بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : كۇتۇپخانا >> كەلىلە >> تۆگە مىنگەن ئادەمنىڭ ھېكايىسى

تۆگە مىنگەن ئادەمنىڭ ھېكايىسى

يوللانغان ۋاقتى : 2008-06-15 11:16:42    كۆرۈلۈش سانى : 246  
كصچصك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>
بىر كىشى تۆگىگە مىنىپ سەپەرگە چىقىپ، ماڭا - ماڭا بىر يەرگە يېتىپتۇ. بۇ يەرگە باشقا كارۋانلار چۈشۈپ ئوت قالاپ، كېتەشىدە ئوتنى ئۈچۈرمەي يولىغا راۋان بولۇشقانىكەن، ئارقىدىنلا شامال چىقىپ، قالغان چوغلارنى ئۇچۇرتۇپتىكەن، ئورمانلىققا ئوت كېتىپتۇ. ئۇ ئورمانلىقتا بىر يىلان بار ئىكەن، ئورمانلىقنىڭ چۆرىسىگە ئوت كەتكەندىن كېيىن يىلان ئوتنىڭ ئارىسىدا قاپتۇ. يىلان ئوت ئارىسىدىن قېچىپ چىقىشقا يول تاپالماي، كاۋاپتەك كۆيۈپ، زەھەرلىك بەدىنىدىن  تامچە - تامچە قانلار ئېقىشقا باشلىغاندا، ھېلىقى تۆگە مىنگەن ئادەمنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا زارلىنىپ شۇنداق دەپتۇ: نە بولغايكىم بۇ ئوت ئىچرە ماڭا شەپقەت سۈيىن چاچساڭ، تەرەھھۇم ئىلكى بىرلە بۇ گىرە بولغان ئىشىم ئاچساڭ. ئۇ ئادەم رەھىمدىل ۋە مېھرىبان ئىكەن. يىلاننىڭ نالىسىنى ئاڭلاپ ھەمدە بىچارە قىياپىتىنى كۆرۈپ:«گەرچە يىلان ئادەمزاتنىڭ دۈشمىنى بولسىمۇ، شۇنداق ئاجىز ۋە ناتىۋان بولۇپ قاپتۇ. ئۇنىڭغا بىر ياخشىلىق قىلىپ، بۇ دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ ساۋابىنى  تاپسام ياخشى ئەمەسمۇ» دەپ ئويلاپتۇ - دە، نەيزىنىڭ ئۇچىغا تورۋىنى چىگىپ ئۇزىتىپتۇ. يىلان پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ دەرھال تورۋىنىڭ ئىچىگە كىرىپتۇ. ئۇ ئادەم ئۇنى تاشقىرىغا ئېلىپ چىقىپ يەرگە قويۇپتۇ ۋە: - ئەمدى بالادىن نىجات تاپتىڭ. نەنى خالىساڭ شۇ يەرگە بار، لېكىن بۇنىڭدىن كېيىن كىشىلەرگە ئازار بېرىشنى قەستلىمە. چۈنكى ئازار بەرگۈچى بۇ دۇنيادا لەنەتكە، ئاخىرەتتە ئازاب - ئوقۇبەتكە گىرىپتار بولىدۇ. كىشىگە ئازار بېرىشتىن يىراق بول. بۇ ساڭا خاپىلىقتىن خالاس بولۇشۇڭ ئۈچۈن ئەڭ توغرا يولدۇر، - دەپتۇ. - بۇ نېمە گەپ؟ مەن سېنى ۋە تۆگەڭنى چاقمىغۇچە ھېچ يەرگە بارمايمەن، - دەپتۇ يىلان. - مەن ساڭا ياخشىلىق قىلغانىدىم، - دەپتۇ ئۇ ئادەم، - سېنى ئوتتىن قۇتقۇزۇۋالغىنىمنىڭ جازاسى مۇشۇمۇ؟ مەن ساڭا ۋاپا قىلدىم. سېنىڭ ماڭا جاپا قىلىشڭڭ ئەدەپ - قائىدىگە سىغمايدۇ! - توغرا، - دەپتۇ يىلان، - سەن ماڭا ياخشىلىق قىلدىڭ، لېكىن ئورۇنسىز يەرگە قىلدىڭ، سەن مېنىڭ ھەقىقىي زىيانداش ئىكەنلىكىمنى بىلمەمسەن؟ سەن يامانلىق قىلىدىغان يەرگە ياخشىلىق قىلدىڭ. بۇنىڭ جازاسى شۇكى، سەن ئەلەم چېكىشىڭ ۋە جاپا كۆرۈشۈڭ كېرەك. چۈنكى، يامانلارغا ياخشىلىق قىلىش ياخشىلارغا يامانلىق قىلغانلىقتۇر. ياخشىلارغا يامانلىق قىلىش راۋا بولمىغىنىدەك يامانلارغا ياخشىلىق قىلىشمۇ جايىز ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە، سىلەر بىلەن بىزنىڭ ئوتتۇرىمىزدا كونا ئاداۋەت بار. شۇڭا بەرىبىر ماڭا بىر تەشۋىش ئىدىڭ. سەن:«يىلاننىڭ ئەركەك - چىشىسىنىڭ ھەممىسىنى ئۆلتۈرۈڭلار، ئۇلارنىڭ نەسىللىرى قۇرۇسۇن» دېگەنگە ئەمەل قىلىشڭ كېرەك ئىدى. ھەدىس ھۆكمىنى بۇزغانلىقىڭ ئۈچۈنمۇ ساڭا نەشتەر ئۇرۇشۇم كېرەك. باشقىلار بۇنىڭدىن تەنبىھ ئالسۇن. - ھەي يىلان، ئىنساپ قىل، ياخشىلىققا يامانلىق قايسى مەزھەپتە راۋا كېلىدىكەن؟ - دەپ سوراپتۇ ئۇ ئادەم. - سىلەرنىڭ ئادىتىڭلار شۇنداققۇ، - دەپتۇ يىلان، - بۇ ئادەتنى مەن سىلەردىن ئۆگەندىم. ئۆزۈڭلاردىن ئالغاننى ئۆزۈڭلارغا ساتىمەن. - ئادەمزاتنىڭ ياخشىلىقا يامانلىق «مۇكاپاتى» بەرگەنلىكى نەدىن مەلۇم؟ ئەگەر بۇ دەۋايىڭنى بىر گۇۋاھ بىلەن ئىسپاتلىساڭ، ھەر نېمە قىلساڭمۇ ئۇنىڭغا رازى بولىمەن، - دەپتۇ ئۇ ئادەم. يىلان بېشىنى ئۈستۈن كۆتۈرۈپ قاراپ، يىراقتا بىر كالىنىڭ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ ئۇ ئادەمگە: - يۈر، ئۇنىڭ قېشىغا بېرىپ، بۇ ئەھۋالنىڭ ھەقىقىتىنى ئۇنىڭدىن سورايلى، - دەپتۇ. ئىككىسى بىللە كالىنىڭ قېشىغا بېرىپ سوراپتۇ: - ھەي كالا، ياخشىلىقنىڭ مۇكاپاتى نېمە؟ - ئەگەر ئادەمزاتنىڭ مەزھىپى بويىچە سورىساڭ، ياخشىلىقنىڭ مۇكاپاتى يامانلىق. مەن ئۇلارنىڭ خىزمىتىدە قېرىدىم. ھەر يىلى بىر بالا تۇغۇپ بەردىم. ئۆيلىرىنى سۈت ۋە ياغ بىلەن توشقۇزدۇم. ئۇلارنىڭ تۇرمۇش كەچۈرۈشى مېنىڭ ياخشىلىقىمدىن بولدى. ئەمدىلىكتە مەن تۇغۇشتىن قالدىم. ئىگەم مېنى سەمرىسۇن دەپ بۇ سەھراغا ئاچىقىپ قويدى. مېنىڭ سەمرىگىنىمنى كۆرۈپ، تۈنۈگۈن بىر قاسساپنى باشلاپ كېلىپ مېنى ساتتى. بۈگۈن مېنى قۇشخانىغا ئېلىپ بېرىپ قېنىمنى تۆكىدۇ. مېنىڭ ئۇلارغا قىلغان ياخشىلىقىمنىڭ مۇكاپاتى شۇ بولدى. مېنىڭ ئەھۋالىم مۇشۇ. بۇ دەردىمنى كىمگە ئېيتاي ئەمدى. شۇڭا ياخشىلىقنىڭ مۇكاپاتى يامانلىق ئىكەن دەپ ئويلىدىم، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ كالا. - گۇۋاھچىمنىڭ سۆزىنى ئاڭلىدىڭ. ئەمدى ساڭا نەشتەر سالىمەن، - دەپتۇ يىلان. - شەرىئەتتە بىر گۇۋاھچى بىلەنلا ھۆكۈم چىقىرىلمايدۇ، - دەپتۇ ئۇ ئادەم، - يەنە بىر گۇۋاھچى كېرەك. - يۈر، ئاۋۇ دەرەختىن سورايلى، - يىلان كۆرۈنگەن دەرەخنى كۆرسىتىپتۇ. ئۇلار ئىككىسى بىللە دەرەخنىڭ قېشىغا بېرىپتۇ. يىلان دەرەختىن سوراپتۇ: - ياخشىلىقنىڭ مۇكاپاتى نېمە؟ - ئادەمزاتنىڭ قائىدىسىدە ياخشىلىقنىڭ مۇكاپاتى يامانلىق، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ دەرەخ، - چۈنكى مەن بۇ چۆل - باياۋان ئوتتۇرىسىدا ئۈنۈپتىمەن. كېلىپ - كېتىپ تۇرغۇچىلارنىڭ خىزمىتىدە تىك تۇرىمەن. ئادەملەر ئىسسىقلاپ ۋە ھېرىپ كەلسە، سايەمدە بىر پەس ئولتۇرۇپ راھەتلىنىدۇ،  - دە، ئۈستۈنگە قاراپ شاخلىرىمنى كۆرۈپ:«پالانى شېخى پالتا سېپىغا لايىقكەن، پۇستانى شېخى كەكە دەستىسىگە مۇناسىپكەن، غولىنى كېسىپ شال تىلسا ئىشىك بولىدىكەن» دېيىشىپ، ئۆزىگە يارىغان شاخلىرىمنى كېسىپ كېتىدۇ. سايەمدىن شۇنداق راھەتلىنىدۇيۇ، ئۆزۈمگە مۇنداق جاپا سالىدۇ. مەن ئول ئەندىشىدەكىم باشى ئۆزرە سايە بەرسەم دەپ، شۇ بۇ غەم بىرلەكىم يىلتىز يەردىن كۆتۈرسەم دەپ. - مانا بۇمۇ گۇۋاھلىقتىن ئۆتتى، - دەپتۇ يىلان ئۇ ئادەمگە، - ئەمدى ساڭا نەشتىرىمنى سانجىماسلىققا ھېچقانداق ئاساس قالمىدى. - ھەي يىلان، - دەپتۇ ئۇ ئادەم، - گەرچە گۇۋاھچىلارنى تاپقان بولساڭمۇ، جان دېگەن ناھايىتى شېرىن نەرسە ئىكەن. ھاياتتىن ئۈمىد ئۈزمەك ناھايىتى مۈشكۈل ئىكەن. شۇڭا يەنە بىر گۇۋاھچى تاپساڭ، ھېچ تالاش - تارتىش قىلماي، ئۆلۈمگە تەن بېرىپ قازا تەرەپكە رىزا بوينىنى سۇناي. شۇ ئەتراپتا بىر تۈلكە ئۇلارنىڭ مۇنازىرىسىنى تاماشا قىلىپ تۇرغانىكەن. - بېرىپ ئاشۇ تۈلكىدىن سورىغىن. نېمە جاۋاب بېرەركىن، - دەپتۇ يىلان ئۇ ئادەمگە. ئۇ ئادەم تۈلكىدىن سۆز سوراپ بولغۇچە تۈلكە ۋارقىراپتۇ: - ھەي ئادەم، ياخشىلىقنىڭ مۇكاپاتى يامانلىق ئىكەنلىكىنى بىلمەمسەن؟ سەن بۇ يىلانغا ياخشىلىق قىلغانلىقىڭ ئۈچۈن ساڭا يامانلىق لازىم بولىدۇ. ئۇ ئادەم بولغان ئەھۋالنى تۈلكىگە بىر - بىرلەپ سۆزلەپ بېرىپتۇ. تۈلكە ئۇنىڭغا دەپتۇ: - سەن ئەقىللىق ئادەمدەك كۆرۈنىسەنغۇ، ئەقىلسىزلاردەك سۆزلەۋاتىسەن. ياراشماس مەرد ئەقىللىققا سۆز ئېيتۇردا خاتا ئېيتماق، راۋا بولماس بىلىملىككە، خىلاپلىق ماجىرا ئېيتماق. - راست دەيدۇ. مېنى ئاشۇ غانجۇغىسىدا تۇرغان تورۋا بىلەن ئوتتىن ئالدى، - دەپ گۇۋاھلىق بېرىپتۇ يىلان. - بۇ سۆزگە قانداق ئىشەنگىلى بولىدۇ؟ بۇنداق چوڭ يىلان بۇ كىچىك تورۋىغا قانداق سىغىدۇ؟ - دەپتۇ تۈلكە. - ئەگەر ئىشەنمىسەڭ، بۇ تورۋىغا كىرەي، ئۆز كۆزۈڭ بىلەن كۆرۈپ ئاندىن ئىشەنگىن، - دەپتۇ يىلان. - ئەگەر ئەينى ئەھۋالنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرسەم، سېنىڭ سۆزۈڭنىڭ راستلىقىغا مەنمۇ گۇۋاھلىق بېرىمەن، - دەپتۇ تۈلكە. ئۇ ئادەم تورۋىنىڭ ئاغزىنى ئېچىپتۇ. يىلان بولسا تۈلكىنىڭ سۆزىگە ئالدىنىپ تورۋىغا كىرىپتۇ. تۈلكە ئىشارەت قىلىپ دەپتۇ: دۈشمىنىڭ ئىلكىڭگە چۈشكەندە بولۇپ ھالى خاراب، مەسلىھەت بۇكى ئاڭا بىر دەم ئامانلىق بەرمىگىن. ئۇ ئادەم تورۋىنىڭ ئاغزىنى بوغۇپتۇ - دە، يەرگە ئۇرۇشقا باشلاپتۇ. ئاقىۋەت ئۇ يىلان ئۆلۈپ، دوزاخ يىلانلىرىغا قوشۇلۇپتۇ. ياماننىڭ ئۆلۈشى خەلقنى  خۇشال قىلىدۇ. بۇ مىسالنىڭ پايدىسى شۇكى، ئەقىللىق ئادەم ھۇشيارلىقنى تاشلىماسلىقى، ئېھتىياتچانلىقنى ئۇنتۇماسلىقى، دۈشمەننىڭ نالە - پەريادىغا ئالدانماسلىقى، ھەر قانداق شارائىتتا دۈشمەنگە ئىشەنمەسلىكى كېرەك. كىشى دۈشمەن سۆزىگە بولسا مەغرۇر، دىل ئۆيىنىڭ چىراغى نۇرسىز بولغاي. دۈشمەن ساڭا دوست بولغۇسى ئاشۇ پەيتتە، تۈن يۈزىدىن قارالىقى گەر يۇيۇلغاي. بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ قاغا شۇنداق دەپتۇ: - بۇ سۆزلەرنى ھېكمەت تىلىدىن ئىزھار قىلدىڭ، مەن ئاڭلىدىم، ئەمما سېنىڭ مەرھەمەت ۋە مۇرەۋۋىتىڭگە لايىقى شۇكى، بۇنداق سۆزنىڭ مەرھەمەت ۋە مۇرۇۋۋىتىڭگە لايىقى شۇكى، بۇنداق سۆزنىڭ كاشىلىسىدىن قېچىپ، ئۈمىدىمنىڭ يۈزىگە ۋىسال ئىشىكىنى ئېچىشىڭ لازىم. دانىشمەنلەر:«بېخىللاردىن قېچىڭلار، سېخىيلارغا دوست بولۇڭلار. چۈنكى سېخىيلار دوستلۇق ئۈچۈن بىر سائەتتە مىڭ تۈرلۈك شەپقەت ۋە مېھرىبانلىق كۆرسىتىدۇ. بېخىللار بولسا يۈز يىللىق دوستلۇقنىڭ قەدىرىنى بىلمەي، ئۇنى بىر پەستە يوق قىلىۋېتىدۇ» دېيىشكەن. شۇڭا ياخشى كىشىلەر باشقىلار بىلەن دوست بولۇشقا ئالدىرايدۇ، دۈشمەنلىشىشكە ئالدىرىمايدۇ. ئەسكىلەر بولسا بۇنىڭ ئەكسىچە، مەسىلەن، ئالتۇن ئاپتۇۋا تېز ياسىلىدۇ، لېكىن پات  بۇزۇلمايدۇ. كوزا بىلەن ئىۋرىق تېز سۇنىدۇ، سۇنۇپ كەتكەندىن كېيىن بولسا پەقەت كارغا كەلمەيدۇ. ئىزدىگىن دوستلۇقنى ھەر جايدا مۇدام، تائەبەتكە قىلغۇدەك بولسا داۋام. ئۇ ساراينىڭ تام چىشى گەر بولسا خام، پات ئۇنى يامغۇر سۈيى بۇزغاي تامام. مەن شۇ ئىشەنچكە يارايدىغانلارنىڭ جۈملىسىدىنمەن. سېنىڭ دەرگاھىڭغا شۇنداق بىر مۇلازىم بولايكى، بۇنىڭدىن كېيىن ھېچقانداق كىشىنىڭ ئىشىكىگە بارمايمەن. سېنىڭ سۆھبىتىڭگە ئۇلىشالماي قالسام، تائام تېتىمايمەن ھەم ئارام ئالمايمەن. ئېتىكىڭنىڭ  ئۇچىنى ئوڭايلىق بىلەن قويۇۋەتمەيمەن. چۈنكى مەن ئۇنى تولا قان يۇتۇپ قولغا كەلتۈردۈم. - مەنمۇ سېنىڭ دوستلۇقۇڭغا جېنىم بىلەن خېرىدارمەن. لېكىن بايىقى باھانىلەرنى كۆرسىتىشىم شۇنىڭ ئۈچۈن ئىدىكى، مۇبادا سەن خىيانەت قىلىپ قالساڭ، مەنمۇ يۇقىرىقى باھانىلىرىمنى ئۆزرە قىلىمەن - دە، سەنمۇ مېنى «جېدىلى يوق ياۋاش - يۇمشاق دوست ئىكەن» دەپ قالمايسەن. سېنىڭ سۆزۈڭ باشلانغاندىن  تارتىپ تا ھازىرغىچە سېنىڭ دوستلۇق مۇھەببىتىڭ كۆڭلۈمدىن ئورۇن ئالغانىدى. بۇ كۆڭۈلدە بولسا ئەگەر ئىشقۇ شەۋق، ئۇ كۆڭۈلدە ھەم بىلىڭ بار مەيلۇ زەۋق. بەرمىسە ئاشىق مۇشەققەتكە چىدام، قىلمىغاي يار ئاڭا رىغبەت، ئېھتىرام. چاشقان شۇ گەپنى دەپ بولۇپ، تاشقىرى چىقىپ تۆشۈكنىڭ ئاغزىدا تۇرۇپتۇ. - نېمىشقا ئالدىمغا كەلمەيسەن؟ مۇڭداشمايمىزمۇ؟ تېخىچە كۆڭلۈڭدە گۇمان بارمۇ نېمە؟ - دەپ سوراپتۇ قاغا. - ئەگەر كىشى دوستىدىن جېنىنىمۇ ئايىمىسا، ئۇنى سادىق دوست دېيىش كېرەك، - دەپتۇ چاشقان، - مەن ساڭا شۇنداق قان  دوستمەن. ھەرگىز مال دوستى، نان دوستى ئەمەس. چۈنكى، بىر كىم بىر  كىمگە تەمە بىلەن ياكى سۈلھى ئۈچۈن دوست بولماقچى بولسا، ئۇنداق دوست بولۇش ئاسان. لېكىن بىر كىم بىر كىمگە ۋەزىيەت تەقەززاسى ياكى نەپسىنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن دوست بولغان بولسا، ئۇ خۇددى قۇشلارنى ياخشى كۆرگەنلىكى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۆز پايدىسى ئۈچۈن دان چاچقان بىر ئوۋچىغا ئوخشايدۇ. بۇنداق دوستلۇق غەرەز ئارىلاشقان دوستلۇق بولۇپ، بۇنىڭدىن ئاداۋەت پەيدا بولۇش ئېھتىمالى بار. ھەر كىم دوستلۇق يولىدا جان پىدا قىلسا، ئۇ تەڭداشسىز ۋاپادار دوستتۇر. دوستلۇقتا جان ۋە باش بىلەن ئويناشقاننىڭ دەرىجىسى نان ۋە ئاشقا دوست بولغاندىن مىڭ ھەسسە ئەلا. چۈنكى ئۆز ۋۇجۇدىنى كىشىگە تەقدىم قىلىش ئەڭ چوڭ سېخىيلىقتۇر. بۇ جاھاندا كىشىگە پۇل سەدىقە قىلغۇچىلار يۈز مىڭلاپ بولسىمۇ، كىشىگە جېنىنى پىدا قىلغۇچىلار كەم تېپىلىدۇ. مەن ساڭا يېقىنلاشسام، ماڭا جان خەتىرى تېگىدۇ. لېكىن مېنىڭ دوستلۇق مۇھەببىتىم شۇ دەرىجىگە يەتتىكى، ئەگەر مېنىڭ جېنىمغا ھاجىتىڭ بولسا، جېنىمنى بېشىمدىن ئۆرۈپ ئالدىڭدا قويىمەن. ئەگەر سەندىن گۇمان قىلىدىغان بولسام، ھەرگىز ئۆز ئىختىيارىم بىلەن ئۇۋامدىن چىقمايتتىم .سېنىڭ ماڭا بولغان دوستلۇقۇڭ شەك - شۈبھىدىن خالىي بولغان بولسا، مېنىڭمۇ ساڭا نەچچە ھەسسە ئارتۇق ئىخلاس ۋە ئېتىقادىم بولغان بولاتتى. ئەمما، سەن بىلەن بىر تائىپىدىن بولغان يارەنلىرىڭ ئەخلاق ۋە مېھىر - شەپقەتتە سەندەك ئەمەس. شۇڭا ئۇلاردىن بىرەرسى مېنى كۆرۈپ قالسا، جېنىمغا قەست قىلارمىكىن دەپ قورقىمەن. - مېنىڭ ۋە يارەنلىرىمنىڭ ئارىسىدا شەرتىمىز بار. ئۇلار مېنىڭ دوستۇمغا دوست، دۈشمىنىمگە دۈشمەن بولىدۇ، - دەپتۇ قاغا. - ھەر قانداق كىشى، - دەپتۇ چاشقان، - دۈشمىنىنىڭ دوستىغا ياكى دوستىنىڭ دۈشمىنىگە دوست بولسا، ئۇنداق دوستنى دۈشمەن قاتارىدا ساناش كېرەك. دۈشمىنىم ئورنىدادۇر ئەقىل ئالدىدا ئىككى كىشى، دۈشمىنىمنىڭ دوستلىرى ھەم دوستلىرىمنىڭ دۈشمىنى. دانىشمەنلەر دەپتىكەن:«دوست ئۈچ قىسىم بولىدۇ: بىرىنچىسى، خالىس دوست؛ ئىككىنچىسى، دوستىنىڭ دوستى؛ ئۈچىنچىسى، دۈشمىنىنىڭ دۈشمىنى. دۈشمەنمۇ ئۈچ تۈرلۈك بولىدۇ؛ بىرىنچىسى، ئاشكارا دۈشمەن؛ ئىككىنچىسى، دوستىنىڭ دۈشمىنى؛ ئۈچىنچىسى، دۈشمەننىڭ دوستى». ئاشكارا دۈشمەننى تونۇش ئاسان بولسىمۇ، كېيىنكى ئىككى تۈرلۈكنى، يەنى دوستنىڭ دۈشمىنى بىلەن دۈشمەن دوستىنى بىلىۋېلىش مۈشكۈلرەك. - خۇداغا شۈكۈر، - دەپتۇ قاغا، - ئارىمىزدا مۇھەببەت پەيدا بولدى. بۇنىڭدىن كېيىن بۇ دوستلۇقنى مۇستەھكەملەيمەن. ئەمدى كىم ساڭا دوست بولسا، ئۇنىڭغا دوست بولىمەن. كىم سېنىڭ دوستلۇقۇڭنى ئىزدەپ كەلسە ياكى ھەر كىم سەن بىلەن دوست بولسا، ئەگەر ئۇ مېنىڭ دۈشمىنىم بولغاندىمۇ مەن ئۇنىڭ بىلەن دوست بولىمەن، ئەگەر كىم سەن بىلەن دۈشمەنلەشسە، گەرچە ئۇ مېنىڭ دوستۇم ياكى ئۇرۇق - تۇغقىنىم بولسىمۇ، ئۇنىڭدىن دوستلۇقنى ئۈزىمەن. كىمنىڭ يۈزىدە ساڭا قۇللۇق قىلىشنىڭ ئەسىرى بولمىسا، مۇبادا ئۇ مېنىڭ ئاتام بولسىمۇ، ئۇنى چوڭ دۈشمىنىم دەپ تونۇيمەن. ئەگەر تېنىمنىڭ قاراۋۇلى بولغان كۆزۈم ۋە كۆڭلۈمنىڭ تەرجىمانى بولغان تىلىممۇ ساڭا مۇخالىپ كېلىدىغان بولسا، ئىككىلىسىنى بىر ئىشارەت بىلەن ۋۇجۇدۇمنىڭ ساھىلىدىن يوقىلىش گىردابىغا تاشلىۋېتىمەن. قىلسا دوستلۇق دۈشمىنىڭگە جىسمىڭ ئىچرە بىر بۆلەك، ئىككى بولدى دۈشمىنىڭ، جەڭ تىغى بىرلە ئىككى ئۇر. چاشقان بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ خاتىرجەم بولۇپ، قاغىنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشۈپ ئۆز ئارا خۇشال بولۇشۇپتۇ. قاغا بۇ يەردە بىر نەچچە كۈن تۇرۇپتۇ. چاشقان ئۇنىڭغا ئۆز قۇربىغا تۇشلۇق زىياپەت بېرىپ مېھمان قىپتۇ. بىر كۈنى چاشقان مۇنداق دەپتۇ: - ھەي دوستۇم، سەن ھەمىشە مۇشۇ يەردە تۇرىۋەرسەڭ ۋە بالا - چاقىلىرىڭنىمۇ كۆچۈرۈپ ئەكېلىپ ماكان تۇتۇپ قالساڭ، بىزنىڭ دوستلۇقىمىز تېخىمۇ كۈچەيگەن بولاتتى. مانا كۆرۈپ تۇرۇپسەن، مەن ياشاۋاتقان بۇ يەر شۇنداق پاكىز ۋە كۆڭۈللۈك جاي. - ئېيتقىنىڭ توغرا، - دەپتۇ قاغا، - بۇ شۇنداق ياخشى جاي ئىكەن، لېكىن چوڭ يولغا يېقىن ئىكەن. بىز بۇ يەردە تۇرساق، يولدىن ئۆتكۈچىلەردىن بىزگە زىيان يېتىپ قېلىشى ئېھتىمال. مېنىڭ ئۆيۈم بار جايدا بىر ئورمانلىق بار. مەنزىرىسى جەننەتتەك پاكىز ۋە چىرايلىق، باغۇ ئېرەمدەك خۇش ھاۋالىق جاي. لەۋلىرى ئېرىق، ئوتتۇرىسى گۈلشەن، گۈل بىلەن سابا تاڭدا سۆيۈشكەن. ساچىنى سۇمبۇل ئەيلىگەچ كەمەند، قىلغان بىنەپشە زاتىن ئەسىر - بەند. مېنىڭ ئۆيۈم ئاشۇ جايدا. ئۇ يەردە مۇقىم ئولتۇرۇشلۇق بىر تاشپاقا بار، ئۇ مېنىڭ دوستۇم. ئۇ يەردە بىز يەيدىغان ئوزۇق - تۈلۈك ئىنتايىن كۆپ، ئۇ دىياردا، بىزگە كۆڭۈلسىزلىك ھەم ۋەھىمە ئاز بولىدۇ. ئەگەر كۆڭلۈك تارتسا، بىرلىكتە شۇ جايغا بارايلى. قالغان ئۆمرىمىزنى كۆڭلىمىز خۇشال ۋە قايغۇسىز ھالدا ئاشۇ كۆڭۈللۈك جايدا ئۆتكۈزەيلى. - لىباسنىڭ ئېتىكىنى ئەجەلنىڭ قولى  تۇتمىغۇچە، سېنىڭ ئېتىكىڭنى قويۇۋەتمەيمەن، - دەپتۇ چاشقان، - ھەر قانداق بەخت سەن بىلەن بىللە بولۇشتىن ئارتۇق ئەمەس. سەن ئاپتاپقا ئوخشاش نەگەر بارساڭ، مەن سايىگە ئوخشاش ئارقاڭدىن ئەگىشىپ ماڭىمەن. ئەگەر مېڭىپ نەدە توختىساڭ، ئايىغىڭدا بىللە بولىمەن. تىرىكلىكىمنىڭ ياقىسىنى ئەجەل پەنجىسى تۇتمىسىلا، سۆھبىتىڭنىڭ ئېتىكىنى قولۇمدىن قويۇۋەتمەيمەن. تەمەننانىڭ ياقىسىنى ۋە سائادەتنىڭ ئېتىكىنى قولغا ئالغاندىن كېيىن قويۇۋەتكەن كىشىگە ئەيىب ئەمەسمۇ؟ مەن بۇ ماكاندا ئۆي تۇتۇپ تۇرۇپ قالغىنىم بىلەن بۇ يەر مېنىڭ ئەسلىي ماكانىم ئەمەس. بۇ يەرگە بىر سەۋەب بىلەن كېلىپ تۇرۇپ قالغانىدىم. سۆزلەپ كەلسەم گەپ تولا. ئەگەر ئاڭلاشنى خالىساڭ، بارىدىغان يېرىمىزگە يەتكەندىن كېيىن سۆزلەپ بېرىمەن. شۇنداق قىلىپ ئۇلار شۇ مەسلىھەتكە كېلىشىپتۇ، قاغا چاشقاننىڭ قۇيرۇقىنى چىشلەپ كۆتۈرۈپ ئۇچۇپ ئۆز ماكانىغا يېتىپتۇ. بۇ چاغدا تاشپاقا  شۇ  جايدىكى بىر بۇلاق لېۋىدە مېڭىپ يۈرگەنىكەن، قاغىنىڭ ئۇچۇپ كېلىۋاتقىنىنى يىراقتىن كۆرۈپ دۈشمەن ئوخشايدۇ، دەپ ئويلاپ سۇغا كىرىۋاپتۇ. قاغا ئۇچۇپ كېلىپ چاشقاننى ئاستا يەرگە قويۇپتۇ ۋە تاشپاقىنى چاقىرىپتۇ. تاشپاقا دوستىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ، سۇدىن چىقىپ، ئايرىغىلى ئۇزۇن بولغان دوستىنى كۆرۈپ شادلىقتىن بېشى ئاسمانغا تاقاشقاندەك بوپتۇ. كەتكەن ئىدى ساق - سالامەت قايتىپ يارى جانان كەلدى، قارا بەختىم ئاقاردى چۈن گويا ماھى تابان كەلدى. ئەي كۆڭۈل غەم ئەسىرى بوپ ئۆتكەنىدىڭ بىر نەچچە كۈن، ئەمدى شاد بول قايتىپ مانا قولغا گۈلى خەندان كەلدى. ئۇلار بىر  - بىرىدىن ھال سورىشىپتۇ. قاغا بولغان ئەھۋالنى - كەپتەرلەرنىڭ تۇزاققا چۈشۈپ قېلىپ ئازاد بولغانلىقىدىن تارتىپ ئۆزىنىڭ چاشقانغا دوست بولغۇسى كېلىپ ئۇنى ئېلىپ ئۆز ماكانىغا كەلگەنلىكىگە قەدەر ھەممىسىنى بىر - بىرلەپ سۆزلەپ بېرىپتۇ. تاشپاقا چاشقاننىڭ دوست بولۇپ كەلگىنىدىن سۆيۈنگەنلىكىنى ئىزھار قىلىپ مۇنداق دەپتۇ: - بەختىمىز سائادىتى سېنى بۇ دىيارغا يەتكۈزدى. تەلىيىمىزنىڭ قۇۋۋىتى جامالىڭ يۇلتۇزىنى بۇ مەنزىلدە تۇغدۇردى. سەن قېشىمغا كەلدىڭۇ كۆڭلۈم ھۇزۇر تاپتى تامام، ئەي ئەزىز دوستۇم ساڭا ھۆرمەتتە دەرمەن «ئەسسالام». - ھادىسىلەر ئاپتىپىنىڭ تابىدىن سىلەرنىڭ مەرھەمىتىڭلارنىڭ سايىسىگە پاناھ ئىزدەپ كەلگەنىدىم. مۇبارەك يۈزىڭىزنى كۆردۈم. ماڭا قىلغان بۇ مەرھەمەت ۋە ئىلتىپاتىڭلارغا قايسى تىل بىلەن شۈكۈر بايان قىلىشىمنى بىلمەيۋاتىمەن، - دەپتۇ چاشقان. ئۇلار ئولتۇرۇشۇپ يول رەنجىدىن ئارام تېپىشىپتۇ. شۇندا قاغا چاشقانغا قاراپ شۇنداق دەپتۇ: - ھەي زېرەك! بېشىڭدىن ئۆتكەن ئىشلارنى سۆزلەپ بېرىمەن دەپ ماڭا ۋەدە قىلغانىدىڭ. تاشپاقىغىمۇ سۆزلەپ بەرگىن. ئوتتۇراڭلاردىكى دوستلۇق تېخىمۇ كۈچەيسۇن. شېكەردەك لېۋىڭنى ئېچىپ، شېرىن سۆزلەرنى چېچىپ، كۆڭلىمىزنىڭ تامىقىنى تاتلىق قىلساڭچۇ. چاشقان تاشپاقىغا قاراپ ھېكايىسىنى باشلاپتۇ.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  ئالدىراڭغۇ خوتۇننى...
●  ئاچ كۆز مۈشۈكنىڭ ھې...
●  ئوۋچى بىلەن بۆرىنى...
●  سېخىي ئەر بىلەن بېخ...
●  زاھىت بىلەن مېھمان...
●  تۆگە مىنگەن ئادەمن...
●  كەكلىك بىلەن قارچى...
●  دوستلارنىڭ ئىناق ب...
●  قاغا، چاشقان ۋە كەپ...
●  دوستلارنىڭ ئىناق ب...
●  ساھىبخان بىلەن باخ...
●  نادان تېۋىپنىڭ ھېك...
●  ئۈچ ھەسەتخورنىڭ ھې...
●  شەيخ بىلەن دەرۋىشن...
●  قارىغۇ يولۇچىنىڭ ھ...
●  تەرىقەتنى تاشلىغان...
●  پادىشاھ بىلەن چۇلۋ...
●  سودىگەر بىلەن خىيا...
●  باغۋەن بىلەن ئېيىق...
●  پاقا، يىلان ۋە مولۇ...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  ئالدىراڭغۇ خوتۇننىڭ ھېك...
●  ئاچ كۆز مۈشۈكنىڭ ھېكايى...
●  ئوۋچى بىلەن بۆرىنىڭ ھېك...
●  سېخىي ئەر بىلەن بېخىل خو...
●  زاھىت بىلەن مېھماننىڭ ھ...
●  تۆگە مىنگەن ئادەمنىڭ ھې...
●  كەكلىك بىلەن قارچىغىنىڭ...
●  دوستلارنىڭ ئىناق بولۇشى...
●  قاغا، چاشقان ۋە كەپتەرل...
●  دوستلارنىڭ ئىناق بولۇشى...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى