ئورنىڭىز : كۇتۇپخانا >> كەلىلە >> دوستلارنىڭ ئىناق بولۇشى ۋە بىر - بىرىگە ياردەم بېرىشىنىڭ پايدىسى
دوستلارنىڭ ئىناق بولۇشى ۋە بىر - بىرىگە ياردەم بېرىشىنىڭ پايدىسى
يوللانغان ۋاقتى : 2008-06-13 09:09:18 كۆرۈلۈش سانى : 196
كصچصك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
راي بەرەھمەنگە مۇنداق دەپتۇ:
- يامان غەرەزلىك پىتنىخورلارنىڭ يالغان سۆزلىرى بىلەن مۇھەببىتى ئاداۋەتكە ئايلىنىپ كەتكەن دوستلارنىڭ ھېكايىسىنى ئاڭلىدىم. ئۇلارنىڭ بىرى بىگۇناھ ئۆلتۈرۈلۈپتۇ. ھېلىقى مەككارغىمۇ قىلمىشىغا يارىشا «مۇكاپات» بېرىلىپتۇ. ئەمدى پۇرسەت يەتسە، سادىق دوستلارنىڭ بىر - بىرىگە قىلغان مەدەتلىرى ۋە دوستلۇق دەرىخىنىڭ مېۋىسىدىن يېگەنلىكى، دۈشمەننى يېڭىش ئۈچۈن ھەمىشە بىر - بىرىگە ياردەم بېرىپ، دوستلارنىڭ رازىلىقىنى ئۆز رازىلىقىدىن ئۈستۈن تونۇغانلىقى توغرىسىدىكى ھېكايىلەردىن سۆزلەپ بەرگىن.
بەرەھمەن مۇنداق دەپتۇ:
چېدىرۇ تەختىڭنى قويدۇڭ توققۇز پەلەكنىڭ ئۈستىگە،
ئەدلۇ ئىنساپ بىرلە قىلماققا جاھان ئەھلىن سوراغ.
شان قۇچۇپ ئاسماندىكى دۈشمەنلىرىڭنى ئەيلە رام،
تاكى ئايۇ كۈنگە چۈشكەي يۈز ھەسەتلەر بىرلە داغ.
- بىلگىنكى، ئەقىللىق كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە، ئىخلاسلىق دوستلار ۋە خالىس يارەنلەردىن قىممەتلىكرەك ھېچقانداق نەرسە يوق.
ئۇنداق كىشى بىر ئۆمۈر سۈرۈپ دەۋران،
بولمىسىمۇ ھېچكىمگە مۇھتاج ھېچقاچان.
ھەر قانداق جايدا دوستلارنىڭ مۇھەببەت تەڭگىلىرى ئىخلاس سەرراپخانىسىدا تاۋلانغان بولسا ياكى دوستلۇق دەرىخى ئىختىساس بېغىدا يەكدىللىك سۈيى بىلەن سۇغىرىلغان بولسا، بۇ جاھاننىڭ راھىتى ۋە خۇشاللىقىنىڭ مەدىتى بولۇپ، بۇنداق دوستلۇقنىڭ پايدا - مەنپەئىتى ھەددى - ھېسابسىزدۇركى، ئۇ بەختلىك كۈنلەردە شادلىق ۋە خۇشاللىققا ئورتاق، قىيىنچىلىق كۈنلەردە ھەمدەم ۋە يار - يۆلەك بولىدۇ.
قولۇڭغا يار كەلتۈرگەنلىكى، ھەر كىم،
يۆلەكسىز قالغۇسىدۇر تاپمىسا يار.
جاھاندا بارچە نېمەتتىن ئىرۇر خوپ،
كىشىنىڭ بولسا بىر دوستى ۋاپادار.
ھىممەتلىك سادىق دوستلار توغرىسىدىكى ھېكايىلەر تارىخ بەتلىرىگە يېزىپ قالدۇرۇلغان. بۇلاردىن بىرى، قاغا، چاشقان ۋە كەپتەر بىلەن تاشپاقا ۋە كېيىكنىڭ ھېكايىسى بولۇپ، بۇ، ھەقىقىي دوستلۇققا مۇناسىپ كەلگۈدەك مەسەل، شۇنداقلا ئاجايىپ ئېسىل قىسسىدۇر.
- ئۇ قانداق ھېكايە؟ - دەپ سوراپتۇ راي.
- كەشمىر ناھىيىسىدە، - دەپ ھېكايىسىنى باشلاپتۇ بەرەھمەن. |
|