بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : كۇتۇپخانا >> كەلىلە >> ئوۋچى بىلەن بۆرىنىڭ ھېكايىسى

ئوۋچى بىلەن بۆرىنىڭ ھېكايىسى

يوللانغان ۋاقتى : 2008-06-24 16:25:16    كۆرۈلۈش سانى : 250  
كصچصك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>
ناھايىتى ئۇستا بىر ئوۋچى بار ئىكەن. كېيىكلەر ئۇنىڭ يامانلىقىنىڭ ھەيۋىتىدىن قورقۇپ سەھراغا قەدەم قويالمايدىكەن. ئۇنىڭ ھىيلىسى ۋە مەرگەنلىكىنىڭ قورقۇنچىدىن ھېچقانداق جانىۋار ئۇۋىسىدىن سىرتقا چىقالمايدىكەن. ئۆزى چاققان، كۆزى ئىتتىك، ئەقلى تېز، باغرى قاتتىق، قۇلىقى ساق، ھىيلىپەز. بىر كۈنى ئۇ تۇزاق قۇرغانىكەن، بىر كېيىك تۇزاققا  چۈشۈپ قاپتۇ. ئۇنى كۆرگەن ئوۋچى كېيىكنى تۇتۇش ئۈچۈن يۈگۈرۈپتۇ. ئوۋچىنىڭ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن كېيىك قورققىنىدىن پۈتۈن كۈچى بىەلن زورۇقۇپ، تۇزاقنى ئۈزۈپ تاشلاپ قېچىپتۇ. ئوۋچى دەرھال ياغا ئوقىنى قويۇپ چەنلەپ بىر ئاتقانىكەن، كېيىك يېقىلىپتۇ. ئوۋچى كېيىكنى كەمەن بىلەن باغلاپ ئۇچىسىغا ئارتىپ يولغا چۈشۈپتۇ. شۇنداق كېتىۋاتسا، ئالدىغا بىر توڭگۇز ئۇچراپتۇ - دە، ئۇنىڭغا ھەملە قىپتۇ. ئوۋچى ئۇنىمۇ ئاتقانىكەن، ئوق بېرىپ توڭگۇزنىڭ يۈرىكىگە تېگىپتۇ، لېكىن توڭگۇز جان ئاچچىقى بىلەن چاچراپ كېلىپ، ئوۋچىنىڭ قورسىقىنى يېرىپ تاشلاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىككىسى شۇ يەردە يېتىپ قاپتۇ. شۇ ئەسنادا، بىر ئاچ بۆرە ئۇ يەرگە كېلىپ قاپتۇ. قارىسا، بىر ئادەم، بىر كېيىك ۋە بىر توڭگۇز ئۆلۈپ ياتقانىكەن. بۇنى كۆرگەن بۆرە ھەددىدىن زىيادە خۇشال بولۇپ ئۆز - ئۆزىگە:«پۈتۈن ئۆمۈرۈم بويى يولغا قارىساممۇ، بۇنداق نازۇ - نېمەتنى ھېچقاچان قولۇمغا كەلتۈرەلمىگەن بولاتتىم. ماڭا شۇنداق كۆپ رىزق ئۇچرىدى. ئەمدى بۇنى كېيىنلىكىم ئۈچۈن ساقلاپ قويۇشۇم كېرەك، بۈگۈنچە بۇ يانىڭ كىرىچىنى يەپ كۈن ئۆتكۈزگەچ تۇاي. چۈنكى ھۆكۈمالار: تۈگمەنگە بارۇ يوقنى يەنە كۈن بار، قېرىغان چاغدا قالما پۇلسىزۇ زار. تېپىپ ئىككىنى ئاۋۋال، يە بىرىنى، يوق ئەتمە بىر يولىلا بارىنى. دەپ ئېتىشقان» دەپتۇ - دە، ئوۋچىنىڭ ياسىنىڭ كىرىچىنى چىشلەپ تۇرۇپ باغرىغا بېسىپ تارتىپتۇ. يانىڭ بېشى بۆرىنىڭ كۆكرىكىنىڭ دەل ئوتتۇرىسىغا توغرا كېلىپ قالغانىكەن، بۆرىنىڭ چىشلەپ تارتىشى بىلەن كىرىچ ئۈزۈلۈپتۇ - دە، ئوق چاچراپ چىقىپ بۆرىنىڭ يۈرىكىگە سانجىلىپ شۇئان جان بېرىپتۇ. ھەممە نەرسىلەر يېيىلمەي شۇ پېتىچە قېلىۋېرىپتۇ. بۇ مىسالنىڭ پايدىسى شۇكى، مال جۇغلاشقا ھېرىس بولۇشنىڭ ھەم «ئۆلمەيمەن» دەپ مال - دۇنيا يىغىشنىڭ ئاقىۋىتى شۇملۇق ۋە مەھرۇملۇقتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر نەرسە بولسا بارىنى يېيىش، ئەتىنىڭ غېمىنى قىلماسلىق كېرەك. چۈنكى، ئەتىگە يەتكۈدەك ئۆمرى بار كىشىنىڭ ئەتىلىك رىزقىمۇ بىللە بولىدۇ. بەتبەخىت ئادەملەر ئۆمرىدە ناھايىتى كۆپ جاپالارنى تارتىپ، بۇ دۇنيادا پۇل - مال جۇغلايدۇ، لېكىن ئاخىرى ھەممىسىدىن مەھرۇم بولۇپ، بىھېساب ھەسرەت بىلەن كېتىدۇ. سەن يىغارسەن بارچە مالنى ئەي خوجا، ئۆلسەڭ ئاخىر قالغۇسىدۇر ھەممە مال. گەرچە قارۇندەك خەزىنە جۇغلىساڭ، ئەيلىگەي ھېرىسىڭنى بەتتەر بۇ ھال. كۆڭلۈڭ ئىچرە ھېرىس ئوتىن ياندۇرساڭ، كۆيدۈرۈپ قىلغاي ئاخىر ئەقلىڭنى لال. خوتۇنى ئېرىدىن بۇ ھېكمەتلىك سۆزلەرنى ئاڭلاپ قايىل بولۇپ مۇلايىملىق بىلەن:«ھەي ئىززەتلىك ئېرىم! بالىمىز ئۈچۈن ئۆينىڭ بىر بۇلۇڭىدا بىر چارەكچە گۈرۈچ ۋە كۈنجۈت ساقلاپ قويغانىدىم. ئەمدى ماڭا مال جۇغلاشنىڭ ياخشى ئەمەسلىكى روشەن بولدى. خۇدا بۇيرۇسا سەھەرلىككە ئون كىشىگە يەتكۈدەك تائام تەييارلاي، سەن كىمنى خالىساڭ، شۇنى قىچقىرىپ كەلگىن ھەمدە بۇ مېھماننى تۆر بېشىدا ئولتۇرغۇزغىن» دېدى. ئاتتى تاڭ ئاپتاپ چېچىپ ئۆز نۇرىنى، ئەل كۆزىدىن يۇيدى ئۇيقۇ كىرىنى. خوتۇن ئۇ كۈنجۈتنى ئاقلاپ ئاپتاپقا يېيىپ قويغاندىن كېيىن ئېرىگە:«كۈنجۈت قۇرۇغۇچە ئۇنىڭدىن خەۋەر ئېلىپ تۇرغىن. بىرەر نەرسە زىيان يەتكۈزۈپ قويمىسۇن» دەپ تاپىلاپ قويۇپ، ئۆزى باشقا ئىشقا مەشغۇل بولدى. بىر پەس ئۆتكەنىدى، ئېرىنى ئۇيقۇ باستى. شۇ ئەسنادا بىر ئىت كېلىپ ئاغزىنى كۈنجۈتكە تىقتى. خوتۇنى ئۇنى كۆرۈپ قېلىپ:«ئەمدى بۇنى مېھمانغا تاماق قىلغىلى بولمايدۇ» دەپ ئويلاپ، ئورنىدىن دەس تۇردى - دە، كۈنجۈتنى يىغىشۇرۇپ، تېگىشىش ئۈچۈن بازارغا ئېلىپ ماڭدى. مېنىڭمۇ ئىشىم بولغانلىقى ئۈچۈن بازارغا بارغانىدىم، قاراپ تۇرسام، ئۇ خوتۇن كۈنجۈتنى كۈنجۈتپۇرۇشنىڭ دۇكىنىغا ئېلىپ بېرىپ ئاقلىمىغان كۈنجۈت بىلەن باراۋەر مىقداردا تېگىشىپ كەلدى. ئېرى ئۇنىڭغا:«ھەي خوتۇن، ئاقلانغان كۈنجۈتنى ئاقلانمىغان كۈنجۈتكە ئۈستەكسىز تېگىشىشىڭدە نېمە سىر بار؟» دەپ ھەيران قالدى. بۇ مىسالنى شۇنىڭ ئۈچۈن كەلتۈردۈمكى، ئۇ چاشقاننىڭ بۇنداق جۈرئەتلىك بولۇشىدا بىر سىر بار. خاتالاشمىسام مۇنداق گۇمان قىلىمەن: ئۇنىڭ ئۆيىدە جۇغلىغان مال - دۇنيالىرى بار ئوخشايدۇ. شۇنىڭ قۇۋۋىتى ۋە خۇشاللىقىدا ئاشۇنداق قاشاڭلىق ۋە گۇستاخلىق قىلغان بولۇشى ئېھتىمال. ئەگەر ئۇ سەرمايىسىز بولغان بولسىدى، ھېچقانداق شوخلۇق قىلالمىغان بولاتتى. شۇڭا كىشىلەر زەرەرسىز كىشى پەرسىز قۇشقا ئوخشايدۇ، دېيىشىدۇ ئەمەسمۇ؟ زەر ئىستىگىن بارچە كار زەر بىرلە بولۇر، كىشىلەرگە ئېتىبار زەر بىرلە بولۇر. زەرسىز بولار ئىختىيار دەپ ئويلىما، بىلگىنكى ھەر ئىختىيار زەر بىرلە بولۇر. - سىز بىر گۈرجەك كەلتۈردۈڭ، چاشقاننىڭ تۆشۈكىنى قېزىپ كۆرەيلى، - دېدى مېھمان. زاھىت گۈرجەك ئېلىپ كەلدى. مېھمان ئۇنىڭ بىلەن تۆشۈكۈمنى كولاشقا باشلىدى. مەن دەھال باشقا تۆشۈككە يۆتكەلدىم. دەرۋەقە، مېنىڭ ئۇۋامدا مىڭ دىنار ئالتۇن پۇلۇم بار ئىدى. شۇڭا مەن ئۆز بايلىقىمغا ھەر بىر قارىسام، خۇشلۇقۇم زىيادە بولۇپ جۈرئىتىم تېخىمۇ ئاشاتتى. مېھمان بىلەن زاھىت تۆشۈكنى كولاپ، ھېلىقى ئالتۇن بار يەرگە يەتكۈزدى. ياتاتتى بىر دۆۋە ئالتۇن قۇياشتەك نۇر چېچىپ چاقناپ، سۈزۈكلۈكتە گويا جامى جاھەننەما كەبى پارلاپ. ئۇنىڭ قىزىل يۈزىگە خوپ چىرايلىق نەقىشلەر چۈشكەن، ئېسىل، قىممەت باھالىقتا ئىدى ئۇ ھەممىدىن ئۆتكەن. ۋە بەزى بېشى ئايلانغانغا ياردەمچى بولاتتى ئۇ، ۋە گاھى گۈل بەدەنلىرى قەددىنى يادەك ئېگەتتى ئۇ. ئۇ ئىلكىگە ئالسا ھەر پەرىشان تاپقۇسى شادلىق، بولۇپ ھاجەتلىرى ھاسىل ئىشى كەڭرى باياشادلىق. مېھمان زاھىتقا شۇنداق دېدى: - چاشقاننىڭ جۈرئىتىنىڭ سەرمايىسى ۋە قۇۋۋىتىنىڭ دەسمايىسى مانا مۇشۇلار ئىكەن، چۈنكى مال - دۇنيا كۆڭۈل ئەينىكىنىڭ ۋە قۇۋۋەتلەرنىڭ يۆلەنچۈكىدۇر. چاشقانلار بۇنىڭدىن كېيىن ئەمدى ھەرگىز داستىخانغا ھۇجۇم قىلالمايدۇ ۋە نانغا قول ئۇزىتىشالمايدۇ. مەن باشقا بىر تۆشۈكتە يېتىپ بۇ سۆزلەرنى ئاڭلايتتىم ھەم ئۆزۈمنىڭ ئاجىز ۋە بىچارە ئىكەنلىكىمگە ئۆكۈنۈپ ھەسرەت چېكەتتىم. ماڭا بۇ بالا  - قازا كەلگەندىن تارتىپ، چاشقانلارنىڭ نەزىرىدە ئاۋۋالقى مەرتىۋەم ۋە ئەتىۋارىم قالمىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ماڭا بولغان ئېتىقاد ئوتلىرىنىڭ ئۆچكەنلىكىنى، ئىخلاس كۆزىنىڭ قارىغۇ بولۇپ كەتكەنلىكىنى چۈشەندىم. خەلقتە ھېچ مېھرۇ ۋاپا قالمىدى، باغىم ئارا مېھرىگىياھ قالمىدى. ئىلگىرى يۈز  بەرگى ناۋا ئاز ئىدى، كۈتتى زەرۇ بەرگى ناۋا قالمىدى. ئىلگىرى مېنىڭ ئېھسانىمنىڭ داستىخىنىدىن زەللە ئالىدىغان ۋە ئىنئامىمنىڭ خامىنىدىن باش تېرىدىغان  ئۇ بىر توپ ھەمراھلىرىم ئەمدى مەندىن مەقسىتى ھاسىل بولمايدىغان بولۇپ قالغانلىقتىن، ماڭا ئىتائەت قىلىشتىن ياندى ۋە مېنىڭ غەيۋىتىمگە تىل ئېچىپ دۈشمەنلىرىم بىلەن بىرلەشتى. كەلمىگەن چاغدا بېشىمغا بۇ بالا، بار ئىدى قېشىمدا كۆپ نەپسى بالا. سىلكىسەم سۇپرامنى چۈشسە پارچە نان، ئىت كەبى يەيتتى ھۇزۇر بىرلە شۇئان. «ھەر كىمنىڭ پۇلى ئاز بولسا قەدرى خار بولىدۇ» دېگەن مەشھۇر تەمسىل بارغۇ؟ پۇلى، مېلى يوق ئادەمگە باشقىلار ياردەم ۋە مەدەتكارلىق قىلىشمايدۇ. بۇنداق ئادەملەر خۇددى چۆلگە ياغقان يامغۇر سۈيىگە ئوخشايدۇ. يەنى يامغۇر چۆلگە ياغسىمۇ ئارقىسىدا مەدەت قىلىدىغان كۈچ بولمىغاچقا، يا دەرياغا، يا ئېرىققا قوشۇلالماي، تۇرغان يېرىدە يوق بولۇپ كېتىدۇ. شۇڭا بۈزرۈكلەر:«ھەر كىشىنىڭ بىر تۇغقىنى بولمىسا، ھەر جايغا بارسا غېرىب بولۇپ قالىدۇ. ھەر كىمنىڭ پەرزەنتى بولمىسا، خالايىق ئارىسىدا نامى ئۆچۈپ كېتىدۇ. ھەر كىمنىڭ پۇلى بولمىسا، دوستلاردىن بەھرە ئالالمايدۇ. كەمبەغەلگە بىر كىم دوست بولمايدۇ» دەپ ئېيتىشقان. چۈنكى بىر كىشى ھاجەتمەن بولغاندا، باشقىلارنى چاقىرسا، كەلگەندىمۇ خۇددى باشقا بىر ئىشقا كەلگەندەك كېلىپ، يەتتە بۇرادەردەك ھەر تەرەپكە تاراپ كېتىدۇ. شۇ ساۋەبتىن جاھان خەلقنىڭ دوستلۇقى نەپس ۋە مال - دۇنياغا ئېرىشىش ئۈچۈندۇر. جاھان خەلقى شۇنداقكى: بولسا مول ئويۇڭ ئىچرە يېمەك - ئىچمەك، يېپىشقۇسى ھەرىلەردەك بولۇپ غۇژمەك. مۇبادا ئۆي ۋە بەختىڭ خاراب بولسا، قاچاڭنىڭ ئىچى قۇرۇپ راۋاب بولسا. قالمىغاي قېشىڭدا بىرەرمۇ دىلدار، تاپالماسسەن ئىستىسەڭ ھېچ مەدەتكار؛ سېنى بارچە كۆرگۈسى ئىت كەبى زار، سۆڭەكتىنمۇ كۆرگۈسىدۇر سېنى خار. بايانلاردا شۇنداق كەلتۈرۈلۈپتۇكى، بىر بۈزرۈك بىر كىشىدىن «نەچچە دوستىڭىز بار؟» دەپ سورىغانىكەن، ئۇ كىشى :«بىلمەيمەن. ھازىر دۆلىتىم پاراۋان، نېمىتىم كەڭرىچىلىك، شۇڭا ھەممە كىشى ماڭا دوستلۇق ئىزھار قىلىدۇ، مەن بىلەن قەلبىنىڭ بىر ئىكەنلىكى توغرىسىدا لاپ ئۇرىدۇ. خۇدا ساقلىسۇن، ئەگەر ئىززەتنىڭ كۆزىنى مېھنەت قارىغۇ قىلسا، شۇ چاغدا ئاندىن كېمنىڭ دوست، كىمنىڭ دۈشمەن ئىكەنلىكى مەلۇم بولىدۇ» دەپ جاۋاب بەرگەنىكەن. ھەر كىشىكىم يانسا ئۇندىن روزغار، قاچقۇسى ئۇندىن خوتۇن پەرزەنت ۋە يار. ھېكمەت كىتابلىرىنىڭ بىرىدە شۇنداق يېزىلغانىكەن: پازىللارنىڭ بىرسىدىن بىرسى :«خالايىقلارنىڭ مالدار كىشىلەرنى دوست تۇتۇشىدا نېمە ھېكمەت بار؟» دەپ سورىغانىكەن، ئۇ پازىل كىشى:«مال ئۇلارنىڭ مەشۇقىدۇر. مەشۇق قەيەرگە بارسا، ئاشىق شۇ يەرگە كېلىدۇ، مەشۇق كەتسە، ئاشىقمۇ كېتىدۇ» دەپ  جاۋاب بېرىپتۇ. ئاچسا ئالتۇن ئېتىكىنى گۈلزارۇ گۈل، بولغاي ئاڭا سايراپ چىمەن قۇشلىرى قۇل. كېلىپ خەزاڭ بۇلاڭچىسى قىلسا تالاڭ، زىكىر قىلماس خازانلىقتا ھېچبىر بۇلبۇل. چاشقانلارنىڭ ئىچىدە بىرى مېنى  باشقىلاردىنمۇ ئارتۇقراق ياخشى كۆرەتتى. مەن بىلەن بىر پەس بىللە ئولتۇرۇشنى ئۇلۇغ سائادەت سەرمايىسى دەپ ھېسابلايتتى. ھەر دائىم ھەققانىيەت تىلى بىلەن ۋاپادارلىق سۆزىنى بايان قىلاتتى: مەن مۇھەببەتتە ساڭا سادىق ئىرۇرمەن شۇ قەدەر، توختىغايمەن ھەر قاچان بېشىمنى كەسسەڭ سەن ئەگەر. قارىسام، ئۇمۇ خۇددى مېنى تونۇمايدىغاندەك ياتلارچە قىلىق قىلىپ، ماڭا قاراپمۇ قويماي ئۆتۈپ كېتىۋاتىدۇ. مەن ئۇنى قىچقىرىپ: - ماڭا قاراپمۇ قويماي كېتىۋاتىسىنا؟ سەرۋى دەرىخىمۇ بوينىنى بۇنداق ئېگىز تۇتمايدۇ. ساڭا نېمە بولدى؟ ئىلگىرىكى مېھرىبانلىقلىرىڭ ۋە شەپقەتلىرىڭ قايان كەتتى؟ - دەپ سورىدىم. ئۇ ماڭا چالۋاقاپ: - ھەي ئەبلەخ! ئۇ چاغدا سەندە پۇل بار ئىدى. سەن بىزگە سېخىيلىق قىلاتتىڭ. بىز ھەممىمىز ساڭا مۇلازىم ئىدۇق. ئەمدى كەمبەغەل ۋە مۇھتاج بولۇپ قالدىڭ، سېنىڭ سۆھبىتىڭدىن بىزگە نېمە پايدا؟ ھۆكۈمالار :«مۇھتاج كىشى بۇ دۇنيانىڭ لەززىتىدىنغۇ بەھرىسىز قالىدۇ، ھەتتا ئاخىرەتنىڭ دەرىجىسىدىنمۇ مەھرۇم قېلىشى مۇمكىن» دېيىشكەن. بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، پېقىر كىشى ئۆزىنىڭ ۋە بالا - چاقىلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى قامداش مەقستىدە تەقەززا بولۇپ، شەرىئەتتىن تاشقىرى ئىشلارنى قىلىپ قويۇشى ۋە خۇدانىڭ رىزاسىغا مۇۋاپىق بولمىغان ئىش - ھەرىكەتتە بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. مۇشۇ سەۋەب بىلەن بۇ ئالەمدە ئىپلاس ئىشلارغا گىرىپتار بولۇپ، ئاخىرەت دۆلىتى مەلۇم بولمىغان ساڭا ئوخشاش كىشىلەردىن قاچسا دۇرۇس بولىدۇ! - دېدى. - بۇ سۆزنى قوي! - دېدىم مەن ئۇنىڭغا، - پېقىرلىق دېگەن پادىشاھلىق. پېقىر كىشى ھاجەتمەن بولمايدۇ. دەرۋىشلەر قەلبىدۇر پەھمىڭدىن يىراق، ئۇلارنىڭ ئىشىغا ئىززەت بىرلە باق. بارچىدىن ئىزىزدۇر خۇدانىڭ ئالدىدا، ئۇلارنىڭ ماكانى ئەرشىئەلادا. پېقىرلار جەۋھەردۇر ئەنبىيالاردەك، پېقىرلار شىپادۇر ئەۋلىيالاردەك. شۇنداق تۇرۇقلۇق سەن نېمە ئۈچۈن پېقىرنى ھەقىر كۆرىسەن؟ دەرۋىشلەر سۆھبىتىدىن نەپرەتلىنىسەن؟ - ھەيھات، ھەيھات! - دېدى ئۇ چاشقان ماڭا جاۋابەن، - ھەممە ئەۋلىيا - ئەنبىيالار پېقىرلارنىڭ قاتارىدا تۇرىدۇ، دەپ شۇنداقمۇ دەلىللەرنى كەلتۈرەمسەن؟ سېنىڭ بۇ ئىپلاسلىقىڭ ۋە مۇھتاجلىقىڭنىڭ  ئۇلار بىلەن نېمە مۇناسىۋىتى بار؟ پېقىر دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى شۇكى، ھەقىقەت يولىغا كىرگەن، بۇ دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ سەرمايىسىدىن ھېچنېمىنى قوبۇل قىلمايدىغان، بەلكى ھەممىدىن كېچىپ خۇداغا سېغىنغان كىشىنى پېقىر دەيمىز. دەرۋىشلىك باشقا، گادايلىق باشقا، ئۆزلۈكىدىن دۇنيانى تاشلىۋەتكەن كىشىنى دەرۋىش دەيمىز. بىر كىشىنى دۇنيا تاشلىۋەتكەن بولسا، ئۇنى گاداي دەيمىز. گادايلار گۇرۇھى بېلىقتۇر گويا، سۈرىتى بېلىقۇ دېڭىزدىن جۇدا. نان ئۈچۈن مۇھتاق ئىرۇر ئۇ تەڭرىگە، قويما ئاش ئۆلگەن كىشىنىڭ ئالدىغا. ھەقىقىي پېقىرلارنىڭ تەرىپى توغرىسىدا «پېقىرلىق خەزىنىسى ئاللا تائالانىڭ خەزىنلىرىدىن بولۇپ، ئۇ تەۋھىدنىڭ بېشى ۋە مەرىپەتنىڭ خۇلاسىسىدۇر. ئۇ خىلۋەت چەشمىسىنىڭ سۈيىدۇركى، دىلنىڭ غۇبارىنى روھ چېھرىسىدىن يۇيۇپ پاك قىلىدۇ. ئۇ يالغۇزلۇق خەزىنىسىنىڭ لىباسىدۇركى، قۇدرەت قولى ئۇنى جان دائىرىسىگە كىيگۈزىدۇ» دېگەن سۆزلەر بارغۇ؟ پېقىرلىق يولى قاتتىقتۇر گوياكى تاش، نىھان تۇتماق كېرەك سىرنى قىلماي پاش. باش كەتسىمۇ مەيلىكى كەتمىسۇن بۇ سىر، تاپماق كېرەك بىر ئىش بىلەن گالغا نان - ئاش. ئەمما كۆرۈنۈشى پېقىر بولغان كىشىلەردە ئېھتىياج بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇ گادايلىق دېيىلىدۇ. بۇ ھەممە بالالارنىڭ بېشى ھەمدە خەلققە دۈشمەن ۋە خار بولۇشنىڭ سەۋەبى بولۇپ قالىدۇ. بۇ شەرم - ھايا پەردىسىنى يىرتىپ، مۇرۇۋۋەت ۋە ھىممەت بىناسىنى بۇزىدۇ. ھەر كىم ئېھتىياج يىپىغا  باغلىنىپ قالغان بولسا، «ھايا ئىماننىڭ جۈملىسىدىندۇر» دېگەن رەقەم ئۇنىڭ ھالىتىنىڭ ۋارىقىدىن ئۆچۈپ كېتىدۇ. بۇنداق بولسا، ئۇ كىشى ھاياتتىن بىزار بولۇپ، ئىزا ۋە زارغا ئۇچرايدۇ، كۆڭۈل مەملىكىتىدىن راھەت سىپاھلىرى كېتىپ، ئورنىغا غەم لەشكىرى تولىدۇ. ئەقىل شامى ئۆچۈپ، زېھىن ۋە ئىدراكىغا قۇسۇر يېتىدۇ. توغرا تەدبىر ئۇنىڭغا زىيان نەتىجىسىنى بېرىدۇ. ئەگەر ھەر قانچە دىيانەتلىك بولسىمۇ خىيانەت تۆھمىتىگە ئۇچرايدۇ. باشقىلار قىلغان يامان ئىشنىڭ گۇناھى ئۇنىڭغا يۈكلىنىدۇ. ئەگەر ئۇ ھەر قانداق ئىش قىلسا ياكى ھەر قانداق سۆز قىلسا، ئەيىبلىك سانىلىدۇ. ماختاشقا سازاۋەر بولىدىغان ئىشلارنى قىلغان بولسا، تەنە ۋە ئەيىبلەشلەرگە ئۇچرايدۇ. مەسىلەن، ئەگەر بىر كەمبەغەل جۈرئەت قىلغان بولسا، «ئۆزىنى بىلمەيدىغان، ھەددىدىن ئاشقان» دېيىشىدۇ. ئەگەر خەير - ساخاۋەت قىلسا، «ئىسراپخور» دېيىشىدۇ. ئەگەر ياۋاشلىق قىلسا، «ئاجىز ۋە غەيرەتسىز» دېيىشىدۇ. ئەگەر ئېغىرلىق قىلسا، «گال» دېيىشىدۇ. ئەگەر ياخشى ھېكايىلەرنى سۆزلىسە، «تولا سۆزلەيدىغان كاپكى» دېيىشىدۇ؛ سۆزلىمىسە، «جېنى يوق سۈرەت» دەيدۇ. ئەگەر يالغۇز ئولتۇرۇشنى خالىسا، «دىۋانە بولغىلى تۇرۇپتۇ» دەيدۇ. ئەگەر كۆپچىلىككە قوشۇلسا، «بۇنىڭغىمۇ ھەۋەس قوشۇلغىلى تۇرۇپتۇ» دەيدۇ. ئەگەر كۈلسە، «مەسخىرىۋاز» دەيدۇ. قاپىقىنى تۈرۈپ ئولتۇرسا، «كالىدەك ئولتۇرىدۇ» دەيدۇ. ياخشى يەپ، ياخشى كىيسە، «قارنى يامان، ياسانچۇق» دەيدۇ. ئاز يەپ كونىنى كىيسە، «پىخسىق، خەسىس» دەيدۇ. ئەگەر بىر يەردە تۇرسا، «ئىشقا خام، يارامسىز» دەيدۇ. سەپەر قىلسا، «تىنىمسىز، پۇلغا ھېرىس» دەيدۇ. ئەگەر خوتۇن ئالسا، «شەھۋەتپەرەس» دەيدۇ. بويتاق يۈرسە، «سۈننەتنى تاشلىغان» قاتارىغا كىرگۈزىدۇ. ئىشقىلىپ، مۇھتاج بولۇپ قالغان كىشى زامان ئەھلىنىڭ نەزىرىدە ئەيىبكار سانىلىدۇ ۋە ئېتىبارسىز كۆرۈنىدۇ. ئەگەر مۇشۇ ھال بىلەن ئۇنىڭدىن تەمە سادىر بولسا، ھەممە خالايىقنىڭ كۆڭلىگە دۈشەنلىك پەيدا بولىدۇ - دە، ئۇنىڭ ھېچقانداق ھاجىتى راۋا بولمايدۇ. چۈنكى كىشىگە ھەر قانداق خارلىق كەلسە، تەمە سەۋەبىدىن كېلىدۇ. تەمەخور كىشى خار بولىدۇ. شۇڭا قانائەتتىن ئىززەت، تەمەدىن خارلىق كېلىدۇ. دوستۇم بۇ سۆزلەرنى ئېيتىپ، سۆزىنى تاماملىغاندىن كېيىن مەن شۇنداق دېدىم: - راست ئېيتىسەن. مەنمۇ «كىمكى ساقايماس كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قالسا ياكى قاتتىق پىراققا مۇپتىلا بولغان بولسا، لېكىن ۋىسالغا مۇيەسسەر بولالمىسا ياكى غۇربەتچىلىكتە قالسا، ئۇ يەردە نە تۇرۇشنىڭ ئامالىنى تاپالمىسا، نە يانماق جابدۇقىنى تەييارلاشقا مۇيەسسەر بولالمىسا، بۇلاردىنمۇ مۇھتاجلىق ۋە قولى قىسقىلىق مۈشكۈلرەك» دېگەن سۆزنى ئاڭلىغانىدىم. بۇ جاھاندا: مۇھتاجلىقتىن ئارتۇق دەردى - بالا يوقتۇر، قولى قىسقا كىشىلەردە ناۋا يوقتۇر. كىمكى تەمە رەنجى بىلەن بولسا زەئىپ، ھالاك بولغۇسىدۇر ئۇڭا داۋا يوقتۇر. ئېھتىياج زۆرۈرىيىتىدىن ھەر كىشى مۇھتاجلىقتا قېلىپ، ئۆزى دېمەتلىك بولغان كىشىدىن بىر نەرسە تىلىسە، بۇنداق تىلەمچىلىكتىن ئۆلۈم ياخشىراق، چۈنكى يىلاننىڭ ئاغزىدىن زەھەر ئالماق، ئاچ شىر ئالدىدىكى ئوزۇققا قول ئۇزاتماق ۋە غەزەپلەنگەن يولۋاس بىلەن ھەمتاۋاق بولماقنىڭ ھەممىسى بېخىللارغا ھاجەت ئىزھار قىلىشتىن ئاسانراقتۇر. شۇڭا، «ئالماقنىڭ راھىتى تىلىمەكنىڭ جاپاسىغا ئەرزىمەس» دېگەن گەپ بار. بۇ ئالەمدىكى ئىشلار ئىچىدە كىشىگە تۆت تۈرلۈك مەنپەئەت ۋە راھەت تېگىدۇ، لېكىن ئۇ تۆت تۈرلۈك مېھنەتكە ئەزرىمەيدۇ. بىرىنچىسى، جەننەت؛ ئۇ ئۆلۈمنىڭ جاپا - مۇشەققىتىگە ئەرزىمەيدۇ. ئىككىنچىسى، مەنسەپ راھىتى؛ ئۇ مەنسەپتىن چۈشىدىغان ۋاقىتتىكى ئىزاغا ئەرزىمەيدۇ. ئۈچىنچىسى، گۇناھ قىلىپ كۆرىدىغان راھەت شۇ گۇناھ ئۈچۈن دوزاختا كۆيىدىغان ئازابنىڭ مۇشەققىتىگە ئەرزىمەيدۇ. تۆتىنچىسى، تەڭرىنىڭ ھىممىتى بىلەن كۆرىدىغان راھەت تەڭرى خارلىققا چۈشۈرۈپ قويغان چاغدىكى جاپا - مۇشەققەتكە ئەرزىمەيدۇ. شۇ سۆزلەرنى قىلغاندىن كېيىن، مەن ئۇ چاشقاندىن يۈز ئۆرۈپ، زاھىت تەرەپكە قارىدىم. ئۇ مېھمان بىلەن ھېلىقى ئالتۇنلارنى ئۈلىشىۋاتقانىكەن، مېھمان يېرىمىنى ئېلىپ ئۆز يولىغا راۋان بولدى. زاھىت بولسا قالغان يېرىمىنى ھەميانىغا سېلىپ، ياستۇقىنىڭ ئاستىغا تىقىپ قويدى. مېنىڭ يەنە شۇم تەمەيىم قوزغالدى - دە، ئۆزلۈكۈمدىن «ئەگەر ئاشۇ ئالتۇننى قولۇمغا كەلتۈرسەم، يەنە كۆڭلۈمنىڭ قۇۋۋىتى، جېنىمنىڭ راھىتى ھاسىل بولىدۇ. خىزمىتىمنى قىلىشتىن باش تارتقان چاشقانلارنىڭ ھەممىسى يېنىپ كېلىپ دەرگاھىمدا جەم بولۇشىدۇ ھەمدە بۇرۇنقى شان - شەۋكەت ۋە ھەشەمىتىم ئەسلىگە كېلىدۇ» دەپ ئويلىدىم. مەن خىيالنى قىلغۇچە زاھىتنىڭ كۆزى ئۇيقۇغا باردى. مەن ئاستاغىنا ئۇنىڭ قېشىغا بېرىپ، ھەميانغا قول ئۇزاتقانىدىم، ئۇ دەرھال كۆزىنى ئېچىپ، ھاسسىسى بىلەن بىرنى ئۇرغانىدى، پۇتۇم سۇندى، ئاقساقلاپ قېچىپ، كۆپ قىيىنچىلىق بىلەن تۆشۈككە كىرىۋېلىپ بىرەر سائەت ئۇ يەردە ياتتىم. پۇتۇمنىڭ ئاغرىقى سەل بېسىلغاندا قارىسام، زاھىت يەنە ئاۋۋالقىدەكلا ئۇيقۇغا كېتىپتۇ. بۇنى كۆرۈپ، يەنە ھەۋىسىم قوزغالدى - دە، تۆشۈكتىن چىقىپ پۇتۇمنى سۆرىگەن پېتى ئۇنىڭ قېشىغا شۇنداق يېقىنلاشقانىدىم، ئۇ دەس ئورنىدىن تۇرۇپ يەنە بىرنى ئۇرغانىدى، بېشىمغا تەگدى، مەن مىڭ ھىيلە بىلەن بىر ئامال قىلىپ ئۆزۈمنى تۆشۈك ئىچىگە ئالدىم - دە، ھوشسىزلىنىپ يىقىلدىم. شۇ زەخىملەرنىڭ رەنجىدىن شۇنىڭدىن بېرى دۇنيا مېلىنىڭ ھېرىسى ۋە مېھرىدىن ۋاز كەچتىم. يېمىگىن غەم، يەتسىمۇ گەر كەمبەغەللىك مېھنىتى، بىل غەنىيمەت تەن سالامەتلىك جېنىڭ راھىتى. تەھقىقلەپ بىلدىمكى، تەمە بارلىق جاپا ۋە بالالارنىڭ بېشى ئىكەن. چۈنكى قۇش تەمە دېنىنى چوقۇمىسا، بوينى تۇزاق ھالقىسىغا چۈشمەيدۇ. ھەر كىم تەمە كەمىرىنى باغلىمىسا، ئىززەت لىباسىنى خارلىق بالاسىغا تېگىشمەيدۇ. ھەر بىر ئەزىز كىشى تەمە يولىغا كىرىپ قالسا، تەمە تۇپرىقىدىن خارلىق غۇبارى ئۇنىڭ يۈزىگە ئولتۇرىدۇ - دە، ئەتىۋار تارازىسىدا ئۇ ئەزىزنىڭ قەدرى يەڭگىل كېلىپ قالىدۇ. تەمەخورلۇقنى تاشلا بۇرادەر، تەمە ئادەمنى قىلغۇسىدۇر خار. گەر تاپاي دېسەڭ ئۆمۈردىن بەھرە، بۇ ئىككى سۆزنى ئۇنتۇما زىنھار. تەمە سۇپۇرىسىن يىغىشتۇر تامام، قانائەتنى قىل ئۆزۈڭگە شوئار. شۇنىسى ئەجەبكى، بەزى كىشىلەر «مال - دۇنيانى كۆپ توپلىسام راھەت كۆرىمەن» دەپ ئويلايدۇ. ئۇلار دۇنيانى تەرك ئەتكەنچە يۇقىرى دەرىجىگە ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. تاپتى ئىززەت ھەر كىشىكىم مالىدىن ئۈزسە كۆڭۈل، كۆردى راھەت كىمكى سۇندۇرسا تەمەنىڭ ئىلكىنى. شۇ ھادىسىدىن كېيىن تەمە كۆچىتىنى كۆڭلۈم يېرىدىن تامامەن يۇلۇپ تاشلىدىم. رىزا دەرىخىدىن قانائەت مېۋىسىنى قولۇمغا كەلتۈردۈم ۋە خۇدانىڭ قازاسىغا بويسۇنۇپ، دەۋران قىسمىتىگە باش قويدۇم. شۇنداق ئۆز - ئۆزۈمگە شۇنداق دېدىم:« بۇ ۋەقەلەر ئوتتۇرىسىدا دۇنيا ئۆز ئەيىب - نوقسانلىرىنى ماڭا كۆرسەتتى. شۇغىنىسى، ھېرىس رەمەدىگە مۇپتىلا بولغان ئەقىل كۆزى ئۇنىڭ نۇقسانلىرىنى كۆرمەيدۇ. دۇنيادا ئۇنىڭ ھىيلە - مىكرىنىڭ ئەسىرى كۆرۈنمىگەن بىرەرمۇ خاتىرجەم جاي يوق ۋە پەشتاقلىرىنىڭ ئارىسىغا ئۇنىڭ قەستى يېزىلمىغان بىرەرمۇ قەسىر يوق. ئۇ كىمنى يۇقىرى كۆتۈرگەن بولسا، ئاخىر يىقىتتى؛ نەدە مېۋە تىككەن بولسا، ئۇنى ئاخىر يۇلۇپ تاشلىدى؛ كىمنى سەمرىتكەن بولسا، ئاخىر ئۇنى ئۆلتۈرۈپ يېدى؛ كىمنى دۆلەتكە ئېرىشتۈرگەن بولسا، ئاقىۋەت ئۇنى جاپا - مۇشەققەتكە تاشلىدى. بىر ھىيلىگەر خوتۇندۇركى بۇ دۇنيا، ۋاپا تاپمىدى ئۇندىن ھېچ بىرەر ئەر. ئۇنىڭ تەختىگە كىم قويسا پۇتىنى، بېشىغا يېدى ئۇندىن زەخمى شەمشەر. بۇنداق بىۋاپا دۇنيا ئۈچۈن سۆزلەش ۋە ئۇنىڭ پايدا - زىيىنىدىن غەم يېيىش ئەرزىمەيدۇ. ئىشەنمە بۇ جاھاننىڭ قەدىر - قىممەت ئېتىبارىغا، سۆزۈمنى ئاڭلىغىنۇ يېمە غەم يوقىغا، بارىغا. شۇ خىياللاردىن كېيىن زاھىتنىڭ ئۆيىدىن چىقىپ، سەھراغا قاراپ يۈرۈپ كەتتىم. مەستۇقە ئىسىملىك كەپتەر مېنىڭ دوستۇم ئىدى. ئۇنىڭ بىلەن ئاشۇ ماكانىمغا كەلدىم. ئۇنىڭغا قىلغان ۋاپالىرىمنى قاغا كۆرۈپ ماڭا دوست بولدى. سېنىڭ ياخشى تەرىپىڭ ۋە خۇسۇسىيەتلىرىڭنى ئۇنىڭدىن ئاڭلاپ مانا بۈگۈن ساڭا يېتىشتىم. ئەمدى ساڭا مۇلاقات بولۇش سائادىتىنى تېپىش بىلەن، غۇربەت ۋەھشىتىدىن خالاس بولغۇدەكمەن. چۈنكى، تەنھالىق دېگەن ناھايىتى مۈشكۈل ئىش. غېرىبلىق بولسا قاتتىق جاپا، ھېچقانداق خۇشاللىق دوستلار بىلەن بىللە ئولتۇرغاندىكىدەك لەززەت بەرمەيدۇ ۋە ھېچقانداق غەم دوستلاردىن غەم دوستلاردىن جۇدا بولماقتەك قاتتىق بولمايدۇ. خۇداغا شۈكۈر، جاپا تىكىنىدىن دۆلەت گۈلى ئېچىلدى. مۇشەققەت كېچىسى راھەت تېڭىغا ئالماشتى. پىراق كۈنى، ھىجىر كېچىسى كەتتى، مېھنەت چېغى ئۆتتى، ئەمدى دۆلەت يەتتى. يوشۇرۇنغانىدى سۈبھى ئۈمىدى، كۆپ نۇر بىلەن بۇدەم يۈزىن كۆرسەتتى. ئەمدى مەن ئۆز  سەرگۈزەشتىلىرىمنى سۆزلەپ بولدۇم. مانا ئالدىڭدا تۇرۇپتىمەن. دوستلۇق ۋە مېھرىبانلىقلىرىڭدىن ئۈمىدۋارمەن. لۇتفى ئېھسان ياغلىقى بىرلە دىلىم ئەينىكىدىن، ئەي ئەزىز دوستۇم شۇ دەم غەملەر غۇبارىن ئېرتىۋەت. تاشپاقا چاشقاندىن بۇ سۆزلەرنى  ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا مەرھەمەت كۆرسىتىپ مۇلايىملىق بىلەن شۇنداق دەپتۇ: بىرەر ئۆينى سېنىڭدەك خۇش پېئىل مېھمان ماكان ئەتسە، ئەجەب ئەمەس ھۇمايۇن شۇ ماكاندا ئاشيان ئەتسە. قايسى بەخت - سائادەت سەن بىلەن ھەمدەم بولۇشقا باراۋەر كېلەلىسۇن؟ قايسى دۆلەت سەن بىلەن ئۈلپەت بولۇشقا ئەرزىسۇن؟ سەن مېنىڭ دوستلۇق ۋە مېھرىبانلىقىمدىن ئۈمىدۋار بولساڭ، مېنىڭمۇ سېنىڭ  دوستلۇقۇڭغا ئىشەنچىم كامىل. تىرىكلىك چىرىغى يېقىنلىقلا بولىدىكەن، پەرۋانىدەك سۆھبىتىڭدە بولىمەن. زەررىدەك بولدۇم قۇياش يۈزۈڭگە زار، دەرگاھىڭدىن كەتمىگەيمەن تائەبەت. سېنىڭ ئۆز بېشىڭدىن ئۆتكەنلەرنى  بايان قىلغىنىڭدىن روشەن بولدىكى، ئاقىل كىشى ئاز مالغىمۇ قانائەت قىلىش لازىم ئىكەن. ئەگەر ئۆزىنىڭ باشقىلارغا ھاجىتى چۈشمىگۈدەك دەرىجىدە نېمىتى بولسا، شۇنىڭغا قانائەت قىلىپ، ئۇنىڭدىن زىيادىنى ئىزدىمەسلىكى، ھېلىقى مۈشۈككە ئوخشاش ھېرىسقا بېرىلمەسلىكى كېرەك ئىكەن - دە! - ئۇ قانداق ئىش ئىكەن؟ - دەپ سوراپتۇ چاشقان. تاشپاقا ھېكايىسىنى باشلاپتۇ.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  ئالدىراڭغۇ خوتۇننى...
●  ئاچ كۆز مۈشۈكنىڭ ھې...
●  ئوۋچى بىلەن بۆرىنى...
●  سېخىي ئەر بىلەن بېخ...
●  زاھىت بىلەن مېھمان...
●  تۆگە مىنگەن ئادەمن...
●  كەكلىك بىلەن قارچى...
●  دوستلارنىڭ ئىناق ب...
●  قاغا، چاشقان ۋە كەپ...
●  دوستلارنىڭ ئىناق ب...
●  ساھىبخان بىلەن باخ...
●  نادان تېۋىپنىڭ ھېك...
●  ئۈچ ھەسەتخورنىڭ ھې...
●  شەيخ بىلەن دەرۋىشن...
●  قارىغۇ يولۇچىنىڭ ھ...
●  تەرىقەتنى تاشلىغان...
●  پادىشاھ بىلەن چۇلۋ...
●  سودىگەر بىلەن خىيا...
●  باغۋەن بىلەن ئېيىق...
●  پاقا، يىلان ۋە مولۇ...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  ئالدىراڭغۇ خوتۇننىڭ ھېك...
●  ئاچ كۆز مۈشۈكنىڭ ھېكايى...
●  ئوۋچى بىلەن بۆرىنىڭ ھېك...
●  سېخىي ئەر بىلەن بېخىل خو...
●  زاھىت بىلەن مېھماننىڭ ھ...
●  تۆگە مىنگەن ئادەمنىڭ ھې...
●  كەكلىك بىلەن قارچىغىنىڭ...
●  دوستلارنىڭ ئىناق بولۇشى...
●  قاغا، چاشقان ۋە كەپتەرل...
●  دوستلارنىڭ ئىناق بولۇشى...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى