بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : كۇتۇپخانا >> ھېكايىلەر >> ئاخشام كۆرگەن فانتازەيىلىك چۈش

ئاخشام كۆرگەن فانتازەيىلىك چۈش

يوللانغان ۋاقتى : 2009-05-01 11:59:58    كۆرۈلۈش سانى : 375  
كصچصك | نورمال | چوڭ             
ئاخشام مەن بىرەر نەرسىنىمۇ تۈزۈك ئويلاپ كەتمەيلا ئۇخلاپ قالغان ئىدىم..... قانداق چاغدا ئۇخلاپ قالغىنىمنى ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن. ئەتتىگەندە تۇرۇپ بامداتقا مەسچىتكا چىقتىم، ئۆيگە كىرىپ كومپىيوتېرنىڭ ئالدىغا كىلىپ ئولتۇرۇپ توساتتىن خىيالىمغا ئاخشام كۆرگەن چۈشۈپ كىلىپ قالدى..... 
-ھەي چاققان بول ، بولمىسا ئۇلار بىزنى يەپ قويغۇدەك. 
دېدى سەمەت جىددىي تەلەپپۇزدا، ھەممەيلەن تەرەپ-تەرەپكە قېچىشتۇق. ئارىدىن تۆتىمىز بىريەرگە كىلىپ قالدۇق، ئاندىن بېشىمىزنى بىر يەرگە ئېلىپ كىلىپ مەسلىھەتلەشتۇق، مەن بېنا ئىشىكىگەمەسئۇل بولدۇم، قالغانلارمۇ ئۆزىنىڭ نېمە ۋەزىپىگە قۇيۇلغانلىقىنى بىلىپ كېتىشىپ قالدى. ئىشىك ئالدىدا تۇراتتىم توساتتىن ئۇچىسىغا ئاپپاق كىيىم كىيگەن بىرەيلەن چىقتى. گەپ سۆز يوقلا ماڭا قاراپ ئېتىلىپ كەلدى، نىمە قىلارىمنى بىلەلمەي قېچىشقا باشلىدىم. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي بىلال كېلىپ ئۇ ئادەمنىڭ بېشىغا بىرنى ئۇردى، ئۇ جايىدىلا يىقىلدى. ئەسلىدە ئۇ ئادەم بىرخىل ۋىروستا يۇقۇملانغان بۇلۇپ ئادەم گۈشى يەيدىكەن. ئالدىمىزدىكى بىنادا تۇرغانلارنىڭ ھەممىسى شۇنداقكەن ، ئەسلى بۇ ساراڭلار ساناتورىيىسى بۇلۇپ مۇشۇنداقلارنى يىغىۋاپتىكەن، ئۇلار دوختۇرلارنىڭ ھەممىسىنى يەپ تەييار قىلىپ قۇيۇپتۇ. )
ئەمدى كۆرۈڭ ئۇلار بىزگە قالدى. ئەمدى قانداق قىلغۇلۇق، يەنە بىرسى چىقتى مەن باردىم بېرىپ ئۇنىڭ بېشىغا بىرنى كۈچەپلا ئۇردۇم، ئۇمۇ يىقىلىپ جايىدىلا جان بەردى. ھە.... ئەسلىدە ئۇلار شۇنداق قىلسا ئۆلىدىكەندە دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە. 
ئو... ما ئىشنى كۆرۈڭ ئەمدى نىمانداق جىق ساراڭلار بۇ، ھەممىسى چىقتىغۇ قانداق قىلدۇق ئەمدى؟ 
گوم... پارتىلىغان ئاۋاز بىلەن بىرنەچچە ساراڭ ئۆلدى قالغانلىرى يەنە قوغلاپ كەلدى، بەزىلىرىنىڭ كاللىسىلا بار باشقا يىرى پارتىلاپ كەتكەن، بەزىلىرىنىڭ يېرىمى يوق يەنە بەزىلىرىنىڭ ئۇيەر-بۇيەر لىرى يوق، ئىشقىلىپ بەك قورقىنىچلىق مەنزىرە.  
-مەن باشتا كېلەي دەپ ھۇجۇمغا ئۆتتۈم، بىر نەچچىسىنى ئۆلتۈرۈپ تۇرسام ئارقىمدىن بىر نەچچە ساراڭلار كىلىپ مىنى تۇتىۋېلىپ بەدەنلىرىمنى تاتلىغىلى تۇردى. 
-ھەي باللا بۇلار مىنى تۇتىۋالدى، دەپ قاتتىق توۋلىدىم،
-ساراڭ نېمە دەيسەن بىز ئۆز ئادەم دېدى بىرسى مىنى يان تەرەپكە تارتىپ.  قارىسام راسلا مېنىڭ تولۇقتا بىرگە ئوقىغان ساۋاغدىشىم ئىكەن. 
-ھە ! قانداق ئەھۋالىڭ؟ نېمىش قىلىۋاتىسەن؟ دەپ سورىدىم مەن ئۇنىڭ قوللىرىنى چىڭ سىقىپ تۇرۇپ. 
-ياخشى تۇرىۋاتىمەن.دېدى ئۇ ماقا قاراپ تۇرۇپ.

