بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : كۇتۇپخانا >> ھېكايىلەر >> ساۋاقداشلىق مېھرى مەڭگۈ ئۆلمەيدۇ!!!

ساۋاقداشلىق مېھرى مەڭگۈ ئۆلمەيدۇ!!!

يوللانغان ۋاقتى : 2009-05-09 22:41:05    كۆرۈلۈش سانى : 684  
كصچصك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>
ساۋاقداشلىق مېھرى مەڭگۈ ئۆلمەيدۇ!!! [قەشقەر يېزا ئىگىلىك مەكتەپ 97-65 يىللىق سىنىپتىكى ساۋاقداشلىرىمنى ئەسلەيمەن] بىر تىزىق مارجان،بىر دەستە گۈلدەك، ئۆتكەن   ئىدۇق   ساۋاقداش   بولۇپ، ئەمدى  بىز  بۈگۈن  ئايرىلار بولدۇق، جۇدالىق   يېشى   كۆزلەرگە  تولۇپ. قالدى   ئەسلىمە   ياتاق  -  سىنىپتا، قالدى   رىشتە   باغلانغان    ماكان. كەتسەكمۇ  يىراق، يىراق  جايلارغا، بىزلەر ساۋاقداش، ساۋاقداش ھامان. … … … … … … … … …. ھەر قېتىم ئابدۇللا ئابدۇرېيىم ئىجراسىدىكى‹ئايرىلىش مىنۇتلىرى› دىگەن كىشىنىڭ يۈرەك تارىنى چېكىدىغان بۇ مۇڭلۇق ناخشىنى ئاڭلىغىنىمدا، ئىختىيارسىز كۆز ئالدىمغا بۇندىن 8 يىل ئىلگىرىكى شۇ ئۇنتۇلماس كۈرۈنۈشلەر كۆز ئالدىمغا كېلىدۇ؛ 2001-يىل7-ئاي،قەشقەر يېزا ئىگىلىك تېخنىكومىنىڭ دىھقانچىلىق 97-65 يىللىق سىنىپىنى پۈتتۈرىدىغان 42 نەپەر ساۋاقداش مەكتەپتىن ئايرىلىدىغان كۈنى ئابدۇللانىڭ بۇ ناخشىسىغا جۆر بولۇپ ،كۆزلىرىمىزدىن تارام-تارام ياشلىرىمىزنى تۆككىنىمىزچە، كۆڭلىمىزدىكى گەپلىرىمىزنى دىيىشىپ ،بىر ئاخشام ئۇخلىماي تۈنەپ چىققان ئىدۇق… مانا،ھەش-پەش دىگۈچە بىزگە  ئوقۇش پۈتتۈرگىلى 8 يىل بوپتۇ.شۇنچە يىراق جايلاردىن  ئوقۇش ئۈچۈن بىر سىنىپقا  جۇغلىشىپ ،بىر ياتاقتا  يېتىپ ،ئاكا-ئۇكا ،ئاچا-سىڭىلدەك بولۇپ،4 يىلنى خۇددى 4كۈندەك  ئۆتكۈزگەن ئىدۇق.ئاقىۋەت،ئوقۇش پۈتتۈرۈش سەۋەبىدىن ،ھەممەيلەن يەنە ئۆز يۇرىتلىرىمىزغا قايتىشقا مەجبۇر بولدۇق. مانا ھازىر ئەنە شۇ 42 نەپەر ساۋاقداش رايۇنىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى يېزا ئىگىلىك ،مەدەنىيەت-مائارىپ،خەلق ئىشلارقاتارلىق تارماقلاردا خىزمەت قىلىۋاتىمىز.يېڭى ئوقۇش پۈتتۈرگەن مەزگىللەردە،ھەممە ساۋاقداشلار ئىزچىل تۈردە ئالاقە قىلىپ تۇراتتۇق، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ،ھەممەيلەن تۇرمۇش قۇرۇپ،ئۆي-ئوچاقلىق بولدۇق،خىزمەت، تۇرمۇش ھەلەكچىلىكى بىلەن ئالاقىمىز تەدرىجى ئازلاپ كەتتى.مانا ھازىر ھەتتا بىر قىسىم ساۋاقداشلارنىڭ تېلېفون نومۇرلىرىنىمۇ ئۇنتۇپ،ئالاقىلىشىش ئىمكانىيىتى بولمايۋاتىدۇ!!!... … مەن مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن ،تور ئارقىلىق ئاشۇ ساۋاقداشلىرىمغا بولغان چەكسىز سېغىنىشىمنى يوللايمەن! ھەم ئۇلارنىڭ تىنىگە سالامەتلىك،ئائىلىسىگە بەخت،خىزمىتىگە زور ئۇتۇقلارنى تىلەيمەن.!!!... .... ئەي ئەزىزساۋاقداشلار، شۇنى ئۇنتۇماڭلاركى،ساۋاقداشلىق مىھرى-مۇھەببەت مەڭگۈ ئۆلمەستور،ئىزدىشىپ ،ئالاقىلىشىپ تۇرايلى. مېنىڭ تېلېفون نومۇرۇم؛ 13629985749    6820481   QQ نۇمۇرۇم؛ 859854425 قەشقەر يوپۇرغا  ناھىيە ئاخۇنلۇقۇم يېزا  ئورگان؛ نامانجان ياسىن ئۆزھال. 2009-يىل 5-ئاينىڭ 10-كۈنى .


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  مۇزلىغان دەرىزە(ھى...
●  تىمتاس مۇھەببەت(ھى...
●  پۇل ھەممىدىن مۇھىم...
●  ئەلۋىدا سۇيۇملۇگۇم...
●  كۈنسىرى ئاۋاتلىشۋا...
●  ساۋاقداشلىق مېھرى ...
●  مەن پاھىشە ئەمەس (ھ...
●  ئاخشام كۆرگەن فانت...
●  ئويلاپ كۈرۈڭ؟
●  ھەسرەت(ھىكايە)
●  كۆلچى يازمىسى: كۆيۈ...
●  [ھېكايە] خىيال...
●  خىياللىرىمسەن(ھىكا...
●  مةختۇمسۇلانىڭ  چېچ...
●  پاھىشە قىز ۋە ئوغرى...
●  ساۋاقدىشىم
●  (مېھرىگىيا)سۇلماس گ...
●  (مېھرىگىيا)كەچكۈز ك...
●  تەنھالىق دالاسى
●  [ھىكايە]بالا

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  مۇزلىغان دەرىزە(ھىكايە)
●  تىمتاس مۇھەببەت(ھىكايە)
●  پۇل ھەممىدىن مۇھىممۇ؟؟؟...
●  ئەلۋىدا سۇيۇملۇگۇم پاتى...
●  كۈنسىرى ئاۋاتلىشۋاتقان ...
●  ساۋاقداشلىق مېھرى مەڭگۈ...
●  مەن پاھىشە ئەمەس (ھىكايە...
●  ئاخشام كۆرگەن فانتازەيى...
●  ئويلاپ كۈرۈڭ؟
●  ھەسرەت(ھىكايە)

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى