ئەلۋىدا سۇيۇملۇگۇم پاتىمە !
يوللانغان ۋاقتى : 2009-04-17 17:23:49 كۆرۈلۈش سانى : 599
كصچصك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
ئەلۋىدا سۇيۇملۇگۇم پاتىمە !
مەن سۇيۇملۇك ئايالىمنى ياخشى كورەتتىم ، مەن مىنىڭ بىلەن ئەللىك كۇن ئەر - ئايال بۇلۇپ ئۇلۇپ كەتكەن ئايالىم پاتىمەنى ياخشى كورەتتىم ، ئۇنى چىن يۇرۇگۇمدىن سۇيەتتىم .
بىزنىڭ تۇيىمىز شۇنداق ئاددى ئەمما بەك گۇزەل بولغان ئىدى . ئۇ كۇنى دۇنيادا مەندى بەخىتلىك ئادەم يوق ئىدى . بىز توي قىلدۇق لىكىن ئۇ مەن بىلەن پەقەت ئەللىك كۇن ئوي تۇتۇپلا مىنى داغدا قۇيۇپ ئۇ ئالەمگە كىتىپ قالدى . ئۇ ھەقىقەتەن بەك ياخشى ئايال ئىدى ، ئۇ مىنى بەك ياخشى كورەتتى مەنمۇ ئۇنى ئىنتايىن ياخشى كورەتتىم .
ياتقان يىرىڭىز جەننەتتە بولسۇن پاتىمە ! ، اللەنىڭ سىزگە ئۇ دۇنيادا چەكسىز بەخىت ئاتا قىلىشىنى ئۇمۇت قىلىمەن .
ئۇنىڭ كوزلىرى شۇنداق چىرايلىق ۋە يېقىملىق ئىدى . ئۇنىڭ ئاشۇ يېقىملىق كوزلىرىدىن ماڭا تۇگۇمەس مىھرى يېغىپ تۇراتتى ، مەن ئۇنىڭ بىلەن ئوزەمنى ئاجايىپ بەخىتلىك ھېس قىلاتتىم ئۇنىڭ بىلەن ئويدە كىچىك بالىلاردەك ئوينىشاتتىم . بازارلارنى بىرگە ئارلايتتىم . بىرگە ئولتۇرۇپ تاماق يەيتۇق . نامازنى ئويدە ئۇقۇپ قالغان ۋاقىتلىرىمدا نامازنى ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇقۇيتتۇم ، دۇئالىرىمىزدا بىر - بىرىمىزگە بەخىت تىلەپ دۇئا قىلىشاتتۇق . ئەپسۇس ئۇ مىنى قان - زار يىغلىتىپ كەلمەسكە كىتىپ قالدى . مەن بۇ سۇيۇملۇك ئايالىمنى ھىچقانداق بىر ئايالغا تەڭ قىلمايتتىم ئەمىلىيەتتىمۇ ئۇ بەك پەزىلەتلىك بىر ئايال ئىدى . ئۇنىڭ ھەر بىر ھەركەتلىرى ماڭا شۇنداق يېقىملىق ئىدىكى ئۇنىڭ ئادەتتىكى ئىشلىرىمۇ مىنى شۇنداق بەك سۇيۇندۇرىۋېتەتتى ، ئۇنى كورسەم باشقا ھەممە ئىشنى ۋە غەم - قايغۇلارنى ئۇنتۇيتۇم .
مىنىڭ پاتىمەرىم ئۇلۇپ كەتتى ، ئۇلۇپ كەتكەندىمۇ مىنى بەكلا ھەسرەتتە قالدۇرۇپ ئومۇرلۇك ئازابتا قالدۇرۇپ قۇيۇپ ئۇلۇپ كەتتى ، ئۇ مەڭگوگە كەلمەسكە كەتتى . بۇنى پەقەت ھىجران ئازابى تارتقانلارلا بىلىدۇ .
مەن ئۇنى ئوز قۇلۇم بىلەن يەرگە كۇمۇپ قويدۇم ، كوز ياشلىرىم بىلەن نەمدەلگەن تۇپراق ئاستىغا كۇمۇپ قويدۇم ، ئۇنىڭ بىلەن ئوزەمنىڭ گۇزەل ئارزۇ - ئارمانلىرىمنى ئۇنىڭغا بولغان مۇھەببىتىمنىمۇ كۇمۇپ قويدۇم . ئۇ كەتتى بەكلا يىراققا كەتتى مىنىڭ يۇرەكلىرىمنى پارە - پارە قىلىپ تاشلاپ كەتتى . ئاھ خۇدا بۇ نىمانداق چوڭ سىناق ماڭا سەبرى ئاتا قىلغىن ئۇنى ماڭا ئوزەڭ نېئمەت قىلىپ بەرگەن ئىدىڭ ئۇنى يەنە ئوزەڭ ئېلىپ كەتتىڭ .
ئۇ مىنىڭ ھازىرقى ئازابلىرىمنى كورگەن بولسا ھەرگىزمۇ چىدىمايتتى مىنى ئاشۇ ئىللىق باغرىغا چىڭ بېسىپ ماڭا تەسەللى بېرەتتى ، ئاشۇ نازۇك قوللىرى بىلەن كوز ياشلىرىمنى سۇرتكەن بولاتتى .
پاتىمە بۇ نىمىدىگەن چىرايلىق ئىسىم ھە ! بىزنىڭ پەيغەمبىرىمىزنىڭ يۇرەك پارىسى بولغان قىزىنىڭ ئىسمىمۇ پاتىمە ئىدى .
ئۇ ھايات ۋاقتىدا ئۇنىڭ ئىسمىنى ھەر بىر تىلغا ئالغىنىمدىمۇ ئاجايىپ سۇيۇنۇپ كېتەتتىم . شۇ ۋاقىتلاردا بىر دوستۇم مىنىڭ ئايالىمنى ئاجايىپ ياخشى كۇرۇشلىرىمگە قاراپ : سىز پاتىمە دېگەن ئىسىمنى بەك چىرايلىق دەيسىز باشقىلارنىڭ ئاغزىدىن بۇ ئىسىمنىڭ بۇنداق يېقىملىق چىققىنىنى ئاڭلاپ باقماپتىكەنمەن - دېگەن ئىدى . ئۇ توغرا دەيدۇ . چۇنكى مەن ئۇ ئىسىمنى تىلىم بىلەنلا ئەمەس بەلكى دىلىم بىلەن ، يۇرۇگۇمنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرى بىلەن تىلغا ئالىمەن ئەمەسمۇ ، شۇنىڭ ئۇچۇن شۇنداق گۈزەل چىقىدۇ - دە .
پاتىمە ئۇ دۇنياغا كەتتى ............ ئەمما ئۇ ماڭا ئوچمەس ئۇتىنى قالدۇرۇپ قۇيۇپ كەتتى .
ئۇ مۇھەببەتنى قەدىرلەيتتى ، چۇنكى ئۇ دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ نەرسىلەردىن بىرى مۇھەببەت دەپ قارايتتىم . ئۇنىڭ ماڭا بولغان مۇھەببىتى بەكمۇ پاك ئىدى .
ئۇ پەقەت ئون كۇنلا كېسەل ئازابىنى تارتتى .
پاتىمە مەن سىزنىڭ ئۇلۇپ كەتكىنىڭىزگە ھازىرغىچە ئىشەنمەيمەن ، مەن دائىم ئىشىكتىن سىزنىڭ كۇلۇمسىرگەن ھالدا كىرىشىڭىزنى مىنى باغرىڭىزغا چىڭ بېسىشىڭىزنى بەكمۇ ئۇمۇت قىلىمەن . ھىچ بولمىدى دېگەندە چۇشلۇرۇمدە بولسىمۇ سىز بىلەن دائىم بىللە ياشاشنى ئۇمۇت قىلىمەن . بىزنىڭ بەخىتلىك كۇنلىرىمىز بەكلا قىسقا بولدى پەقەت ئاجايىپ گۇزەل بىر چۇشتەك بۇلۇپ قالدى ئەمما مەن شۇ چۇشتىن ئويغىنىپ كەتمىسەم بولاتتى .
ئەلۋىدا پاتىمە مەن سىزنى مەڭگۇ سويىمەن ............. مەن سىزنىڭ خاتىرجەم يېتىشىڭىزنى ھەم اللەنىڭ رەھمىتىگە ئىرىشىڭىزنى ئۇمۇت قىلىمەن شۇ تاپتا مەن كوز ياشلىرىمنى پەقەتلا توختالمايۋاتىمەن ............. ئەلۋىدا سۇيۇملۇگۇم پاتىمە ! .........
مۇناجات
|
|