-بىزگە مەركەزدىن بۇيرۇق چۈشتى، دېدى ئۇ قەددىنى تىك تۇتۇپ. 
-نېمە بۇيرۇق؟ دېدىم مەن ھەيرانلىق ئىچىدە.
-بۇ يەر ئەپسىز بۇ ياققا كەل. دەپ چاپىنىمنىڭ پىشىدىن تارتتى،  بىردەمدە ئۈچ تېمى بار بىر تېمى يوق ئۆينىڭ ئالدىغا كېلىپ قالدۇق. 
-ھە دىگىنە نېمە بۇيرۇق؟ دەپ سورىدىم مەن تەقەززارلىق بىلەن. 
-ھازىر ئادەم گۈشى يەيدىغان ساراڭلار يەرشارىدىلا ئەمەس ، باشقا قوشنا پىلانتلاردىمۇ يامراپ كېتىپتۇ، دەپ سۆزىنى داۋام قىلدى ئۇ.  
بىز ئالدى بىلەن مارىسقا چىقىمىز، سەنمۇ ھازىردىن باشلاپ ئالاھىدە خادىم، قالغان گەپلەرنى يولدا قىلىشايلى دەپ، مېنى ئۆينىڭ ئىچىگە ئىتتىرىپ ماڭدى. 
ئۆي ئىچىگە كىرىپ تۇرۇپلا قالدىم، قارىسام يارىيا ئېشەك ھارۋۇسى تۇرىدۇ، بىر تۈرۈككە باغلاپ قۇيۇپتۇ. توۋا!!!  دەپ قۇيۇپلا ھارۋۇغا چىقتىم. 
خىت دىگەن ئاۋاز بىلەنلا ئاسمانغا كۆتۈرۈلدۇق. ھاڭ ھاڭ ھاڭ ھاڭ...... ۋاي-ۋۇي  شۇنداق شوخ ئېشەككەن بۇ، يولدا ھېلى ھاڭراپ ، ھېلى سايراپ دىگەندەك كىتىۋاتىدۇ. بىر كەمدە پەسكە قارىسام خېلى بىر يەرگە چىقىپ بوپتىمىز، يەر شارى شۇنداق چىرايلىق تۇرىدۇ. ئانچە ئۇزۇن ماڭمايلا مارىسقىمۇ كەلگەن ئوخشايمىز . 
-قېنى چۈشە كەلدۇق ،دېدى ئۇ. ماڭغاندا ئېشەك ھارۋۇسىدا ماڭغانداك قىلغان چۈشكەندە ئارقامغا قارىسام شۇنداق ھەيۋەت ئۇچار تەخسىدىن چۈشىۋاتىمىز. بۇ نېمە ئىشتۇ ئەمدى دەپ ياقامنى تۇتۇپ قويۇپ ئالدىمغا قاراپ ماڭدىم.
شۇنداق ھەيۋەت بىر شارقىراتمىنىڭ ئالدىغا كەلدۇق، سۇ لار ھەرخىل رەڭدە چۈشىۋاتىدۇ، بىر توپ ئادەملەر سۇ ئىچىۋېتىپتۇ.... 
-ئەنە ئاۋۇلار ئاشۇ ساراڭلارنىڭ ئارىسىدىكى بىرنەچچىلىرى، دېدى بىرەيلەن قولى بىلەن ئۇلارنى كۆرسىتىپ. ئۇنىڭغىچە ئۇلار بىزنى كۆرۈپ قېلىپ يۈگۈرىشىپ كەلدى، ئەڭ ئالدى بىلەن مېنىڭ ئالدىمغا كىلىپ تۆت پۇتلۇق ئۆرە تۇرۇشتى، ئۇلار ساراڭلارنىڭ ياخشىلىرى ئىكەن، دوست بولۇپ قالدۇق، ساراڭلار بىزنى باشلاپ يەنە بىر توپ ساراڭلار بار يەر يەرگە باشلاپ ماڭدى، ساراڭلار بار يەرگىمۇ كەلدۇق، ئەتراپقا بومبا كۆمدۇق، ئاندىن ئۇلارغا قاراپ ۋارقىرىدۇق. 
-ھوي... ساراڭلار بىز سىلەرنى ئىزدەپ كەلدۇق تېز كىلىشە... 
ھايت-ھۇيت دىگۈچە ئۇلار بىر توپ بۇلۇپ كەلدى، ئالە شەرىڭنى... بەك جىق جۇمۇ ئۇلار، ھەيران قالدىم. بىزنى ئۇ يەرگە باشلاپ بارغان ساراڭلار بىردەمدە بىزنى باغلاشقا كىرىشتى، قۇلۇمدا قورال بار ئىدى، نەگە كەتتى ئۇ بىلمىدىم، بەلكىم قورىققان بولسا قاچقان ئوخشايدۇ ئۇ ناچار دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە. ھەممە ساراڭلار بىزنى قورشىۋالدى. ئەتراپىمغا قارىسام مەن بىلەن بىرگە كەلگەنلەرمۇ يوق. قانداق قىلىمەن ئەمدى يەرگە قاراپ تىزلىنىپ تۇرىمەن، ئۇلار جىق گەپلەرنى قىلدى ، نېمە دىگىنىنى ئىسىمگە ئالالمىدىم. ئىشقىلىپ ماڭا پايدىلىق گەپ قىلمىدى دەپ ئويلايمەن. چىرايى شۇنداق بەتبەشىرە بىر ساراڭ ئوتتۇرىغا كىلىپ چېچىمدىن مۈرەمدىن تۇتتى، ھېچقانداق گەپ-سۆز يوقلا يېنىدىن قىلىچىنى چىقىرىپ بىر قولۇمنى كەستى، توۋا!!...  ئا ساراڭ قولۇمنى كىسىپ يەپ كەتتى دەيمەن..
-ئانا..... 
-نېمە بولدى بالام، يەنە قارا بېسىپ قاپتۇدە؟ دېدى ئانام .
ئەتراپقا بىر قۇر نەزەر كۆزۈمنى تاشلىسام ھۇجرامدا يېتىپتىمەن يوتقانلارمۇ كارۋاتتىن چۈشۈپ كېتىپتۇ، توۋا!!! 
-شۇ كۈندە قارا باسىدۇ، سائەت نەچچە بولدى ئانا .
-تۆت بولدى بالام.

 
ئورنۇمدىن تۇرۇپ تاھارەت ئېلىپ مەسچىتكە قاراپ ماڭدىم..... 
 
مەن كۈندە شۇنداق غەيرى چۈشلەرنى كۆرىمەن، بەلكىم بۈگۈن كېچە ئۇخلاپ بۇنىڭدىنمۇ دەششەت چۈش كۆرۈشۈم مۇمكىن.......... 
مەنبەنى نېمە دىسەم بولار؟ ياخشىسى ئۆزخىياللىرىم دەي... !


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  مۇزلىغان دەرىزە(ھى...
●  تىمتاس مۇھەببەت(ھى...
●  پۇل ھەممىدىن مۇھىم...
●  ئەلۋىدا سۇيۇملۇگۇم...
●  كۈنسىرى ئاۋاتلىشۋا...
●  ساۋاقداشلىق مېھرى ...
●  مەن پاھىشە ئەمەس (ھ...
●  ئاخشام كۆرگەن فانت...
●  ئويلاپ كۈرۈڭ؟
●  ھەسرەت(ھىكايە)
●  كۆلچى يازمىسى: كۆيۈ...
●  [ھېكايە] خىيال...
●  خىياللىرىمسەن(ھىكا...
●  مةختۇمسۇلانىڭ  چېچ...
●  پاھىشە قىز ۋە ئوغرى...
●  ساۋاقدىشىم
●  (مېھرىگىيا)سۇلماس گ...
●  (مېھرىگىيا)كەچكۈز ك...
●  تەنھالىق دالاسى
●  [ھىكايە]بالا

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  مۇزلىغان دەرىزە(ھىكايە)
●  تىمتاس مۇھەببەت(ھىكايە)
●  پۇل ھەممىدىن مۇھىممۇ؟؟؟...
●  ئەلۋىدا سۇيۇملۇگۇم پاتى...
●  كۈنسىرى ئاۋاتلىشۋاتقان ...
●  ساۋاقداشلىق مېھرى مەڭگۈ...
●  مەن پاھىشە ئەمەس (ھىكايە...
●  ئاخشام كۆرگەن فانتازەيى...
●  ئويلاپ كۈرۈڭ؟
●  ھەسرەت(ھىكايە)

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى