بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : كۇتۇپخانا >> كەلىلە >> سودىگەر بىلەن خىيانەتچى دوستنىڭ ھېكايىسى

سودىگەر بىلەن خىيانەتچى دوستنىڭ ھېكايىسى

يوللانغان ۋاقتى : 2008-05-15 12:38:31    كۆرۈلۈش سانى : 36  
كصچصك | نورمال | چوڭ             
بىر سودىگەر ئازراق سەرمايىسى بىلەن سەپەرگە چىقماقچى بوپتۇ. ئۇنىڭ ئۆيىدە يۈز پاتمان كېلىدىغان تۆمۈرى بار ئىكەن، ئۇنى بىر دوستىنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ ئامانەتكە قويۇپ قويۇپ، ھاجىتىم  چۈشكەن ۋاقىتتا يەنە ئەكېلىۋېلىپ دەسمايە قىلارمەن دەپ، سەپەرگە چىقىپ كېتىپتۇ. بىر نەچچە زامان ئۆتكەندىن كېيىن قايتىپ كېلىپ، ھېلىقى تۆمۈرگە ئېھتىياجى چۈشۈپ، دوستىنىڭ قېشىغا بېرىپتۇ. لېكىن ئۇ دوستى دىيانەتنى تاشلاپ، تۆمۈرنى سېتىپ خەجلەپ كەتكەنىكەن. شۇڭا ئۇ سودىگەرگە: - ۋاي خوجايىن، مەن تۆمۈرنى مانا مۇشۇ ئۆيگە قويۇپ قويغانىدىم. ئۇ يەردە چاشقان ئۇۋىسى بارلىقىنى بىلمىگەنكەنمەن. كېيىن خەۋەردار بولۇپ قارىسام، ئۇنىڭ ھەممىسىنى چاشقان  يەپ كېتىپتۇ ئەمەسمۇ، - دەپتۇ. - راست ئېيتىسەن، - دەپتۇ سودىگەر، - چاشقان دېگەن تۆمۈر يېيىشكە بەك ئامراق، ئۇنداق يۇمشاق لوقمىغا چىشى ناھايىتى ياخشى ئۆتىدۇ. ئۇ خىيانەتكار بۇ سۆزنى ئاڭلاپ خۇشال بولۇپ ئۆز - ئۆزىگە:«سودىگەر بۈگۈن يالغان سۆزلىرىمگە ئالدىنىپ تۆمۈردىن مۇتلەق كۆڭۈل ئۈزدى. ئەمدى ياخشىسى شۇكى، ئۇنى مېھماندارچىلىققا تەكلىپ قىلىپ، زىياپەت تەييارلىسام، ئۇنىڭ كۆڭلى مەندىن تېخىمۇ خاتىرجەم بولىدۇ» دەپ، سودىگەرنى مېھمان بولۇشقا تەكلىپ قىپتۇ: ناگاھان مېھمانلىقىڭ بولسا گەر بىزگە بەھەم، لۇتفى بىرلە قويساڭ ئىكەن كۆزۈم ئۈستىگە قەدەم. - بۈگۈن مېنىڭ زۆرۈر ئىشىم بار، ئەتە كېلەي، - سودىگەر شۇنداق دەپ، ئۇنىڭ ئۆيىدىن چىقىپ، ساھىبخاننىڭ ئىشىك ئالدىدا ئويناۋاتقان ئوغلىنى ئېلىپ ئۆز ئۆيىگە ئەكېتىپ ئۇنى يوشۇرۇپ قويۇپتۇ. ئەتىسى سودىگەر دوستىنىڭ تەكلىپى بويىچە ئۇنىڭ ئۆيىگە بېرىپتۇ. ساھىبخان سودىگەرنى كۆرۈپ پەرىشان ھالدا ئۆزرە سوراپ تىل ئېچىپتۇ: - مەزۇر تۇتۇڭ، ئەزىز مېھمان، تۈنۈگۈندىن بېرى ئوغلۇم غايىب بولدى. ئىككى نۆۋەت شەھەر ۋە سەھرالاردا ئورلاتتۇق، لېكىن ئۇنىڭدىن ھېچقانداق خەۋەر تاپالمىدۇق. نالە بىرلە خۇددى ياقۇپتەك قىلارمەن مىڭ پىغان، كىم خەۋەر بەرگەي يوقالغان يۈسۈپۈمدىن ناگاھان. - مەن تۈنۈگۈن سېنىڭ ئۆيۈڭدىن چىقىپ كېتىپ بېرىپ بىر  قارچىغىنىڭ ئوغلۇڭنى كۆتۈرۈپ ئۇچۇپ كېتىپ بارغانلىقىنى كۆردۈم، - دەپتۇ سودىگەر. - ھەي بىئەقىل، - دەپ ۋارقىرىۋېتىپتۇ ساھىبخان، - نېمىشقا بۇنداق بولمىغۇر سۆزنى قىلسەن؟ بۇنداق قاملاشمىغان يالغان گەپنى نەدىن تاپتىڭ؟ قارچىغىنىڭ ئېغىرلىقى يېرىم پاتمان چىقمايدۇيۇ، ئون پاتمان كېلىدىغان ئوغلۇمنى كۆتۈرۈپ ھاۋادا قانداقمۇ ئۇچالىسۇن؟ - ئەجەبلەنمىگىن، - دەپتۇ سودىگەر كۈلۈپ، - يۈز پاتمان تۆمۈرنى چاشقان يەپ كەتسە ئەجەبلەنمەيسەنۇ، ئون پاتمان ئېغىرلىقتىكى ئوغلۇقنى قارچىغا كۆتۈرۈپ ئۇچسا، ھەيران بولامسەن؟ ساھىبخان بۇنى ئاڭلاپ دەرھال ئۆزىگە كېلىپ، ھەقىقىي، ئەھۋالدىن خەۋەردار بوپتۇ ۋە: - غەم يېمىگىن، خوجايىن، تۆمۈرنى چاشقان يېمىدى،  - دەپتۇ. - ئۇنداق بولسا سېنىڭ ئوغلۇڭنىمۇ قارچىغا ئېلىپ قاچمىدى، تۆمۈرنى بەر، ئوغلۇڭنى ئال، - دەپتۇ سودىگەر. بۇ مىسالنى شۇنىڭ ئۈچۈن كەلتۈردۈمكى، سەن ئۆزۈڭگە ئاتىدارچىلىق قىلغان خوجاڭغا ئەنە شۇنداق خىيانەت قىلغان يەردە باشقىلارغا نېمىلەرنى قىلمايسەن؟ پادىشاھقا ئاشۇنداق مۇئامىلە قىلدىڭكى، ماڭا سېنىڭ زۇلمىتىڭدىن پەرھىز قىلماقنىڭ لازىملىقى روشەن بولدى ۋە كۆڭلۈڭنىڭ قارىلىقى ۋە مەككارلىقىڭدىن ھەزەر قىلماق ۋاجىپ بولدى. بەخت - دۆلەت كەلتۈرگۈسى سەندىن نېرىغا كەتمەك، سائادەتكە سەرمايىدۇر سېنىڭدىن يۈز ئۆرمەك. كەلىلە بىلەن دېمنەنىڭ تالاش - تارتىشلىرى شۇ يەرگە يەتكەندە، شىر ئۆكۈزنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇنى يەر بىلەن يەكسان قىلىپ بولغانىكەن. ئەمما شىر جازا پەنجىسى بىلەن شەنزەبەنى ئۆلتۈرۈپ غەزىپى تەسكىن تاپقان بولسىمۇ، ئۆتكەننى ئويلاپ:«ۋاي ئىسىت، شەنزەبە كەتتىيا، زادى بۇ ئىشتا توغرا قىلدىممۇ ياكى خاتا قىلدىممۇ؟ ئۇنىڭ ماڭا ئېيتقانلىرى ئامانەتمىدى ياكى خىيانەتمىدى؟ ئەجەب بىر خىيانەتكارلىق بىلەن ئۆزۈمنى مۇسىبەتدار قىلدىما! ۋاپادار يارىمنى ئەجەب ئۆز قولۇم بىلەن ئۆلتۈردۈم! كىشى يار بىرلە قىلۇرمۇ بۇ قەدەر قاتتىق جېدەل، قىلمىغاي جاھىلمۇ ئۆز يارىغا بۇنداق شۇم ئەمەل.» دەپ بېشىنى تۆۋەن سېلىپ، ئۆزىنى ئۆزى مالامەت قىلىپ ئولتۇرغانىكەن. شىر ئۆزىنىڭ ئالدىراڭغۇلۇقىغا نەپرەت ئوقۇپ، شەنزەبەنى خىيالىغا كەلتۈرۈپ، ئۇنىڭ تىلىدىن بۇ مەزمۇننى ئاڭلاپتۇ: بى سەۋەب يارىڭنى ئۆلتۈرمەك نىچۇك، مەن ۋاپاردارىڭنى ئۆلتۈرمەك نىچۇك. گەرچە مەن بولغاندىمۇ دۈشمەن ساڭا، بۇنچىلا خارزار ئۆلتۈرمەك نىچۇك. بۇنى ئاڭلىغان شىرنىڭ كۆڭۈل رەنجى تېخىمۇ ئارتىپ، قاتتىق نالە - پەرياد كۆتۈرۈپتۇ. دېمنە دەسلەپتىلا شىردىكى پۇشايمانلىق ۋە نادامەت ئالامىتىنى ئۇنىڭ پېشانىسىدىن روشەن پەملەپتۇ. ئاڭغىچە كەلىلە بىلەن بولغان گەپنى ئۈزۈپلا شىرنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۇنىڭغا شۇنداق دەپتۇ: - جاھانپاناھ شاھىم! ئەندىشە قىلىشلىرىنىڭ ۋە ئويغا پېتىشلىرىنىڭ سەۋەبى نېمىكىن؟ پادىشاھىمىز نۇسرەت تېپىپ، دۈشمەن تۇپراق بىلەن يەكسان بولغان تۇرسا، بۇنىڭدىنمۇ مۇبارەك كۈن بولامدۇ؟ - شەنزەبەنىڭ ئەدەپ - ئەخلاقىنى، دانىشمەنلىك ۋە ئىش بىلەرمەنلىكلىرىنى ھەر قاچان يادىمغا كەلتۈرسەم، يۈرىكىم ئېزىلىپ كېتىدۇ، - دەپتۇ شىر، - ئەنە شۇنداق چاغلاردا ھەيرانلىقىم ئاشىدۇ، ئۇ ھەقىقەتەن پۇقرالارغا پۇشتىپاناھ، لەشكەرلەرگە يار - يۆلەك بولغانىدى. بۇ جاھان ئىشلىرىغا قىلغانتى كۆپ ياخشى قارار، كەتتى ئۇ، بولغانىدى بۇ خانىمىزگە ئۇستىۋار. - ئۇ كۇپرانى نېمەت مەككارغا رەھىم قىلىشنىڭ ئورنى يوق، - دەپتۇ دېمنە، - بەلكى ئۇنىڭ يوقالغىنىغا شۈكۈر ئېيتىش كېرەك. ئاللاتائالانىڭ سېخىيلىقى بىلەن ، پادىشاھىمىزغا بۇ زەپەر ۋە نۇسرەت يار بولدى. بۇ شۇنداق مۇبارەك بىر غەلىبىكى، بۇنىڭ ئۈچۈن ئىپتىخارلانماق لازىم. بۈگۈن ياخشى بەختىم بېرۇر بېشارەت، مۇرادىمنىڭ گۈلى كۈلۈر شۇ سائەت. - ئەي ئالەمپاناھ شاھ! ئۆزى خاتىرجەم بولالمايدىغان كىشىگە رەھىم قىلىش خاتادۇر. دۈشمىنىنى گۆر زىندانىغا سالماق ئاقىللارنىڭ ئىشىدۇر. بارماق گەرچە قولغا زىننەت بولسىمۇ، ئەگەر يىلان چېقىپ زەخمىلەندۈرۈپ قويغان بولسا، بەدەننىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈن ئۇنى كېسىش كېرەك ھەمدە ئۇ كېسىشنى راھەت دەپ بېلىش كېرەك. دۈشمىنىڭ ئۆلگەنگە ھەرگىز ئەرزىمەس داد ئەيلىمەك، ياخشىدۇر ئۇنداق ئۆلۈمگە خاتىرىڭ شاد ئەيلىمەك. شىر بۇ سۆزلەردىن بىر ئاز ئارام تېپىپتۇ. ئەمما روزغار ئاخىر ئۆكۈزنىڭ ئىنتىقامىنى ئاپتۇ - دە، ئاقىۋەت دېمنە رەسۋا بولۇپ، يامان قىلىقلىرى بەرگەن مېۋىنى ئۆزى يەپتۇ. يەنى ئۆكۈزنىڭ قىساسى ئۈچۈن شىر ئۇنى ئۆلتۈرۈپتۇ. ھىيلە - مىكىر ۋە ئالدامچىلىقنىڭ ئاقىۋىتى ھەمىشە مانا مۇشۇنداق بولىدۇ. ھىيلە ۋە يامان نىيەتلىكنىڭ خاتىمىسى شۇملۇق ۋە زىياندۇر. مىكىرنىڭ شۇملۇقى تېگەر مەككارغا، پايدا بەرمەس ھىيلىسى ئەييارغا. ھىلىگەردىن ياخشىلىق ئۈمىد قىلما، بولماس ئاچچىق تاۋۇزدىن ئۈزۈم پەيدا. ئارپا تېرىپ دەشت باياۋانلار ئارا، «بۇغداي ئوراي» دېمە پىشقان چېغىدا. دانىشمەندىن ئاڭلىغانتىم بىر نىدا: «ھەرنە قىلساڭ ئاڭا تاپقايسەن جازا». كۆرگۈسى ئىككى جاھاندا ياخشىلىق، كىمكى بولسا خۇيى يۇمشاق خۇش قىلىق.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  ئالدىراڭغۇ خوتۇننى...
●  ئاچ كۆز مۈشۈكنىڭ ھې...
●  ئوۋچى بىلەن بۆرىنى...
●  سېخىي ئەر بىلەن بېخ...
●  زاھىت بىلەن مېھمان...
●  تۆگە مىنگەن ئادەمن...
●  كەكلىك بىلەن قارچى...
●  دوستلارنىڭ ئىناق ب...
●  قاغا، چاشقان ۋە كەپ...
●  دوستلارنىڭ ئىناق ب...
●  ساھىبخان بىلەن باخ...
●  نادان تېۋىپنىڭ ھېك...
●  ئۈچ ھەسەتخورنىڭ ھې...
●  شەيخ بىلەن دەرۋىشن...
●  قارىغۇ يولۇچىنىڭ ھ...
●  تەرىقەتنى تاشلىغان...
●  پادىشاھ بىلەن چۇلۋ...
●  سودىگەر بىلەن خىيا...
●  باغۋەن بىلەن ئېيىق...
●  پاقا، يىلان ۋە مولۇ...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  ئالدىراڭغۇ خوتۇننىڭ ھېك...
●  ئاچ كۆز مۈشۈكنىڭ ھېكايى...
●  ئوۋچى بىلەن بۆرىنىڭ ھېك...
●  سېخىي ئەر بىلەن بېخىل خو...
●  زاھىت بىلەن مېھماننىڭ ھ...
●  تۆگە مىنگەن ئادەمنىڭ ھې...
●  كەكلىك بىلەن قارچىغىنىڭ...
●  دوستلارنىڭ ئىناق بولۇشى...
●  قاغا، چاشقان ۋە كەپتەرل...
●  دوستلارنىڭ ئىناق بولۇشى...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى