بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : كۇتۇپخانا >> ھېكايىلەر >> مۇزلىغان دەرىزە(ھىكايە)

مۇزلىغان دەرىزە(ھىكايە)

يوللانغان ۋاقتى : 2009-02-15 12:47:32    كۆرۈلۈش سانى : 1362  
كصچصك | نورمال | چوڭ             
[post]توڭلاپ مۇز تۇتقان دەرىزە تۇۋېدە كۆزىنى بېر نۇختىغا تىككىنىچە ئاچچىغ تاماكىنى ئۇلاپ قاتتىق-قاتتىق ئىچىگە تارتقىنىچە سېرىتقا ئاپئاق قارلارغا قاراپ ،ياق قارلارغا ئەمەس كۇڭۈل خاتېرسىگە،خاتېرىسىدىكى ئۇنىڭ بىلەن بېلەن ئوتكەزگەن ئەڭ گۈزەل بەخىتلىك چاغلىرى،شۇنداخلا ئېچىنىشلىق تەغدىرىنى بېر -بېرلەپ خىيالىدىن ئوتكەزدى...قۇيۇق چاچلىرى ئۈسۈپ كەتكەن،ئەمدىلا 28گە كىرگىنىگە قارىماي چاچلىرنىڭ يېرىمىغا دىگۇدەك ئاق چاچ باسقان،ساقاللىرى ئۈسۈپ كەتكەن ،چىرايى خۇنۈكلىشىپ كەتكەن بولسىمۇ قاملاشقان تەقى تۇرقىنى يۇشۇرۇپ قالالمىغان ،كۆزلىرى پولتىيېپ چىقېپ يۇغان كۆزلىرنى تېخىمۇ چوڭ كۆرسەتكەن ،كۆزلېرىدە ھاياتلىققا نىسبەتەن ئىچقانداق بېر ئىنكاس يوق پەقەت چاقنىغىنى خۈنۈك ئۈمۈتسىزلىك نۇرى......كۆزلىرىدىن توختىماي ئېقىۋاتقان ياشلىرى ئېگىز قاڭشارلىق بۇرنىنى بويلاپ يا يىغلىغىنىنى يا كۈلگىننى ئۇققۇلى بولمايدىغان يىنىك تىترەۋاتقان لەۋلېرىنى بويلاپ يېرمى كىچىك يېرىم ئېچىلغان ئويماختەك ئاغزىغا قۇيۇلسا،يېرمى ساقال باسقان ئىڭكىنى بويلاپ قۇيۇلاتتى. تاماكا تۈگىسە ئۇلاپ تۇتاشتۇرۇپ قاتتىق چېكەتتى..........ئۇنىڭ مۇشۇ ھالەتتە شۇ سوغوق دەرىزە تۈۋېدە قانچىلىك تۇرغىنىنى بېر ياراتقان ئاللاھ تىن بېلەك ھىچكىم بېلمەيتى.......... ئۇنېڭ دادېسى تاشيول باشقۇرۇش ئىدارىسېنىڭ ئاددى بېر ئىشچىسى ،ئانىسى بېر يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپ ئۇقۇتقۇچىسى بولۇپ دادېسى ئۇ 2 ياشقا كىرمەي تۇرۇپ ، خىزمەت ئۈستىدە ۋاپات بولدى.ئانىسى 5 بالنى بېقىپ ياخشى تەربىيلەش ئۈچۈن يېزدىكى خېزمىتىدىن ئىستىپا بېرىپ شەھەرگە يېنىپ كىلىپ بېر تەرەپتېن باللېرنىڭ تۇرمۇش،ئۇگۈنۈش.....ئىشلىرغا،يەنە بېر تەرەپتىن قايەردە قارا ئىش چىقسا ئىزدەپ قىلىپ بېر ئۆينېڭ ھاجىتىدىن چىقىپ خېلىلا قىيىنچىلىقتا قالغان ئىدى.تەشكىل ئۇلانىڭ بۇ قىيىنچىلقىنى كۆزدە تۇتۇپ ،بالنىڭ چوڭىنى[چوڭ ئاكىسىنى] دادىسېنىڭ ئورنىغا خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇپ ،قالغان ئۇقۇش يېشىدىكى 4 بالىغا تۇرمۇش ياردەم پۇلىسى بېردىغان بولدى، يېتىمنىڭ ئاغزى ئاشقا تەگسە بۇرنى قاناپتۇ،دېگەندەك ئاردىن 2يىل ئۆتۈپ چوڭ ئاكىسىمۇ خىزمەت ئۈستىدە 20 ياشتا ۋاپات بولدى،بۇ دەرت ئازاپلار ،ئۆز پەرزەنتېنى ئۆز قۇلىدا كۆمگەن ئانا ،روھى جەھەتتە،جىسمانىي جەھەتلەردە خېلىلا تۈگشىپ قالغان ئىدى.بۇ ئانىنىڭ تارتقان دەرت-ئازاپلىرنى ،جاپا-مۇشەقەتلىرنى بۇ يەردە سۆزلەپ ئولتۇرمىساممۇ ئۇقۇرمەنلەر چۇقۇم ھىس قىلالىشى مۇمكىن..........لېكىن يەنە ياشاش كېرەك،قالغان 4 بالنى چوڭ قىلىپ قاتارغا قۇشۇش كېرەكتە.بىچارە ئانا يەنە چىشىنى چىشىغا چىشلەپ تەغدېرنىڭ ئۇنىڭ ھاياتىغا سالغان سىنىقىغا، رىياللىققا تەن بەرمەي ئامالى يوق ئىدى.كىيىنكى يىلى تەشكىل يەنە ئۇلارنىڭ ئائىلسىدىكى قىيىنچىلىقنى كۆزدە تۇتۇپ ئۇنىڭ چوڭ ئاچىسىنى دادىسى ئىشلىگەن ئىدارىغا خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇپ بەردى.......مۇشۇنداق قاتمۇ -قات قىيىنچىلىقلارمۇ بۇ قەيسەر ئانىنى تىز پۈكتىرەلمىدى......بىر تەرەپتىن قارا -كۈچ سەرىپ قىلىپ ئېغىر ئىشلانى قىلىش،ئىشتىن ھېرىپ كەلگەندە بولسا قالغان ئۇقۇۋاتقان 3 پەرزەنتىنىڭ ئۇقۇش ،ئۈگىنىش ئىشلىرغا ھەيدەكچىلىك قىلىش.............................20نەچچە يىل مۇشۇنداق تېرىشىش نەتېجىسىدە باللار چوڭ بولۇپ چوڭ قىزى تاشيول ئىدارىسى خىزمەتىسى بولۇپ،شۇ ئىدارىدىكى يەنە بېرخىزمەتچى بىلەن بەخىتلىك ئائىلە قۇرۇپ2 باللىقمۇ بولدى .2-قىزى نېفىت تېخنىكا ئونۋېرسىتتىنى ئەلا نەتىجە بېلەن پۇتتۈرۈپ نېفىت-تەتقىقات ئورنىغا تەخسىم قىلىنىپ شۇ يەردە ئولتۇراقلىشىپ كەسىبدىشى بىلەن ئائىلە قۇرۇپ بېر پەرزەنتلىك بولدى.3- قىزى سۇچىلىق ئىشلىرى مەكتىپىنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۇتتۇرۇپ شەھەرلىك سۇ ئىدارىسىغا تەقسىم قىلىندى،ھەمدە ئىناق ئائىلە قۇرۇپ بېر پەرزەنتلىك بولغانىدى.....بالىنىڭ كىچىكى ئوغۇل(يەنى ئەسەرنىڭ بېشىدا مەن تەسۋېرلىگەن دەرىزە تۈۋېدىكى بۇ ئەسەردىكى باش پىرسۇناژ شۇ)قاتناش ئونۋېرسىتىتنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۇرۈپ كېلىپ نېنى پۈتۈن بولۇش ئالدىدا تۇرغان ئىدى...........ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىمۇ ئۆتكەن شۇ كۈنلەرگە قارغاندا خېلىلا ياخشىلنىپ قالغان ئىدى.يامان جاپالىق ئازاپلىق كۈنلەرنى تۇل ئۆتكۈزۈپ ئەمدى راھىتىنى كۇرەي دېگەن مۇشۇنداق كۇنلەردە بىچارە ئانا خۇددى ئۇزۇن يىل جاپا تارتىپ ئۆز پەرزەنتلىرنىڭ ياراملىق چوڭ بولغىنىنى كۆرۈپ ئۇزۇن يىل ھاردۇق يەتكەندەك ،مەڭگۈلۈك ئازات بولغاندەك،. ئېغىر دەرجىدە روھى كېسەل ۋە يۈرەك كىسلىگە بىراخلا گېرىپتار بولۇپ قالدى.............بەزىدە ئۇنى(باش پىرسۇناژ كىچىك ئوغۇل شۇ)كۆرسە ھە بۇ يەرگە كىلىپ ئولتۇرۇڭ ئۇبدان بالام ھەممسى سىزنى ئۆلۇپ كەتكەن دەيدۇ...مەن ئىشەنمىگەن ،ئاخىرى بېركۈنى سېزنىڭ كۈلۈمسېرەپ ئىشىكتىن كىردىغانلىقىڭىزغا ئىشنەتتىم جېنىم ئوغلۇم يۈرەك پارەم تۇرغۇنجان( ئۈلۇپ كەتكەن چوڭ ئوغلى) ئۈنچېيىپ كىچىك باللەردەك يىغلاپ كېتەتتى.بۇنداق چاغلاردا ئۇ ئاپىسىغا قاراپ ئىچى سېيرىلىپ ئۆزىنى توختېتىۋالالماي ھۆڭرەپ-ھۆڭرەپ ئۈن سېلىپ ئاپا ،جېنىم ئاپا مەن ھايات ،سىز بەكمۇ جاپا چەكتىڭىز ،چارچىدىڭىز،ئەمدى خۇدايىم بۇيرۇسا جېنىم تېنىمدىلا بولىدىكەن،ھەرگىز جاپا تارتقۇزمايمەن .بۇ دۇنيادىكى بېردىنبېر ئارزۇيۇم سىز،پەقەت سىزنى ياخشڭ كۇتۇش.......دېگېنىچە ئاپىسنىڭ قۇچىقىغا ئۈزنى ئېتىپ يىغلاپ كىتەتتى،دە ئاپىسنىڭ 20نەچچە يىلدىن بۇيان ئۆزلىرى ئۇچۈن تارتقان جاپا -مۇشەقەتلىرى،تارتقان دەرت-ئازاپلىرى ،باللىرغا يىگۈزۈپ ئۆزى ئاش-توق ،يىلىڭ -يالڭاچ ئۆتكەن مۇشەقەتلىك كۈنلىرى كۆز ئالدىدىن بېر-بېرلەپ ئۈتكۇزەتتى.مىھرىبان ئانا بولسا پەرزەنىتنىڭ بېشىنى ئىللىق بېرجۈپ قۇللىردا سىيلىغىىنىچە ئۇنداق دېمەڭ بالام ،مەن بۇ دۇنيادىكى ئەڭ بەخىتلىك ئانا ،سېلەر 5 بالا، داداڭلار ئىككىمىزنىڭ بارلىقى........سىلەرنى تەربىيلەپ ياراملىق پەرزەنىت قىلىپ چىقالىساقلا بۇ بېزنىڭ ئۇدۇنيا- بۇدۇنيالىق ئارزۇيىمىز ،سىلەردىن ئىچقانداق نەرسە تەلەپ قىلمايمىز،ھەم تاما قىلمايمىز!پەقەت كۇتىدىغىنىمىز سېلەرنىڭ بەختىڭلارنى كۆرۈش.........ئەمدى قۇپۇڭ ئەركى بالام.....دادىڭىزنىڭ ئشتىن كېلىدىغان ۋاقتى بولدى ،مەن تاماق قىلاي،.سىز ئارام ئېلىڭ ئانا مەن ئىتەي............. ئاپىسى كېسەل بولغاندىن كېيىن بالىلار ئاپىسىنىڭ كېسىلنى داۋالىتىش ئۈچۈن خېلى ياخشى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ كۆرسەتتى.دوختۇرلار كېسەللىك ئەھۋالىنى كۆزەتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ ساقىيىش نېسبىتىنىڭ ئىنتايىن تۆۋەنلىكى،ئۇنىڭ ساقىيىپ بۇرۇنقى دەرىت ئازاپلار ئىچىدە ياشىغىنىدىن ھازىرقىدەك ھىچ ئىشتىن خەۋەرسىز يۇرگىنىنى ياخشى....نىمە قىلسىلە ئۇنى داۋالىتىپ يەنە قايتا ئازاپقا تاشلاپ؟ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ساقايسا ئۇنىڭ يۈرەك كىسىلىگىمۇ پايدىسىز!ئېغىرلىشىپ ھاياتىغا خەۋىپ يىتىشى مۇمكىن ،ئۇنىڭغا ئەڭ ياخشىسى بۇرۇنقى ئىشلانى ئەسلەتمەڭلا ،ئۆمرۇنىڭ ئاخىرغىچە ئۇنى ياخشى كۈتۈڭلار!ئۇ ناخيتتى جىق جاپا-ئازاپ تارتىپتۇ.....دېدى. بارلىق بالىلىرى شۇنىڭدىن تارتىپ ئانىسىنىڭ ئۆمرىنىڭ ئاخېرغىچەھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىش قارارىغا كەلدى.............................................................................................................. ئۇ(ئەمدىكى گەپنى باش پىرسۇناژ كىچىك ئوغۇلغا يۆتكەي)ئۇ ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ كېلىپلا دادىسى ئىشلىگەن ئىدارىغا تىزىملاتتى،،ئىدارىدىن ئۇنىڭغا شىتات كاملىىقىنى بېرمەزگىلدىن كېيىن ئىدارىنىڭ ئىچكى قىسمىدا مەمۇرلۇق ئىمتىھان ئېلىندىغانلىقى شۇنىڭدىن ئۆتسە خىزمەتكە ئېلىشنى ئويلۇشىدىغانلىقىنى بۇ جەريانغا تەخمىنەن 2..3 يىل كېتىدىغانلىقىنى ئېدىيىدە تەييارلىق قىلىپ قۇيۇشنى ئېيتتى.ئۇمۇ ھۇكۇمەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇپ بولۇشىنى كۈتمەي قېرىنداشلىرنىڭ ياردىمى ئارقىلىق شوپۇرلۇق پىراۋېسىدىن بېرنى ئالدى دە باشقىلارغا ياللىنىپ كىرا ماشىنسى ۋە باشقا شەخسيلەرنىڭ ماشىنسىنى ھايداپ بېر ياختېن ئىشلەپ بېر ياغتىن كۆپرەك ۋاقىت چىقرىپ ئاپىسىغا ھەمرا بولۇپ كۈنلەر مۇشۇ تەرىقىدە ئۈتۈپ ئۇنىڭ تۇرمۇش رېتىمىغا ئايلاندى . كۈنلەرمۇ بېر-بىرنى قوغلۇشۇپ ناھايتتى تېز ئۈتۈۋاتاتتى....ئۇنىڭ خىزمەت ئىشىدىن تېخىچە سادا يوق ئىدى....1يىلدىن كېيىن كىچىككىنە بېر ئىش ئۇنىڭ ھاياتلىق رىتىمىنى تۇپتىن ئۆزگەرتتى. مۇخەببەت شۇنداق نەرسە ئادەمنىڭ ئارزۇ-ئارمىنىدىن ھاياتلىق نىشانىدىن ئازدۇرسا،يەنە شۇ مۇخەببەتنىڭ كۈچى ئارقىلىق ئەڭ غالىپلارغا ئايلىنالايسېز!ياكى شۇ مۇخەببەت سىزنى خانى ۋەيران قىلىدۇ ۋە ياكى سېزنى دۇنيادىكى ئەڭ بەخىتلىك ئادەمگە ئايلاندۇرشى مۇمكىن................................... دۇنيادىكى ئەڭ سىرلىق نەرسە نىمۇ دېسىڭىز مەن چۇقۇم شۇ مۇخەببەت دەيمەن.ھورمەتلىك ئۇقۇرمەن بۇ گېپىمنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە ھىكەيەمنى داۋملاشتۇراي....... بىر كۈنى ئۇ كېچىلىك سىمىنىدا كېرا ماشىنسى ھايداۋېتىپ تاڭ ئېتىشقا 2سائات قالغان چېغىدا بىر قىز بىلەن تولىمۇ تەسەدىبى تۇنۇشۇپ قالدى......قىز ناھاييتتى چىرايلىق ھەرقانداق بېر ئىنساننىڭ ئەقلىنى لال قىلغىدەك قىز ئىدى،بىراق بۇنداق گۇزەللەنىڭ ماشىنىغا چىقىرشى تۇنجى قېتىم بولمىغانلىقى ئۈچۈن ھەم ئۇ بۇ جەھەتلەردە ئانچە قىزىقىپ كەتمىگەچكە قىزغا دەسلەپ ئانچە پەرۋا قىلىپ كەتمىدى. -ھە سەپەردىن ھازىرلام كەلگەن ئوخشىمامسېز ؟بەكلا كەچ قاپسېز دېدى ئۇ پەرۋاسىزلا،،، -قىز- شۇنداق ئىدارىدىن تەربىيلەشكە ئەۋەتكەن بىر يىللىق ئۇقۇشنى تۈگتىپ قايتېپ كىلىشىم....ئار يولدا ماشىنا بۇزۇلۇپ قېلىپ مۇشۇنداق كېچىدە چۈشۈپ قالدۇق دەڭە............ قىزغىن پاراڭلىشىشتىن كېيىن ،يىگىت قىزنىڭ ئۇيىنىڭ مۇشۇ شەھەرنىڭ مەلۇم بېر يېزىسىدا ئىكەنلىكى،مۇشۇ شەھەرنىڭ مەلۇم بېر دوختۇرخانىسىنىڭ يۈرەك-قان تۇمۇر كىسەللىكلەر بۈلمىگە ئۇقۇش پۇتتۈرگەندىن كىيىن تەخسىم قىلىنغانلىقىنى ھەمدە شۇ ئۇرۇندا 2 يىلدىن بۇيان ياردەمچى دوختۇرلۇق ۋەزپىسنى ئۈتەپ كېلۋاتقانلىقى بۇ قېتىمقى ئۇقۇشنى تاماملىغاندىن كېيىن رەسمىي دوختۇرلۇققا ئۆسىدىغانلىقىدەك ................................. يىگىتمۇ ئۆزىنىڭ ئۇقۇغان كەسپڭنىڭ پەقەت بېرلا ئىدارىغا ماس كىلدىغانلىقى ھازىر ئۇ ئىدارىدا شىتات كاملىقى....................شۇنداقلا ئاپىسېنىڭ كېسىلى ھەققىدە قىزغىن سۆھبەتلىشىپ خۇددىي كونا سېرداشلاردەك مۇڭدىشىپ ماڭاتتى.. خېلى ئۇزۇن ماڭدىغان يول پاراڭلىشىپ ماڭغاچقىمىكىن بېردەمدىلە ئۇلار مەنزېلگە يەتكەن ئىدى،،،قىز شۇنچە تەستە ئىشىكنى ئۇرۇپ يۈرۈپ تەستە ئاچقۇزغان ئىدى.بۇ چاغدا تاڭ سۈزۈلۈپ قالايمۇ دىگەنئدى. -سىزگە كۆپ رەخمەت ئۇزۇن بولۇپتىكەن بېرسى بىلەن بۇنچە ئېچىلىپ سۆزلىشىپ باقمىغىلى...........دىگەچ قىز يانچۇقىدىن پۇل ئالغاچ،ئۇ؛ - ۋاي-ۋۇي تۈزۈت قىلماڭ بولدى...مېنىڭمۇ مۇشۇنچە بۇلۇپ بېرەرسى بىلەن بۇنچىلىك ئازادە ئېچىلىپ-يېيىلىپ پاراڭلىشىپ باقماپتىكەنمەن................بولدى پۇل تەڭلىمەڭ سىزگىمۇ كۆپ رەخمەت،ئەگەر خالىسىڭىز بېز ياخشى دوسلاردىن بوپ قالايلى دېدى . ئۇ.قىزمۇ ئىككىلىنىپ تۇرماي ماقۇللۇق بىلدۇردى،ھەم يانچۇقۇدىن ئالغان پۇلنى ئۇ ئۇنمىغانغا قارىماي -دوسلۇق دېگەن دوستلۇق يۇلى بىلەن،تېجارەت دېگەن تېجارەت يولى بىلەن ۋاختىڭىز يەتسە ئىزدەپ كىلەرسىز.........ئىسمىم گۈلسايرا، دېگۈنىچە زورلاپ دېگۈدەك بېرۋېتىپ كىرىپ كەتتى.ئۇ ئوزىنىىڭ .نىمە ئۈچۈن ئۇنىڭغا بۇنچە تەكەللۇپ قىلىپ كەتكېنىنى قىزغىن پاراڭلىشىپ كەتكىنىنى ئۇزىمۇ ئۇقمايتتتى،بەلكىم بۇ تەغدېردۇ،،،،،،ئالىي مەكتەپتە ئۇقۇۋاتقان چاغلىردا ئۇ ئۆزىنىڭ قاملاشقان تەقى-تۇرقى بىلەن قانچىلىك قىزلارنى ئۈزىگە كۆيدۇرمىگەن،شۇ قىزلانىڭ نالە ئۇقۇپ ئېيتقان تەلەپلىرنى شۇنداخلا يازغان مۇھەببەتلىك خەتلىرنى قىلچە ئىككىلەنمەستىنلا رەت قىلغان ھەتتا نەچچە گۈزەللەنىڭ تەلەپلىرنى پەرۋاسىزلىق بىلەن جاۋاپمۇ قايتۇرمىغان ئەمەسمىدى،،،،،مۇشۇنداق خىياللارنى قىلىپ كېتىۋاتقاچ سائىتىگە قارىدى.سىمىنا ئالمىشىدىغان ۋاقىتمۇ بوپ قالغان ئىدى.ئۇ ماشىنىنى بۇراپلا ماشىنا ئىگىسنىڭ ئۈيىگە قاراپ ماڭدى ،ۋە تۇيۇقسىز ماشىنىنىڭ ئالدىدا تۇرغان قارا ئاسما سومكىغا كۈزى چۇشتى ، -ھەي ئىشتىن چۇشكەن ۋاقىتتا بۇ قىز سومكىسىنى ئۇنتۇپ قالغىنىنى، قانداق قىلىش كېرەك....ئۇ ماشنىنى توختىتىپ بېرھازا ئويلىنۋالغاندىن كېيىن ئەگەر ئىچىدە مۇھىم نەرسىلەر بولسا ئارقىغا يېنىپ ئاپىرىپ بېرىشنى ،مۇخىم نەرسىلەر بولمىسا كېيىن ئۇنىڭ ياتىقىنى بېلگەندىن كېيىن ئالدېرماي ئاپىرىپ بېرىشنى ئويلىدى،ئاچتى دە دەرخال ئارقىسىغاقايرىلىپ ماڭدى،سومكىدا 3000يۇەندىن ئارتۇق پۇل،بېرمۇنچە چىقىم ئات-چوت تالونى ،يەنە كىملىك،ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق تىببى ئونۋېرسىتتىنىڭ تەربىيلىنىشتە لاياقەتلىك بولغان تۇنۇشتۇرشى ،تۇرلۇك بېرقانچە ئۇقۇش پۇتتۇرۇش گۇۋاھنامىلەر قاتارلىق نۇرغۇن مۇھىم نەرسىلەر بار ئىدى........ئۇ قىزنىڭ ياتاق ئالدىغا بارغاندا خۇددى قىز بىرسىنى ساقلاۋاتقاندەك تىتتىت بۇلۇپ تۇراتتى .ئۇ ماشىنىنى توختىتىپ قىزنىڭ سومكىسىنى كۇتۇرگەن ھالدا قىزنىڭ ئالدىغا ماڭدى.قىز خۇشال بۇلۇپ ئۇنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ كەلدى _دە -سىزنىڭ كىلىشىڭىزگە ئىشىنەتىتىم ......................................    ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي ئۇنىڭ ئاپىسىنىڭ يۈرەك كىسىلى قوزغۇلۇپ قىز بار بۆلۈمدە ياتاقتا يېتىپ داۋالاندى.مۇشۇ جەرياندا قىز يىگىتنىڭ ئاپىسىنى كۈيۈنۈپ ئۇزى بىر قوللۇق داۋالاپ، خىزمەتتىن چۈشكەن ۋ قىتتا يىگىتنىڭ ئاپىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدى.يىگىتنىڭ ئاپىسىنىڭ سالامەتلىكىمۇ ناھايىتى تىزلا ئەسلىگە كەلدى.مۇشۇ جەرياندا قىز بىلەن ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىدا مۇھەببەت ئۇرۇقى چېچىلىپ بىخلىنىشقا باشلىدى. قىز ھەر شەنبە ،يەكشەنبە ئارام ئېلىش كۈنلىرى ئۈيىگە قايتماي قالسا ۋاقىت چىقىرىپ ئۇنىڭ ئۈيىگە بېرىپ ئۇنىڭ ئانىسىنى تەكشۇرۈپ ئاش - تاماقلىرىنى ئېتىپ بېرىپ ئانىسىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ دورىلارنى ئەكىلىپ بېرەتتى .كۈنلەر شۇ تەرىقىدە ئۆتەتتتى .ئەمدىلىكتە قىز بىلەن ئۇ بىر - بىرىدىن ئايرىلالماس بۇلۇپ كەتكەن ئىدى.ھەتتا بىر -بىرسىنى كۆرمىسە بىركۇنمۇ چىدىيالمايدىغان ھالەتكە يىتىشكەن ئىدى.شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئۈيىدىكىلەر قىزنىڭ ئۈيىگە ئەلچىلىككە باردى. قىزنىڭ ئاتا - ئانىسى؛ -بىز بولساق قىرغىز مىللىتىدىن سىلەر بولساڭلار سارىت ( ئۇيغۇر ) بىز ھەرگىزمۇ قىزىمىزنى سارىتلارغا بەرمەيمىز.سىلەرگە بەرگىدەك قىز يوق. ئۇنداق قىزنى بىز سىلەرگە بەرگەندىن تىرىك كۈمۈۋىتىشكە رازى .ئۇنىڭ ئۇستىگە تۈزۈك خىزمىتىمۇ يوق بىكار تەلەتكە ئەسلا بەرمەيمىز. دىگەندەك گەپلەر بىلەن ئۇلارنى يولغا سالغان ئىدى.بۇ گەپ ئۇنىڭ قۇلىقىغا يەتكەن چاغدىلا ئۇزىنىڭ بىر قىرغىز قىزىغا كۈيۈپ قالغانلىقىنى بىلگەن ئىدى .(ئۇ قىزنىڭ قىرغىز مىللىتىدىن ئىكەنلىكىنى بۇرۇن بىلمىگەن) ئەمدى قانداق قىلىش كېرەك ،ئۇنىڭ خىزمەت ئىشىدىن ئازراقمۇ سادا يوق ئىدى. قانداق قىلىش كېرەك -،؟ زادى قانداق قىلىش كېرەك ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟ ئۇ ئويلىغانسىرى خىيالغا پاتتى قوللىرى ئىشقىمۇ بارمايتتى. نەچچە كۈن بولدى تاماقتىنمۇ قالدى. ئۇنىڭ بۇ ھالىنى كۆرگەن ئائىلىسىدىكلەر يەنە قىزنىڭ ئاتا - ئانىسىنىڭ ئالدىغا يىلىنىپ - يالۋۇرۇپ ئۇدا ئۇچ قېتىم قايتا - قايتا باردى. براق ھەر قېتىم بارغاندا ئېرىشكەن جاۋابى ئالدىنقى قېتىمقىغا ئوخشاشلا بولدى.ئۇنىڭ سالامەتلىكى كۈندىن - كۈنگە ناچارلىشىپ باراتتى. يىمەيتتى -ھەم ئىچمەيتتى. ئۇيقۇنىمۇ ناھايتى ئاز ئۇخلاپ كۆپۈنچە ۋاقتىنى قىز بىلەن ئۆتكەن گەرچە قىسقا بولسىمۇ گۇزەل ئەسلىمىلىرنى ، بىر- بىرىگە بىرىشكەن شىرىن تۈگىمەس ۋەدىلىرىنى ئەسلەش بىلەن ئۆتكۈزەتتى. ئەمدى گەپنى قىز تەرەپتىن ئاڭلايلى : قىزمۇ ئۇيىدىكىلەر ئۇنىڭ ئۇيىدىكىلەرنى قايتا - قايتا رەت قىلىۋەتكىنىدىن كيېين يىگىتكە ئوخشاشلا ئىشىق ئۇتىدا كۈيىۋاتقانىدى .گۈزەل ئەسلىمىلەرنى ئەسلەيتتى. خىزمەتتە داۋاملىق خاتالىقلارنى سادىر قىلىپ تۇراتتى. ئۈزى خىزمەتتە بولغان بىلەن خىيالى ئۇنىڭدا ئىدى. ..................................................... قانداق قىلىش كېرەك - ؟ئۇ ئاخىرى قىزنى ئىزدەپ بېرىپ ئېنىق پاراڭلىشىپ بېقىش قارارىغا كەلدى ۋە ئۇنى ئىزدەپ كەلدى.قىزمۇ ئۇنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتۈۋاتقاندەك ئاران تۇراتتى. ئۇنى كۈرۈپلا ئۈزۇنى ئۇنىڭغا ئېتىپ قاتتىق ئۆكسۇپ يىغلاپ كەتتى. - دە؛ - مېنى كەچۈرۈڭ ،ئۇيىمىزدىكەرنىڭ سىزگە ۋە ئۈيىڭىزدىكىلەرگە قىلغان ھۆرمەتسىزلىكىنى كەچۇرۇڭ،گۈل بۇلبۇلسىز ھەرگىز ياشىيالمايدۇ - ياشىغان تەقدىردىمۇ ھاياتىنىڭ مەنىسى بولمايدۇ. مەن سىزدىن ھەرگىز ئايرىلالمايمەن .......................... ئۇلار بىركۈن مەسلىھەتلىشىش ئارقىلىق يىراقلارغا ئۆزلىرى تۇغۇلغان سۈيۈملۈك يۇرتىنى تاشلاپ چىقىپ كىتىش قارارىغا كەلگەن ئىدى. قىز ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۆز خىزمىتىدىن ۋاز كەچكەن ئىدى. ...................................................................    ئۇلار چوڭ شەھەرگە بارغاندىن كېيىن بىرلىكتە مۇساپىرلىقنى ،جاپا - مۇشەققەتنى بېشىدىن كەچۇرۈشتى . ئاتا - ئانىلىرىنى ،تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يۇرۇتىنى سېغىنىشتى ،ھەش - پەش دېگۈچە بىر يىل مۇشۇنداق ئۆتۈپ كەتتى. بىر كۈنى قىزنىڭ ئاتا - ئانىسى ئۇلارنى ئىزدەپ بېرىپ قىزنى قايتۇرۇپ ئىېلىپ كېتىشتى. ياقا - يۇرۇتلاردىكى بۇ ئايرىلىش تىراگىدىيىسى ئۇنىڭغا ھەقىقەتەن ئېغىر كەلگەن ئىدى. ئۇ يەنە بىر مەزگىل شۇ يۇرۇتتا يالغۇز تىرىكچىلىك قىلىپ يۈردى. ئشىق ئۇتى ،ئاپىسى ۋە ئۇرۇق تۇققان ،قېرىنداشلىرىغا بولغان شۇنداقلا يۇرۇتقا بولغان سېغىنىشى ئۇنى يەنە يۇرتىغا قايتۇرۇپ كەلدى.ئۇ كەلگەندە مىھرىبان ئانىسى ئۇنىڭ دەردىدە كونا كېسەللىرى قوزغۇلۇپ يۇرەك كېسىلى بىلەن بۇ رەھىمسىز تۇرمۇش بىلەن مەڭگۈلۈك خوشلاشقان ئىدى..... ئۇنىڭ دەسلەپكى ئارزۇ - ئارمانىنى شۇنداقلا ھايات نىشانى شۇ ئانىسىنى ئۆمۈرنىڭ ئاخىرىغىچە ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىش ئەمەسمىدى!ئۇنىڭ ئەمدى ھايات ياشىشىنىڭ ئەمدى نىمە مەنىسى قالدى؟ -ئاھ مىھرىبان ئانا!مىنى كەچۇر !مەندەك بېر ۋاپاسىز ئوغلۇڭنى كەچۈر!بۇ دۇنيادا ھالىڭدىن ياخشى خەۋەر ئالالمىدىم،ئۇ دۇنيادا بولسىمۇ پەرزەنتلىك بۇرچۇمنى چۇقۇم ياخشى ئادا قىلمەن!ئاھ ئانا ئانا! ئۇ شۇ تەرىقىدە ئانىسنىڭ قەبرېسىگە ئۇزىنى ئېتىپ قانچىلىك يىغلىغىنىنى ئۈزىمۇ بىلمەيتتى!نىمىلا قىلغان بىلەن دېگەن بىلەن .....ئۇ ئاللىمۇقاچان كىچىككەن ئىدى ،،،،، ئەمدى گەپنى قىزدىن ئاڭلايلى! قىزنى ئاتا_ئانىسى قايتۇرۇپ ئېلىپ كەلگەندىن كىيىن قىز قايتا -قايتا ئۆيىدىن قاچماقچى بولغاندا ئاتا _ئانىسى ئۇنى سىزىپ قېلىپ ئايرىم بېر ئۆيگە سۇلاپ تېشىدىن قۇلپا سېلىپ نەزەربەنىت قىلغان.............. ئاتا -ئانىسنى قايىل قىلالمىغان قىز ،،،چاشقان دورىسى يەۋېلىش ،تۇمۇرنى كىسىۋېلىش ،قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن ئۇنىڭغا بولغان پاك مۇھەببېتىنى ئىپادىلگەن،لېكىن ئاتا -ئانىسى ۋاختىدا بايقاپ قېلىپ ئۈمىت ئۇزگەن ھاياتى يەنىلا ساقلىنىپ قالغان ئىدى،لېكىن كۈن نۇرىدىن ئايرىۋېتىلىپ ئۇزاق ياشىغاچقا سالامەتلىكى زور دەرىجىدە يامانلىشىپ كەتكەن ئىدى............................ قىز ئۇنىڭ ،ئۇ قىزنىڭ ئەھۋالىدىن قىلچە خەۋەرسىز ئىدى........................................................................................... ئانىسنىڭ قىرقى نەزىرسىنى بەرگەندىن كىيىن ئۇ ئانىسىنىڭ قەبرە بېشىدا ساق 4 كىچە -كۇندۇزنى يىمەي-ئىچمەي دات-پەريات، يىغلاش بىلەن ئۆتكەزدى....5- كۈنىسى ئاچىلىرى ئۇنى ھۇشسىز ھالەتتە دوختۇرخانىغا قايتۇرۇپ ئېلىپ كەلدى.......ئارىدىن بېر ھەپتە ئۆتكەندە دادىسنىڭ ئىدارىسىدىن مەمۇرلۇق ئىمتىھخان بېرىش ئۇختـۇرشىنى تاپشۇرۇپ ئالدى!.................................................. بىر ھەپتىدىن كېيىن نەتىجە چىقتى .ئۇ تاشيول باشقۇرۇش باش ئوچاستىكىسىنىڭ يول مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىشىخانسىنىڭ يول مەمۇريەت خادىملىقىغا قۇبۇل قىلىنغان ئىدى..................... ئاردىن يەنە بېر يىل ئوتكەن بولسىمۇ ئۇ قىزنى پەقەت ئۇنتۇيالمىدى،ئەكسىچە بولسا ھەر ھەپتىلىك ئارام ئېلىشىدا ،بىكار ۋاختى بولسىلا قىزنىڭ ئۈيىنى چۆەگلەپ كېتەلمەي بەئەينى بىچارە ئىشقى مۇھەببەت مەجنۇنىغا ئايلىنىپ قالغان ئىدى......قىزنى ئويلىسىلا تىپىرلاپ تۇرالماي قالدىغان ،نەپەىسلىرى قىسىلېپ بىئارام بۇلۇپ گاھىدا ھۇشىدىن كېتەتتى.ئۇلارنىڭ بېشىدىن كەچۇرگەن كەچۇرمىشىلىرنى بېلدىغانلار ئۇلارغا ئىچ ئاغرىتىشتى،،ئۇلارغا بەخىت تىلەشتى،ئۇخمايدىغانلار ئۇنى ئۇچۇقتىن ئۇچۇق تەلۋە مەجنۇن دەپ ھاقارەتلەپ لەقەممۇ سېڭدۇرۇشكەن ئىدى.ھەتتا نەچچىسى ئۇنىڭ ھالىنى چۇشەنمەي جاھاندا قىزلار دېگەننىڭ جىخلىقى توغرۇلۇق تەربىيە قىلىشىپ كېتەتتى........................................................ قىز ئۇزۇن مەزگىل كۈن نۇرىدىن ئايرىلۋېتىلگەچكە سالامەتلىكى ئىنتايىن ناچارلىشىپ تېنى بەكلا ئاجىزلاپ كېتىپ ئاخېرغا بارغاندا بۆرەك زەيىپلىشىش كېسىلى بىلەن ئاغرىپ بۆرەك ئالماشتۇرۇشقا توغرا كەلدى،،،بۇنىڭ ئۈچۇن كام دېگەندە 200مىڭ يۇەن كېتەتتى،،،قىز بۇرۇن ئۆزى ئىشلىگەن دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېلىندى،،بۇ خەۋەرنى قىزنىڭ يېقىن دوستى (ئۇنىڭ بۇرۇنقى خىزمەتدىشى)ئۇنىڭغا يەتكۈزدى.....ئۇ نەچچە يىلدىن بۇيان ماشىنا ھايداپ شۇنداقلا ئۇ -بۇ تېرىچىلىكنى شۇنداقلا خىزمەتكە چۇشكەندىن بۇيان يىققان 25مىڭ يۇەن پۇلنى ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىغا تۇتقۇزدى،قىزنىڭ دادىسى؛ - سەن ھەقىقەتەن ۋېجدانلىق ئوغۇلبالا ئىكەنسەن ،لېكىن قىرغىز مىللىتىدىن ئەمەستە.................. دىگەندەك گەپلەرنىلا قىلدى.......قىز ئوپىراتسىيىگە ئېلىىپ كىتىلدى...... قىز ئوپراتسىيىدىن چىقتى ..........دوختۇر دوختۇر.....ئۇنىڭ ئەھۋالى قانداقراق........دوختۇر. دوختۇر بېشىنى چايقىغان ھالدا ؛ -بەك كېچىكىپ ئېلىپ كەپسېلەر ،ئۇنىڭ تېنى بەكلا ئاجىزلاپ كېتىپتۇ. ئوپراتسىيىنى كۆتىرەلمىدى.داۋاملىق ئوپراتسىيىنى داۋاملاشتۇرۇشقا ئامالسېزمىز،كەچۇرۇڭلار...بېردەمدىىن كىيىن ئۇنى ھۇشىغا كەلتۇرمىزخوشلىشىۋېلىڭلار..................... دوختۇر كىرىپ كېتىپ بېرھازادىن كېيىن ئۇنىڭ ئىسمىنى چاقىرىپ ؛ -xxxكىم بولدۇ؟بىمارنىڭ پەقەت مۇشۇ كىشى بىلەنلاڭ كۈرۈشكىسى بار ئىكەن....دەپ ئۇنى ئەگەشتۇرۈپ كىرىپ كەتتى.......باياتىن دوختۇر قىزنىڭ ئەھۋالىنى ئۇقتۇرغاندىن كېيىن قىزنىڭ ئاپىسى كاناي سېلىپ ئۇنىڭغا ئسىلغىنىچە؛ - قىزىمنىڭ ھاياتىنى سەن مۇناپىق نابۇت قىلدىڭ.قىزىمنىڭ ھاياتىنى تۆلە ..... دەپ كانىيىغا ئېسىلىپ يۈز-كۆزلىرگە نۇقۇپ ھۆڭرەپ يىغلاپ پۈتۈن دوختۇرخانىنى بېشىغا كەيگەن ،ئۇ بولسا ھىچ نېمىنى تېخىچە ئاڭقىرالماي قىزنىڭ ئاپىسىنىڭ سۆز -ھەركەتلېرگە ھىچقانداق ئىنكاس بىلدۈرۈشكە ئامالسىز ،پۇتۇن زېھنى قاپ -قاراڭغۇ،ھېچنىمىگە پەرۋا قىلمايدۇ................................................................... دوختۇرنىڭ ئارقىسىدىن مېڭىپ بىمار بار ،ئۆيگە كىرىپ كەلدى .قىز ئۇنى ئاخىرقى تىنىقلىردا ساخلاۋاتاتتى...........................ئۇ كىرىپلا قىزنىڭ قۇچىقىغا ئۈزىنى ئاتتى،،،،يىغلاپ تۇرۇپ؛ - ئاھ جېنىم گۇلسايرا !سىز مىنىڭ ھاياتىم!سىىزسىز مەنمۇ ياشىيالمايمەن!بۇ دۇنيادا ئەمدى سىزدىن باشقا ھىچنىمەم قالمىدى!........دېگەن سۆزلەنى ئاغزىدىن ئارانلا چىقرىپ بۇقۇلداپ كىچىك بالىدەك كىشىنىڭ يۇركىنى ئەزگىدەك بۇقۇلداپ يىغلاپ كەتتى................... قىز مىھرىبانلەرچە بېرجۇپ جانسىز قوللىرى بىلەن ئۇنىڭ بېشىنى سىلاپ تۇرۇپ؛ - كۆڭلىڭىزنى بۇزماڭ..........مەن بىلەن تۇنۇشقاندىن باشلاپ سىز نۇرغۇن ئازاپلارنى تارتتىڭىز....ھەممىنى يېڭىدىن باشلاڭ...مىنى كەچۇرۇڭ ،بۇ دۇنيادا سىزگە جۆرە بۇلۇپ خىزمىتىڭىزنى قىلىش ،ئانىڭىزغا ياخشى كېلىن بولۇپ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ماڭا نېسىپ بولماپتۇ،ئۇ دۇنيادا چۇقۇم سېزگە ياخشى ئايال ،ئانىڭىزغا چۇقۇم ياخشى كېلىن بۇلمەن ياراتقان ئاللاھ نىسىپ قىلسىلا! مەن سېزدىن ئۇ ئالەم-بۇ ئالەم مىڭ مەرتىۋە رازى!قىسقىغىنە ھاياتىمغا ئاتا قىلغان خوشاللىققىڭىزغا، پاك مۇھەببىتىڭىزگە تەشەككۇر!مەندە ھىچقانداق ئارمان يوق بۇ دۇنيادېن كېتىمەن،لېكىن سىز ماڭا ۋەدە بېرىڭ چۇقۇم ياخشى ياشاڭ،ھەممىنى قايتېدىن باشلاڭ .بۇ دۇنيادا ئەمدى مىنى ئۇنتۇپ كېتىڭ،ئانىڭىزنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىڭ...چۇقۇم مەن ئۇچۇن بولسىمۇ ياخشى ياشاڭ بولمىسا مېنىڭ رويىم ئۇ دۇنيادا قورلۇپ قالدۇ............سېز ...سېز ماڭا ۋەدە......؛ -بولدۇ مەن ۋەدە بېرىمەن.........دوختۇر....دوختۇر .......ئۇ.............؛ -سەۋېر قىلىڭ يىگىت ئۇجان ئۈزۈپ بولدى............................... ئۇ شۇ گەپنى ئاڭلاپلا ھوشىدىن كەتتى.......دوختۇرلار ئۇنى يۈلەپ جىددي قۇتقۇزۇش ئۆيىگە ئەكېرىپ كەتتى...............ھۇشىغا كەلگەندە بىچارە ئاچىلىرى ئاغزىنى قوللىردا ئىتىۋالغانچە ئۈنسىز يىغلاۋاتقان ئىدى....؛ -دوختۇر.....دوختۇر ...........ئۇكام ھۇشىغا كەلدى........... كىچىك ئاچىسى دوختۇرنى باشلاپ كېردى..بېرقانچا دوختۇرلار ئۇنى قايتا قايتا تەكشۇرۇش ئارقىلىق ....سىرىتقا چىقىپ كېتىپ بېردەمدىن كېيىن قايتىپ كېرشتى......دە گەپ باشلىدى ؛ -ئەسلى ئۇخـتۇرمايلى دىگەن سىنىڭ كىسىلىڭ ئاخىرقى باسقۇچقا بېرىپ قاپتۇ(راك كېسىلنىڭ ئاخرقى باسقۇچىنى دېمەكچى)شۇڭا ھازىرقى تىبابەتت تەرەققىياتى بۇيىچە ئېلىپ ئېيتقاندا سېنىڭ كېسىلىڭ داۋالانساڭ ساقىيىش ئىمكانىيتىڭ يوق دېيەرلىك،دىمەكچى سىنىڭ يەنە قانداق ئارزۇ ئارمانلىرىڭ بار؟ ئۇنىڭ چىرايىدا دوختۇرنىڭ سۈزىگە نىسبەتەن چىرايىدا ھىچقانداق ئىنكاس يوق ئىدى!ئەجىبا ئۈلۈم قورقۇش دېگەنلەر ئۇنىڭ كاللىسىغا ھىچقانداق تەسېر كورسېتەلمىگەنمىدۇ!؟ ئۇ شۇنچە قەيسەرمىدۇ؟؟ دوختۇرلار ۋە ئائىلىسىدىكىلەر ئۇنىڭغا تىكىلىپ قاراشقىنىچە ھەيرانلىق بىلەن تۇرۇشاتتى،ئۇ ئۈزىنى ئازراق ئۈستىنگە تارتىپ ئۈزىنى ئوڭشىۋالغاندىن كېيىن تولىمۇ خاتېرجەم ھالدا سۆز باشلىدى ؛ -ھۆرمەتلىك دوختۇر !سېنىڭ ماڭا ئەينەن ئەھۋالنى ئېيتقۇنىڭغا كۆپتىن كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن.....دۇنيادا ھايات يۈرۈش بەزى ئادەملەر ئۈچۈن ناھايتتى قىممەتلىك،لېكىن مەندەك ،ھايات ياشاش نىشانىنى يۇقاتقان،ھىچقانداق ئارزۇ -ئارمانسىز بىر كىشى ئۇچۇن ھايات يۈرۈشنىڭ ئۈزى بىر ئازاپتىن باشقا ماڭا ھىچ قانداق بىر خۇشاللىق ئېلىپ كىلەلمەيدۇ،شۇڭا مەن بۇ دۇنيادا ھازېرغىچە ياشاپ ناھاياتتى بەك چارچاپ كەتتىم...شۇڭا مەن قانچىدىن-قانچە بالدۇر دەم ئالسام شۇنچە ياخشى ،شۇندېلا ئازاپ -ئۇقۇبەتلەردىن مەڭگۇلۇك بالدۇرراق،قۇتۇلىمەن !ئۈلۈم ھەربېر ئىنسان قېچىپ قۇتۇلالمايدىغان ،ياش -قېرى دەپ تاللاپمۇ يۇرمەيدىغان بېر ئوبىكتىپ ئۆزگەرمەس قانۇنىيەت،شۇڭا مەن ئۇلۇم دېگەن بۇ ئۇقۇمغا ئىدىيە قەھەتتە بۇرۇنلا تەييارلىق قىلىپ قويغانمەن،مانا بۇگۈن ئۆز قۇلۇم بىلەن ئۈزەم بۇ دۇنيادا ئەڭ بېردىنبېر ياخشى كۆرگەن ئادىمىمنىڭ كۈزىنى يۇمغۇزدۇم ئۇرۇقتۇققانلىرىمدىن باشقا تاتىشىدىغان ئەمدى ھىچقانداق نەرسىمۇ قالمىدى،يەنە داۋاملىق ياشاپ ئۇلارغا يۈك بولۇپ قالغىممۇ يوق ......شۇڭا سىلەردىن ئەڭ ئاخېرقى ئۇتۈنۈشۈم شۇكى گەرچە مىنىڭ ھاياتىم تولىمۇ قىسقا بولسىمۇ ،مېنىڭمۇ ھاياتىمدا ئەسلەشكە تېگىشلىك بولغان نۇرغۇن ئەسلىمىلىرىم بار،خوشال ئۆتكەن نۇرغۇن چاغلىرىم بار.....سىلەر ماڭا ئاخىرقى قېتىم ياردەم قىلىپ مىنىڭ بالنىستىن چىقىش رەسمىيتىمگە قول قۇيۇپ بەرسەڭلار!ھازىر مىنىڭ زىېھنىم ئىنتايىن ئۇچۇق ،ئاخىرقى ياق ئەڭ ئاخېرقى ۋاقىتلىرىمنى شۇ گۈزەل ئەسلىمىلىرىمنى تىنىچ بېر يەردە ئەڭ ئاخېرقى قېتىم بېر ئەسلەپ چڭقسام بۇ دۇنيادىن تېنىچ كەتسەم دەيمەن.بۇ مىنىڭ ئەڭ ئاخېرقى ئارزۇيۇم! ئۇ بۇ گەپلەنى تۇلۇق خەنزۇ تېلىدا جاراڭلىق توغرا تولىمۇ چۇشنىشلىك قىلىپ دېدى.دوختۇرمۇ ماقۇل بولغاندەك بېشىنى لىڭشىتىپ قويدى.كىچىك ئاچىسى ئۇنىڭ گېپى تۇگىىشىگەھۆڭرەپ يىغلاپ تۇرۇپ ؛ -ئۇنداق قالايمىقان گەپ قىلما !جېنىم ئاپپاق ئۇكام !ئاپىمىزدىن ئايرىلدۇق !ئەمدى سەندىن ئايرىلالمايمىز!سەن چۇقۇم ياخشى بولۇپ كېتىسەن!...................................................................................................................                                                                                                                                                   خاتىمە      تىترەۋاتقان ئاجىز قوللىرىدا دەرىزە تەكچىسىنى چىڭ يۆلىۋالغان ئاچچىق تاماكا ئىسىدا يىنىك-يېنىك يۆتىلىۋاتقان ئۇنىڭ خۇنۈك نۇرسېز كۆزلىرى سېرىتتىكى بېر نۇقتىغا تىكىلگەن بولۇپ تۇيۇقسىزلا باشقىچە نۇرلىنىپ چوڭقۇر خوشاللىق تۇيغۇسى ئۇنىڭ جىسمىدا قايتا ناھايتتى قىسقا پەيدا بولغان ئىدى..................................................................................................................... كۆز ئالدىدا ئەمدىلا ئايىقى چىققاندا دادىسنىڭ ئۇنى پەپىلتىپ ئالدىغا قاراپ مېڭىشىغا چاقىرغان قىياپىتى، ئاكىسىدىن ئەرىشىپ چىرقىراپ يىغلىغاندا ئۇنى ئېلىۋېلشقا ماقۇل بولۇپ ئۇنى چاقىرىشى... مىھرىبان ئانىسى بولسا ئۇنىڭغا تولىمۇ يېقىندا تۇرۇپ ،بالام سېز كۆپ جاپالانى چەكتىڭىز ،بەك چارچىدىڭىز .بېز سېزنى ئېلىپ كەتكىلى كەلدۇق !!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!! يەنە بېر تەرەپتە بولسا گۈلسايرا ناھايتتى تاتلىق كۇلۈمسىرگەنچە ئۇنىڭ بىلەن تۇنجى كۈرۈشكەن قىياپەتتىكىدەك تۇراتتى! -سېزمۇ كېلىپسىزدە؟دەپ سوردى ئۇ، ئۈزىنى تۇتۋالالماي . -شۇنداق مەن ۋەدە بەرگەن سېزگە كەلمىسەم قانداق بولدۇ>........................................................................... -ئەلۋېدا ئەزىز يۇرتۇم !ئەلۋېدە بارلىق ئۇرۇق تۇققان دوس بۇرادەرلەر!ئەلۋېدا!!!!!!!!!!!!!!!!!! دادا،ئاپا ،ئاكا،گۇلسايرا،مانا مەن كەلدىم ھازىرلام يېنىڭلارغا بارمەن!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!! شۇنچە تېز چاقنىغان نۇر شۇنچە تېزلا ئۆچتى دە ئۇنىڭ كۆزى خاتېرجەم ھالدا مەڭگۇلۈك يۇمۇلۇپ تۇرغان جايىغا يىقىلدى.................................................................................................. 2008-يىل9-ئاينىڭ15-كۈنى(ئاقسۇسىرى) 1-سۈيۈملۈك ئۇقۇرمەنلەر سەمىگە :ئاپتۇر (ئاقسۇسىرى)ئەدەبىيات جەھەتتە ھىچقانداق خەۋرى يوق!پەقەت ئەدەبىيات-سەنئەت ھەۋەسكارى شۇڭلاشقا ئەسەردە نۇرغۇن يېتەرسېز تەرەپلەر بولشى مۇمكىن! توغرا چۈشىنىپ ياخشى پىكىر تەكلىبلەرنى بېرىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلدۇ! 2-ئاپتۇر كومپىيوتېردا ئۇيغۇرچە ئۇرۇشنى يېىڭىدىن ئۇگەنگەن!ئىملا جەھەتتە نۇرغۇن خاتلىقلار بولشى مۇمكىن! توغرا چۈشىنىشىڭلارنى ئۈمىىت قىلدۇ! 3-ئاپتۇر ھىچقانداق يېزىقچە ھىچقانداق پايدېلنىش ماتېريالى تەييارلىمىغان،بىر تەرەپتېن تەسەۋۋۇر قىلىپ يەنە بېر تەرەپتىن بىۋاستە كومپېيوتېردا ئۇرغان بولغاچقا ،گىراماتكىلىق جەھەتلەردە نۇرغۇن خاتالىقلار بار توغرا چۇشۇنەرسېلەر. 4-قىممەتلىك ۋاقتىنى چىقرىپ ياقتۇرۇپ ئۇقۇغان بارلىق تورداشلىرىمغا تەشەككۇر! 5-سىلەرگە ئازراق بولسىمۇ مەنېۋې ئۇزۇق بولۇشىنى چىن كۆڭلۇمدىن ئۇمۇت قىلمەن. 6-ئۇيغۇر تور بەتچىلىكى تەرەققىياتى ئۇچۇن بولسىمۇ كۆچۇرمىچىلىك قىلمايلى[/post]


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  مۇزلىغان دەرىزە(ھى...
●  تىمتاس مۇھەببەت(ھى...
●  پۇل ھەممىدىن مۇھىم...
●  ئەلۋىدا سۇيۇملۇگۇم...
●  كۈنسىرى ئاۋاتلىشۋا...
●  ساۋاقداشلىق مېھرى ...
●  مەن پاھىشە ئەمەس (ھ...
●  ئاخشام كۆرگەن فانت...
●  ئويلاپ كۈرۈڭ؟
●  ھەسرەت(ھىكايە)
●  كۆلچى يازمىسى: كۆيۈ...
●  [ھېكايە] خىيال...
●  خىياللىرىمسەن(ھىكا...
●  مةختۇمسۇلانىڭ  چېچ...
●  پاھىشە قىز ۋە ئوغرى...
●  ساۋاقدىشىم
●  (مېھرىگىيا)سۇلماس گ...
●  (مېھرىگىيا)كەچكۈز ك...
●  تەنھالىق دالاسى
●  [ھىكايە]بالا

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  مۇزلىغان دەرىزە(ھىكايە)
●  تىمتاس مۇھەببەت(ھىكايە)
●  پۇل ھەممىدىن مۇھىممۇ؟؟؟...
●  ئەلۋىدا سۇيۇملۇگۇم پاتى...
●  كۈنسىرى ئاۋاتلىشۋاتقان ...
●  ساۋاقداشلىق مېھرى مەڭگۈ...
●  مەن پاھىشە ئەمەس (ھىكايە...
●  ئاخشام كۆرگەن فانتازەيى...
●  ئويلاپ كۈرۈڭ؟
●  ھەسرەت(ھىكايە)

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى