇرۇپ، دەرھال بېرىپ ئۇ تاماقتىن خالىغىنىمچە يەتتىم ۋە ئېشىپ قالغىنىنى باشقا چاشقانلارغا ئۈلەشتۈرۈپ بېرەتتىم. زاھىت مېنى يوقىتىش ئۈچۈن نۇرغۇن چارىلەرنى قىلىپ باقتى، ھىيلە ئىشلىتىپ كۆردى، لېكىن ھېچقانداق پايدا بەرمىدى. بىر كۈنى كەچتە زاھىتنىڭ ئۆيىگە بىر كىشى مېھمان بولۇپ كەلدى. زاھىت ئۇنىڭغا زىياپەت تەييارلاپ ھەر خىل تاماقلارنى ئالدىغا كەلتۈردى. مېھمان جاھاننىڭ ئىسسىق - سوغۇق، ئاچچىق - چۈچۈكىنى باشتىن كەچۈرگەن، ياخشى - ياماننى كۆرگەن، دېڭىزلاردا ۋە كېمە، ساللاردا يۈرۈپ باققان بىر جاھانكەچتى كىشى ئىدى. زاھىت ئۇنىڭدىن تۇغۇلغان جايى، بارغان شەھەرلىرى ۋە سەپەر قىلىشتىكى سەۋەبلىرىنى سوراشقا باشلىدى. مېھمان قىزىقارلىق جاۋابلارنى بەردى. لېكىن مېھمان تائام يېگىلى باشلىغاندا، زاھىت چاشقانلارنى قاچسۇن دېگەن غەرەزدە ئىككى قولىنى شاپىلاقلاپ ئولتۇردى. مېھمان بۇ ھالنى كۆرۈپ ئەجەبلەنسىمۇ ئەيمىنىپ سورىيالمىدى. ئاخىر تاقىتى تاق بولۇپ سورىدى:
- ئەي زاھىت، مەن تائام يېگۈچە سىز چاۋاك چېلىپ ئولتۇرىسىزغۇ؟ بۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟ سىز يا مەسخىرىۋاز، يا بىر چاقچاقچى ئادەم بولمسىىڭىز، بۇنداق ئىش سىزگە مۇناسىپ ئەمەسقۇ؟
ھەزىل بىلەن ئويۇنغا سىز مايىل بولماڭ،
ئۇ ئىش لايىق ئەمەس سىزدەك ئازادىگە.
مەسخىرىلىك قىلىق قىلىپ كۈلكە بولماق،
ياراشقۇسى ئەقىلسىزگە يا ساددىگە.
- ھەزىل ۋە ئويۇن غۇبارىنى خاتىرەمنىڭ ئېتىكىگە ھەرگىزمۇ يېقىن يولاتمايمەن، - دېدى زاھىت، - چاشقانلار لەشكىرىنى ئۈركۈتۈش ئۈچۈن شۇنداق قىلىۋاتىمەن. ئۇلار داستىخان مەملىكىتىگە غالىب كەلدى. ئۇلارنىڭ بۇلاڭ - تالاڭلىرىدىن ئۆيدە تائاممۇ قالمىدى. ئۇلارنىڭ تەشۋىشلىرىدىن كۆڭلۈم ھېچ ئارام تاپمىدى. ئەگەر بۇلاڭچىلىق قىلىش ئۈچۈن ھۇجۇم باشلاشسا، مەندەك ئادەمدىن يۈزى يىغىلىپمۇ ئۇلارنى يوقىتالمايدۇ.
مېھمان زاھىتتىن سورىدى:
- ئۇلارنىڭ ھەممىسى شۇنداق يامانمۇ ياكى بەزىسى باشقىلىرىدىن جۈرئەتلىكرەكمۇ؟
- ئۇلاردىن بىرى شۇنداق يامانكى، كىشىنىڭ ئالدىدىكى داستىخاندىنمۇ تائامنى كۆتۈرۈپ قاچىدۇ، - دەپ جاۋاب بەردى زاھىت.
- ئۇنىڭ ئۇنداق جۈرئەتلىك بولۇشىنىڭ سەۋەبى بار، - دېدى مېھمان، - بۇ خۇددى خوجايىننىڭ خوتۇنىنىڭ ئاقلىغان كۈنجۈت بىلەن ئاقلىمىغان كۈنجۈتنى ئوخشاش باھادا ساتقىنىغا ئوخشاش بىر سىرلىق ئىش ئىكەن.
- ئۇ قانداق ئىش ئىكەن؟ - دەپ سورىدى زاھىت.
- سەپەر ئۈستىدە بىر كەنتكە يەتكىنىمدە، - دەپ ھېكايىسىنى باشلىدى مېھمان. |
|